ياۋروپاچە ئىسلام (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (45)

1083439
ياۋروپاچە ئىسلام (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (45)

«ياۋروپاچە ئىسلام»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ياۋروپاچە ئىسلام» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ياۋروپادا قويۇق بىر شەكىلدە «ياۋروپاچە ئىسلام» تالاش تارتىشى داۋاملاشماقتا. بۇ ئاساسەن مۇسۇلمانغا قارىتىلغان تالاش تارتىش بولۇش بىلەن بىرگە، مەسىلىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ئومۇمەن ياۋروپا دۆلەتلىرى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، غەربلىك ئاكادېمىكلار ۋە يازغۇچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە.

مۇنازىرە ئاساس نۇقتىسىدىن ئورۇنسىز بىر تالاش تارتىش ئەمەس. يەر شارىلىشىش بىلەن بىرگە ئوخشاش بولمىغان كىملىك، كۈلتۈر، دىن ۋە تىلغا مەنسۇپ ئىنسانلار تېخىمۇ بەك گىرەلەشمەكتە ۋە بىرلىكتە ياشىماقتا. بۇ بىرلىكتە ياشاش ئوسمانلى دۆلىتىگە ئوخشاش تەجرىبىلىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مەلۇملۇق بىر ئەھۋال بولسىمۇ، غەرب دۇنياسىغا نىسبەتەن تېخىچە يېڭى بىر ئەھۋال بولۇپ كەلمەكتە. ئالدىنقى ئەسىردە غەرب دۆلەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە كۈلتۈرگە تەۋە دۆلەتلەر بىلەن ئېكىسپالاتاتسىسە قىلىش ۋەياكى ئېكسپالاتاتسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتى قۇرغان بولسا، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ غەربكە كۆچىشى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئوخشىماسلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئەينى چاغدا بىرلا تىپلىق خەلق دۆلىتى دەۋرى بولغاچقا، ئوخشىماسلىقلارنىڭ بىرلىكتە ياشىيالىشى تولىمۇ قېيىنلاشقان دەۋر بولغان ئىدى. 

ئىسلامغا ماسلىشالايدىغان ياۋروپا كۈلتۈرى

ئوخشاش بولمىغان تارىخ، دىن ۋە كۈلتۈرگە مەنسۇپ ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ بەك بىرلىكتە ياشاۋاتقان بولسا، بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلىرى نۇقتىسىدىن ئەلۋەتتە دۆلەتلەر، ئورگانلار ۋە زىيالىيلار بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشى لازىم.

«ياۋروپاچە ئىسلام» دىن مەقسەت، ياۋروپاغا سىرتتىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ئىسلامىي ئېقىملار ئەمەس، ياۋروپانىڭ ئۆز ئىچىدىن ئىسلام بىلەن ماسلىشالايدىغان ئېقىملارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش بولغانلىقى ھەقىقەتەن ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال.

بۇ نۇقتىدىن تۈركىيەدىكى ئىسلام ۋە ئۇزاق شەرقتىكى، بالقانلاردىكى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشلىرى گەرچە جەۋھىرى جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، مۇئەييەن دەرىجىدە بىر بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرى كەلگەن جايلارغا ماس بىر ئىسلام چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي ئىجرالىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام دائىرىسىدىن قالقىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ماسلىشىشچان بىر ياۋروپا كۈلتۈرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە چۈشەنچىسىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

دەرۋەقە، ئافرىقىدىكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە يىراق شەرقتىكى ئۆزىگە خاس كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئەمەلىي ئىجرالىرىنى، كۈلتۈر، فولكلور ئامىللىرى، سەنئەت، ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرىنى تۈركىيەدىمۇ ياكى باشقا بىر دۆلەتتىمۇ ئۆز پىتى ياشنىتىشقا تىرىشىش ئانچە ياخشى قارشى ئېلىنمايدۇ. بۇنىڭ ياۋروپادىمۇ ياخشى قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. ياخشى قارشى ئېلىنماسلىق مەسىلىسى ئاساسەن بۇ كۈلتۈر ئامىللىرىنىڭ خاتالىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز رايونىغا ماس، ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ئامىللىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆزى ياشايدىغان رايونغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئىگە چىقىدىغان بۇ ئورتاق كۈلتۈردىن باشقا ھېچ شۈبھىسىزكى، ئوچۇق ۋە مەدەنىي بىر جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈرلەر ئۆزىنى ياشنىتىشنىڭ تىرىشچانلىقى ئىچىدە بولىدىغانلىقى ئېنىق.

ئىسلامغا ماسلىشالايدىغان ياۋروپا كۈلتۈرى پەقەتلا ياۋروپاغا بارغانلار نۇقتىسىدىن ئەمەس، ياۋروپانىڭ ئۆزى نۇقتىسىدىنمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىك بىر ئەھۋال. ئىسلامغا ماسلىشالايدىغان ياۋروپا كۈلتۈرى دېگىنىمىزدە، ياۋروپانىڭ كۈلتۈر گېنلىرىدە مەۋجۇت بولغان ئىرقچىلىق، فاشىزم، ناتسىسىزم قاتارلىق ئاماللارنى سىرتتا قالدۇرۇپ قويۇش كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن بولىمىز.

«ياۋروپاچە ئىسلام» نى تەكىتلەش بەزى ئەھۋاللاردا ياۋروپاغا كەلگەنلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش، ئوخشىماسلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش قاتارلىق ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ۋەھالەنكى ياۋروپالىقلارنىڭ، بەلكى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بۇ قىممەت قاراشلاردىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. پاناھلانغۇچىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەسلىك پوزىتىسيەسى، كۆچمەنلەرگە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىقلار تۇنجى بولۇپ ئىساننىڭ ئەقلىگە كېلىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، جەمئىيەت تەتقىقاتلىرىدا، پەرقلىق بولغانلاردىن قورقۇش، خىزمەتدىشى ياكى قوشنىسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىدىن پەرقىلىق بولغاننى خالىماسلىق نىسبىتى بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىمكتە. 

 

ئەركىنلىكپەرۋەر ئەمەس، بىخەتەرلىكپەرەۋەر ياۋروپاچە ئىسلام پوزىتسىيەسى

 

يازمىلارغا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىجرالىرىغا قارىغاندا، ياۋروپاچە ئىسلام مۇنازىرىسى، خەلققە قارىتىلغان، كۈلتۈر ۋە قىممەت قاراشلار مۇنازىرىسىدەك كۆرۈنمەيدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ مۇنازىرىدە بىخەتەرلىك نۇقتىسىنى بەكرەك چۆرىدىگەن ھالدا پوزىتسىيە تۇتىدۇ. دېمىسىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىنلا بۇ مۇنازىرە ئومۇمەن كۈلتۈر، بىرلىكتە ياشاش، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش ۋە ئوخشىماسلىقلار نۇقتىسىدىن ئەمەس، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىلا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەگەر راستىنلا بىرەر بىخەتەرلىك مەسلىسى بولسا، ئەلۋەتتە بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تەدبىرلەر يولغا قويىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇنازىرىگە ئورۇن يوق. بىراق مىليونلىغان ئىنسانلارغا ئالاقىدار پۇقراۋىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە پەقەتلا بىخەتەرلىك پەنجىرىسىدىن قاراش مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋېتىشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدۇ. دۆلەتلەرنىڭ بىلىپ كېتەلمىگەن يېڭى ئەھۋاللارغا نىسبەتەن قانۇن - بەلىگىلىمىلەرنى چىقىرىشىنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ ۋە بۇ كېرەكلىك بىر ئەھۋالدۇر. لېكىن بۇ تىرىشچانلىقلار چوقۇم مەسىلىنى چۈشۈنۈشكە قارىتىلغان بولۇشى لازىم. ھەرگىزمۇ باستۇرۇشقا، ئاسېمىلاتىسيە قىلىشقا ۋە تۈرمىگە سولاشقا يۈزلەنگەن بولماسلىقى لازىم.

ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ۋەجىدىن قۇرۇپ چىققان ئىسلام كېڭەشلىرىگە ئوخشاش ئورگانلارغا بىۋاستە ۋە كۆپ ھاللاردا ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنى تەيىنلەشنىڭ ئورنىغا، بۇ خىل ئورگانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن رىغبەت بېرىشى لازىم. بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات بىلەن ئالاقىسى بولغان ئورگانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى

 

ياۋروپاچە ئىسلام نۇقتىسىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يەلكىسىدىكى ۋەزىپىسنى ئورۇندىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ۋە پەقەتلا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىش ئەخلاققا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە غەربتە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ، ئىقتىساد، ئىلىم پەن ۋە ئاكادېمىك ساھەلىرىگە قاتنىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان بولسا، شۇنداقلا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى ۋە خىزمەت كۈلتۈرى يېتەرسىز ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ مەسىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ يەلكىسىگە چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش مەسىلىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، بىۋاستە ۋە ئوچۇق ئاشكارە مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، پەيدا بولغان ياكى پەيدا قىلىنغان قورقۇش مۇھىتىنى يوقۇتۇشقا قارىتا جىددىي خىزمەت قىلىشى لازىم.

 

ئىجتىمائىيلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان بىر ئىسلام ياۋروپانى زادى نېمىگە ئېرىشتۇرەلىسۇن؟

 

مەلۇم گۇرۇپپىلارنىڭ ياۋروپاچە ئىسلام بىلەن ھەپىلىشىشنى خالىشىدىكى مەقسەت، جەمىئىيەتكە، ئائىلىگە ۋە ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قاراشلىرىدىن ئايرىپ تاشلانغان بىر ئىسلام ياكى مۇسۇلمانلىقنى يارىتىش ئارزۇسىدۇر. ۋاھالەنكى، ياۋروپادا بۇزۇلغان ئائىلە، ئىگە چاقىسىز ئۆسمۈرلەر، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ تەتۈر مۇناسىۋەتلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمال نىسبىتى، دۇنيانىڭ قالغان قىسمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ياۋروپا ئىجتىمائىي قىممەت قاراش نۇقتىسىدىن ئادىمىيلىققا ياتىدىغان ھەممە نەرسىلەردىن تىز سۈرئەت بىلەن ئۇزاقلاشماقتا. يۇقىرىي ئىقتىسادىي سەۋىيەسى سەۋەبىدىن ئىنسانلارغا قانۇنلۇق نۇرمال مۇناسىۋەتلەر يېتەرلىك بولمايدىغان بىر ئازغۇنلۇق ئىچىدە تۇرماقتا. ئىسلامىي قىممەت قاراش بەلكى بۇ مەسىلىلەردە تېخىچە ئىشغالىيەتكە ئۇچرىمىغان ئاخىرىقى قەلئە بولالىشى مۇمكىن. شۇڭا جەمئىيەتكە، ئائىلىگە ۋە ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك غايىلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان بىر مۇسۇلمانلىق ياۋروپانىڭ تېخىمۇ ھالاكەتكە پېتىشىنى تىزلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدۇ. 

 

خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارمۇ مۇسۇلمانلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى لازىم

 

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىجتىمائىيلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان بىر مۇسۇلمانلىقنىڭ ھىچ نەرسە يارىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، يوھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۆتمۈشلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلارنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرىشى، خىسىتىيانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىمۇ بولىشىغا بىئارام قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇنىڭدەك ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان سىكولارىزم ئېقىمىدىكىلەرمۇ بىئارام بولماقتا. يېغىپ ئېيتقاندا خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭمۇ يىلتىزىنى تەشكىل قىلىدىغان قىممەت قاراشلارنىڭ نابۇت قىلىنىشىغا ئۇلارمۇ نارازىلىق بىلدۈرىشى لازىم.

بۇلاردىن باشقا يەنە مۇسۇلمانلار ئافرىقىدا، ئامېرىكىدا، خىتايدا، ھىندىستاندا، ئوتتۇرا شەرقتە ۋە تېمىمىز نۇقتىسىدىن ياۋروپادىمۇ ئۆز كۈنتەرتىپلىرىگە ھاكىم بولۇشى لازىم.

قانداق ھاكىم بولۇشى لازىم؟

كېلەر ھەپتە داۋاملاشتۇرىمىز. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر