ھەربىي رېمونت زاۇۋتلىرى

تاركاننىڭ جەنگىزنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1076231
ھەربىي رېمونت زاۇۋتلىرى

تۈركىيەدە ھەربىي لازىمەتلىك ۋە پاراخوت زاۋۇتلىرى مۇداپىئە سانائىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن ھازىرغىچە زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ھەربىي زاۋۇتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كەڭ جامائەتچىلىك تولۇق بىلمەيدۇ. بەزىدە بۇ زاۋۇتلاردا رېمونت قىلىنغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى خۇددى باشقا يەرلەردە ئىشلەپچىقىرىلغاندەك تەشۋىق قىلىنماقتا. ھەربىي زاۋۇتلار دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەڭ غول كارخانىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، تۈركىيە مىقىياسىدا ئەڭ قابىل ئىشچىلار بىلەن مۇنەۋۋەر كارخانچىلار ئادەتتە ھەربىي زاۇۋتلاردىن يېتىشىپ چىقىدۇ. مۇداپىئە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە ھەربىي زاۇۋتلار ۋە بۇ يەرلەردە ئىشلەيدىغان مۇداپىئە سانائىتىنىڭ نامسىز قەھرىمانلىرى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمەتلىرى شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھەربىي زاۋۇتلار ئوفېستىرلار، مايورلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە زور نەتىجىلەرنى ياراتتى.

15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ھەربىي زاۋۇتلاردىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەربىي زاۋۇتلار مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەربىي زاۋۇتلار ئىدارىسى بىلەن ھەربىي پاراخوت زاۋۇتلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، تۈركىيەدە نۆۋەتتە ھەربىي زاۋۇتلار ئىدارىسىغا قاراشلىق نۇرغۇن مۇھىم ھەربىي زاۋۇتلار بار بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار ئاكتىپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارماقتا، بۇ يازمىدا ئەسكىشەھەردىكى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتقان 1-ھاۋا رېمونت زاۋۇتى ئۈستىدە توختىلىمەن. كېيىنكى يازمىلىرىمىزدىمۇ بۇ زاۋۇتنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

1926-يىلى ئەسكىشەھىردە ئايروپىلان رېمونت زاۋۇتى قۇرۇلدى، بۇ زاۋۇت 1-ھاۋا ھەربىي ئاپپاراتلىرى رېمونت مەركىزى قوماندانلىقى 92 ياشقا كىردى. بۇ زاۋۇتتا 1950-يىلغىچە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا ئەنگە ئېلىنغان ئايروپىلانلار رېمونت قىلىناتتى، 1950-يىلدىن باشلاپ كۈرەشچى ئايروپىلانلار رېمونت قىلىندى، ئارقىدىن 1970-يىلغىچە « F-84»، « F-86 » ۋە « F-100 » تىپلىق موتورلار رېمونت قىلىندى.ھەربىي زاۋۇتلار 1968-يىلى تۇنجى موتورنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتتىئ 1979-يىلى « F-4 » تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ موتورىنى رېمونت قىلىشقا باشلىغان ئايروپىلان زاۋۇتى 1980-يىللاردىن كېيىن باشقا ئايروپىلانلارنىڭ موتورلىرىنى رېمونت قىلىشقا يۈزلەندى. 1992-يىلى تۇنجى « F110» تىپلىق موتورنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ يېڭى تېخنىكىلارنى قوشتى. 1997-يىلى « F-4 » ئايروپىلانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش لايىھەلىرى باشلىدى، بۇ لايىھەلەردىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش لايىھەلەرمۇ ئېلىپ بېرىلدى. 2006-يىلى باشلىغان خىزمەتلەر تۈرتكىسىدە تۈركىيەنىڭ تۇنجى موتور سىناق ئۈسكۈنىسى بولغان ئاتىلىمغا يۇمشاق دىتال پىروگراممىسى قاچىلىنىپ تېخىمۇ ئىلغار ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. بۇ زاۋۇت  2016-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەربىي زاۋۇتلار ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، 1-ھاۋا رېمونت زاۋۇتى بولدى.

نۆۋەتتە 77 ئايروپىلان رېمونت قىلىنماقتا

بۇ زاۋۇتتا نۆۋەتتە  يىلدا 260 ئىنژېنېر بولۇپ جەمئىي 2300 ئىشچى-خىزمەتچى تەخمىنەن 77 ئايروپىلان رېمونت قىلىنىدۇ. بۇ زاۋۇتتا يىلدا 200 موتور ۋە بۇ موتورلارنىڭ 6000 يۈرۈش ئۈسكۈنىسى رېمونت قىلىنغاندىن سىرت، 14000 موتور زاپچاسلىرى  ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ زۋۇتتا يەنە « F-16 PO-III »، «  T-38M ھەرىسى» ۋە « T-38 PC-III » تىپلىق ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى زامىۋىلاشتۇرۇش لايىھەلىرى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەنمەكتە. بۇ زاۋۇتتا يەنە قوراللارنىڭ ئىنژېنېرلىق خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ۋە رېمونت ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ھەربىي زاۋۇت ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قورال سىستېمىلىرى، ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە  تېخىنىكىلىق باشقۇرۇش  قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى بۇ ھەربىي زاۋۇتتا ئىنژىنېرلار، ئوفېستىرلار، تىخنىكىلىق خادىملار، ئىشچىلار ۋە ئىلغار تېخنىكىلار، ئۈسكۈنىلەر، سايمانلار بار.

ياۋروپانىڭ ئايروپىلان رېمونت مەركىزى

كۈنىمىزدە ھەربىي تېخنولوگىيە ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە رىقابەتە كەسكىن بولماقتا، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە 1-ھاۋا رېمونت زاۋۇتى  ئىشلەپچىقىرىش، رېمونت قىلىش، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ساھەلىرىدە خەلقئارالىق ئۆلچەم، سۈپەت، بىخەتەرلىك  ۋە قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئاساسەن خىزمەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ زاۋۇتنىڭ مەقسىتى: «زاۋۇتنى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك ھاۋا ۋە ئالەم قاتنىشى كۈچى بولۇشىدا رول ئوينايدىغان مەركەزگە ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت. زاۋۇت تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭلا ئەمەس « JSF » ئايروپىلانىنىڭ « F135» موتورىنىڭ رايوندىكى رېمونت مەركىزى، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ رېمونت مەركىزى سەۋىيەسىگە كەلدى.

بۇ زاۋۇت تەجرىبىلىك ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، مول تەجرىبىسى، ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۈنىمىزدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە قانداق مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كەلگۈسىدىمۇ بۇ ساھەدە مۇھىم رول ئويناشىنى داۋاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر