جامەلەرگە ۋە دىن خىزمىتىگە ئاتالغان بىر ئۆمۈر (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 39 - 2018

1058739
جامەلەرگە ۋە دىن خىزمىتىگە ئاتالغان بىر ئۆمۈر (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قىلغان ئىشى بىر مەسجىد ياسىتىش بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز «مەسجىدى نەبەۋى» دەپ بىلىدىغان بۇ مەسجىدنى پۈتكۈزۈپ بولۇپلا ئۇنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا ئىگە چاقىسىز، كەمبەغەل ساھابىلەرنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن بىر سايىلىق سۇپا ياساتقان ئىدى. «سۈففە» دەپ نام بېرىلگەن بۇ سايىلىق سۇپىدا يېتىپ قوپىدىغانلار ۋاقتلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن ئىسلامنى ئۆگىنەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە كىرگىنىدە ساھابىلەرنىڭ ئىككى يۇمۇلاق جەمبەر شەكلىدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ جەمبەرلەرنىڭ بىرسىدە قۇرئان ئوقۇلۇپ، دۇئا قىلىناتتى. يەنە بىرسىدە بولسا، ئىلىم ئۆگىتىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغانلار توپلاشقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت بىلەن ئۇلارغا بىر ھازا نەزەر سالغاندىن كېيىن، «بۇلارنىڭ ھەر بىرى خەير ئۈستىدە ئىكەن. بۇلار قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا، ئۇلارغا تېلىگىنى بېرىدۇ، خالىسا بەرمەيدۇ» دېدى. ئاندىن ئىلىم ئۆگىتىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغانلار ھالقىسىغا قاراپ، «بۇلار ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم ئۆگىتىۋاتىدۇ. مەنمۇ مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىدىم» دېدى[1].

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار! ئەنە شۇ سائادەت دەۋرىدىن ھازىرغا قەدەر مەسجىد ۋە جامەلىرىمىز ھەم ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان، ھەم ئىلىم ھېكمەت ئۆگىنىدىغان ئۇلۇغ جاي بولۇپ كەلدى.

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مەقبۇل يەر بولغان جامىلەر؛[2] ئىچىدە رەببىمىزنىڭ نامىنى زىكرى قىلىدىغان، بەندىچىلىكىمىزنى، دۇئالىرىمىزنى ۋە تېلەكلىرىمىزنى ئاللاھقا سۇنىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ كەلدى. جامەلىرىمىز تىل، تەن رەڭگى، ئىرق، ئورۇن ۋە مەنسەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، مۆئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۇرىدىغان، بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىمانىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىزنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلدى. جامە مۇنارلىرىمىز تەۋھىدنىڭ سىۋولى، ئەزانلىرىمىز شاھەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي، مېھراپ، مۇنبەرلىرىمىز، ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ ساداسى، ناماز ئۈچۈن تىزىلغان سەپلىرىمىز بولسا، خاتىرىجەملىكنىڭ كاپالىتى بولۇپ كەلدى.

ئەزىز مۆمىن قېرىنداشلار! ئەجداتلىرىمىز ئىمام خەتىبلىك قىلغانلاردىن تارتىپ بارلىق جامە خادىملىرىنى، يەنى، مېھراپ ۋە مۇنبەردىن ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغانلارنى «خادىمىل خەيرات» يەنى ياخشىلىقلارنىڭ خادىملىرى دەپ ئاتاپ كەلدى.

بۇ «خادىمىل خەيرات» يەنى ياخشىلىقلارنىڭ خادىملىرى پۈتۈن ئۆمرىنى ئىسلام دىنىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ، «بۇ ياخشىلىقلارنىڭ بەدىلى پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزاسى» دېگەن قارشا ئاساسىدا سەمىمىيەت بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلدى.  شەھەرلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان مۇفتىلار، ئوقۇغان ئەزانلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى نىجاتلىققا چاقىرىدىغان مۇئەززىنلەر، مېھراپتا ناماز قىلىدۇرىدىغان ئىماملار ۋە مۇنبەردە ئىسلامنىڭ توپتوغرا يولىنى ئۆگىتىدىغان خەتىبلەر پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلۇغ كىتابىمىز ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتى بىلەن ئىزچىل تۇنۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

«سىلەرنىڭ ئەڭ خەيرىلىك بولغىنىڭلار، قۇرئان ئۆگەنكەن ۋە ئۆگەتكەنلىرڭلاردۇر[3]» دېگەن نەبىۋىي ئىلتىپاتقا مەزھەر بولغان قۇرئان كۈرسلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە شۇنداقلا ئاللاھنىڭ «ئاللاھقا چاقىرىدىغان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغان ۋە شوبھىسىزكى، مۇسۇلمانمەن دەيدىغانلاردىن تېخىمۇ گۈزەل سۆزلۈك كىشى بولامدۇ؟»[4] دېگەن ئىلاھىي خۇشخەۋەرىگە نائىل بولغان موللىلىرىمىز «خادىمىل خەيرات» يەنى ياخشىلىقلارنىڭ خادىملىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇلار ھاياتىمىزنىڭ ھەر قايسى بەتلىرىدە يېنىمىزدا تۇرۇۋلاتقانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار تۇغۇلغىنىمىزدا ئەزان ۋە تەكبىر بىلەن ئىلاھىي خۇشخەۋەرنى قولقىمىزغا سىڭدۇرگەن، ئەڭ ئۇنتۇلماس ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمىزدا ۋە يول كۆرسەتكۈچىگە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجىمىز بولغان ياشلىق دەۋرىمىزدە بىزگە يول كۆرسەتكۈچى بولغانلاردۇر. ئۇلار ۋەتەنگە بولغان بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەرگە ماڭغىنىمىزدا، ياكى ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى باشقانلىرىمىزدا، ھەتتا مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئاتلىنىپ، دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدىغان چېغىمىزدىمۇ دۇئالىرى بىلەن يېنىمدا بولغۇچىلاردۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن 7ئۆكتەبىرگىچە بولغان بىر ھەپتىلىك مەزگىل تۈركىيەدە جامە ۋە دىن خادىملىرى ھەپتىسى دەپ تەبرىلكىنىپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ «جامەلەرگە ۋە دىنغا بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر» دېگەن تېما ئاستىدا تەبرىكلىنىدىغان بۇ ھەپتە بويىچە، جامىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى چۈشەندۈرىلىدۇ. دىننىڭ خىزمىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن شەخىسلەر ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ جامە ۋە قۇرئان كۈرسلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، ياردەم ۋە پىداكارلىقلىرى خەيرىلىك دۇئالار بىلەن ئەسكە ئېلىنىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر جامىلىرىمىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىمام قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ھايات بولغانلارغا سالامەتلىك ۋە خاتىرىجەملىككە تولغان بىر ئۆمۈر تېلەيمىز.

ئاللاھ ھەممىمىزنى «خادىمىل خەيرات» يەنى ياخشىلىقلارنىڭ خادىملىرى بولۇشقا، ئىنسانىيەتكە خەيرىلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن ئامىن!

 

 

 

[1] - ئىبنى ماجە، سۈننەت بابى، 17 - ھەدىس

[2] - مۇسلىم، مەسجىدلەر بابى، 288ھەدىس

[3] - تىرمىزى، قۇرئاننىڭ پەزىلەتلىرى بابى، 15ھەدىس

[4] - سۈرە فۇسسىلەت، 33 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر