مۇھەررەم ئېيى ۋە ئاشۇرا كۈنى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 37 - 2018

1049684
مۇھەررەم ئېيى ۋە ئاشۇرا كۈنى (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ ياراتقان ئايلار، كۈنلەر ۋە كېچىلەر ئارىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك مۆل ھۆسۇللۇق چاغلارمۇ بار. مۇھەررەم ئېيىمۇ مۆئمىنلەرگە نىسبەتەن غەنىمەت پۇرسەت، دەپ بىلىنىشى كېرەلىك تولىمۇ قىممەتلىك پەيت بولۇپ، ھىجرىيە يىلىنىڭ 1ئېيى ھېسابلىنىدىغان مۇھەررەم ئېيى، ئىلاھى فەزىل ۋە بەرەكەتنىڭ، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قالغۇسى. ئىنشائاللاھ.

مۇھەررەم ئېيى؛ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان 4 ئاينىڭ بىرسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، ئاسمان، زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ئون ئىككىدۇر. ئۇلاردىن تۆتى ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر. مانا بۇ توغرا دىندۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىس شەرىپتە، «رامىزان ئېيىدىن كېيىن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك روزا، مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىدۇر»[2] دېيىش ئارقىلىق بۇ ئاينىڭ مەنىۋىي قىممىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10كۈنى، يەنى ئاشۇرا كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى ھەققىدە، «ئاشۇرا كۈنىدە تۇتۇلغان روزىنىڭ بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىشىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ھەمدە ئاشۇرا كۈنىگە مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9ياكى 11 - كۈنىنى قوشۇپ، 3 كۈن روزا تۇتۇشنى مۆئمىنلەرگە تەۋسىيە قىلغان ئىدى[3].

ئاشۇرا كۈنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تارىخىمىز ۋە ئەس خاتىرىلىرىمىزدە تولىمۇ چوڭقۇر ئازابلارنى قالدۇرغان بىر كۈندۇر. بۇ ئازابلىق كۈندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيۈملۈك نەۋرىسى ۋە ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن فاتىمە ئانىمىزنىڭ كۆز قارچۇغۇسى ھەزرەتى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى 70 تىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەربالادا شېھىت قىلىنغان كۈندۈر. كەربالا ۋەقەسى، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېمان ئېيتىپ، قەلبىگە ئەھلى بەيت سۆيگۈسى ئورۇنلاشقان پۈتۈن مۆئمىنلەرنىڭ ئورتاق ئازابلىق كۈنىدۇر. بۇ قەبىھ ۋەقەنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلەر مەزھىبى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە جىنايەتچىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئىسلام دىيارلىرى ئازاب ۋە كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، گويا كەربالاغا ئايلىنىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، بىگۇناھ ئايال ۋە كېچىك بالىلار ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ھازىرقى مەزگىلدە، بىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىمىز كەربالانى توغرا چۈشىنىش ۋە خۇددى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ناھەقچىلىققا قارشى كۆكرەك كېرىپ، مەيدانىمىزنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ھەرزەنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان كەرىمنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس - شەرىپلىرىنى ئۆزىگە يولباشچى قىلغان بولۇپ، شۇڭا زۇلۇمغا باش ئەگمىگەن، ئادالەتسىزلىككە قاراپ ئولتۇرمىغان ئىدى. ئۆزىگە سۇنۇلغان تەلقىن تەۋسىيەلەرگە پەرۋا قىلماستىن، ھەق، ھەقىقەت، خاتىرىجەملىك ۋە تىنچلىقنى يەر يۈزىگە ھاكىم قىلىش يولىغا ئاتلانغان ئىدى. بۇ يولدا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە شەرەپلىك بىر كۈرەشنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، سىلەر بۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللارغا قېيىپ كەتمەڭلار، كېيىن ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ»[4]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى كولاشقا تىرىشماڭلار. بىر بىرىڭلارنىڭ خۇسۇسىي ۋە مەھرەم ھاياتىنى تەكشۈرۈپ يۈرمەڭلار. بىر بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار. بىر بىرىڭلارغا يۈز ئۆرىمەڭلار. بىر بىرىڭلارغا ئۆچ ئاداۋەت ساقلىماڭلار. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار!»[5]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇنداقتا قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ئىرق، تىل، مەزھەپ ۋە مەشرەپ ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ ئارقىسىغا مۈكىنىۋېلىپ، بىزنىڭ قېرىنداشلىقىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلارغا، دىيارىمىزدا يېڭى «كەربالا»لارنى پەيدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارغا قارشى سەگەك بولايلى!

ھەزرەتى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ياخشىلىقنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ يېنىدا، يامانلىققا ۋە يامانلارغا قارشى تەۋرەنمەي تىك تۇرايلى! ھەق ۋە ھەقىقەتنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى! ئىسلامنىڭ نۇرىدا ئۇچراشقان قەلبلىرمىز بىلەن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا يۈگرەيلى! ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەھلى بەيت قاتارلىق ناھەقچىلىققا قەتئىي باش ئەگمەي، مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان پۈتۈن شېھىتلىرىمىزگە سالام بولسۇن! ئۇلارنىڭ مەقامى ئالىي، ماكانى جەننەت بولسۇن! ئامىن!

ئەزىز قېرىنداشلار! دۈشەنبە كۈنى مەكتەپلەر ئېچىلىدۇ. يېڭى ئوقۇ ئوقۇتۇش يىلى باشلىنىدۇ. بۇ يېڭى ئوقۇ ئوقۇتۇش يىلىنىڭ ئىستىقبالىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى ھېسابلىنىدىغان پەرزەنتلىرىمىزگە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەتىگە ياراملىق بىر شەكىلدە يېتىشتۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا خەيرىلىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېلەيمىز.

ئاللاھ پەرزنتلىرىمىزنىڭ زىھنىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئۇتۇق نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!

 


[1]  - سۈرە تەۋبە، 36ئايەت

[2]  - تىرمىزى، روزا بابى، 40ھەدىس

[3]  - ئىبنى ھەنبەل، 1- جىلد، 240ھەدىس

[4]  - سۈرە ئەنئام، 153ئايەت

[5]  - بۇخارى، ئەدەب بابى، 57ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر