تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان 2 پەرىقلىق دۆلەت دېپلوماتىيەسى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (34)

1037775
تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان 2 پەرىقلىق دۆلەت دېپلوماتىيەسى (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان 2 پەرىقلىق دۆلەت دېپلوماتىيەسى

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (34)

(دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەك)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزغا قىزغىن قارشى ئالىمىز. دۆلەت دېپلوماتىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇھىم بىر تاشقى سىياسەت ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ھەپتىلىك پىروگراممىزدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت دېپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئانالىز قىلماقچىمىز. تۆۋەندە ئاتا تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ مەسىلىگە مۇناسۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** * ** ** * *** *** * ***

دەرۋەقە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى تارىختىن بېرى ئۆزىنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىكى رايون دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمۇ تېز يۇقىرى ئۆرلىگەن خىتايغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، (دۆلىتىڭ غەرىبدىكى ئايغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىداش بولغانلىقى سەۋەبىدىن) بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىم مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بويلىغان ھالدا ئورتاق بىر ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى باردەك قىلىدۇ. بىراق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زور دەرىجىدە بىر ئىقتىسادىي ھاكۈمرانلىق كۈرىشى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتى بولسا، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇقىملىققا ئىگە، ئۆزئارا ۋە قوشنىلار ئارا ھەمكارلىق ئىچىدە، خەلقئارا بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان شۇنداقلا دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى ئۆزلەشتۈرگەن دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتىن ئىبارەتتۇر.  تۈركىيە مانا بۇ سىياسىتى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم شېرىكىگە ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان دۆلەت دېپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى كۈلتۈر، مائارىپ، مېدىيا ۋە تەرەققىيات يادەملىرى ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە تاشلانغان تۇنجى قەدەملەرنىڭ بىرسى، 1993يىلى خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» نىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. تۈركىيە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن باشقا يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 6 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت، مولدوۋاغا قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىمۇ كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتى بىلەن خەلقئارا كۈلتۈر تەشكىلاتى «TÜRKSOY» غا ئەزا بولدى.

خىتاي رايوندا يۇمشاق كۈچىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسىي ۋاستىلىرى بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھەربىي مانىۋېرلار، تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش، چېگرا رايونى سودا ساھەلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا ساھەسى، ۋە يېڭى يېپەك يولى لايىھەسىدىن ئىبارەتتۇر. خىتاي تەرىپىدىن ياسالغان تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون خاراكتېلىق ماسلىشىشنى كۈچەپتىپ، بۇ يەردىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرمىدى. قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەلىرى سايىسىدە موسكۋاغا بولغان بېقىنىشىنى تۆۋەنلەتكەن بولدى. خىتاينىڭ 2020يىلىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىدارىغا ئايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. قازاقىستاندا خىتاينىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭمۇ رۇسىيەنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى ھۆكۈمدارلىقىنى تارتىۋالىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاي «دۆلەت دېپوماتىيەسى» تېرمىنىنى شوئار ۋە تەشۋىقات خاراكتېرلىك ئىشلىتىشكە مەركەزلەشكەن ھالدا پوزىتسىيە تۇتماقتا. خىتاينىڭ بۇ ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئورگانلىرى، دۆلەت  ئاخبارات ئىشخانى ۋە خەلقئارا خىتاي تىلى كېڭىشى «HANBAN»، بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كوڭزى ئىنسىتېتۇتلىرىنىڭمۇ ئانا مەركىزىي ھېسابلىنىدۇ. قەدەم قويغانلا جايدا خىتايچە ئۆگىتىش ۋە خىتاي كۈلتۈرىنى تونۇتۇش پائاليەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ مەركەز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق خىتايغا ئوقۇغۇچى جەلىپ قىلىشنىمۇ نىشان قىلماقتا. ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى ۋە تارقىتىۋاتقان ھەرخىل ئوقۇش ياردەم پۇللىرى ئارقىلىق ھەر يىلى %75 ى ئاسىيالىقلاردىن تەركىپ تاپقان 150 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدا ئوقۇشقا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاشقى ئىشلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش ئارقىلىق چەت ئەللىك دېپلوماتىيە خادىملىرى ئۈچۈن 3 ئايلىق بىلىم ئاشۇرۇش پىروگراممىلىرىنىمۇ يولغا قويماقتا. بۇ ئارقىلىق رايوندا كەلگۈسىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلىگۈلەيدىغان دېپلوماتلارنىڭ نەزىرىدە خىتايغا نىسبەتەن ئىجابىي ئوبراز يارىتىش مەقسەت قىلىنماقتا.

تۈركىيەمۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مائارىپ پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىۋاتقان بولۇپ، 1992يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنى تۈركىيەدە ئوقۇتتى. تۈرك تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ۋاستىلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى ئاستانە ۋە باكۇنى مەركەز قىلغان ھالدا رايوندا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رايوندا يەنە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەر خىل تەلىم - تەربىيە ئورگانلىرىمۇ بار. بۇنىڭغا 1997يىلى قۇرۇلغان قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ قوشۇلۇپ، بىشكەكتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۇنجى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قازاقىستاندىكى مەركىزىدىن ئىدارە قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى خەلقئارا مېدىيا ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرماقتا. خىتاينىڭ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قازاق، قىرغىزلارغا ئېتىبارلىق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق، ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى كۈشكۈرتۈشكە تىرشىۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھەر خىل ئوقۇش ياردەم پۇلى تەشۋىقاتى بىلەن خىتايغا تەكلىپ قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلەر ئارقىلىق رايوننىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئىقتىسادىي ماسلىشىشچانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېپەك يولى لايىھەسىگە ئاساس سېلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشۋىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە خىتاينىڭ رايون ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى تارقىتىدىغان تەڭرىتاغ (تىيەشان) ناملىق تور بېتىمۇ تۈركچە، رۇسچە ۋە ئۇيغۇرچە تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا.

تۈركىيە ماسلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى «TİKA»نىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا يولغا قويغان كەڭ دائىرىلىك مائارىپ، سەھىيە، ساياھەت، ئورمانچىلىق، يېز ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق لايىھەلىرى مەۋجوت.  2009يىلى 21 - مارتتىن بۇيان تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ساداسى بولۇشنى نىشان قىلغان «TRT Avaz» قانىلىمۇ تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان مۇھىم سېلىنمىلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا قاراشلىق چەت ئەللەرگە تارقىتىش بېرىش باشقارمىسىنىڭ خىلمۇ خىل تۈركىي تىللىرىدىكى (يەنى، ئەزەربەيجانچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركمەنچە، ئۆزبېكچە، تاتارچە ۋە ئۇيغۇرچە) تارقىتىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان رادىيو ئىنتېرنېت بۆلۈملىرىمۇ بۇ ساھەدىكى مۇھىم دۆلەت دېپلوماتىيەسى ۋاستىسى بولماقتا.

خىتاي بولسا، قىرغىزىستاندا 15، قازىقستاندا 4، ئۆزبېكىستاتدا 2 ۋە تاجىكىستادا 1 كوڭزى ئىنسىتېتۇنى ئاچقاندىن سىرت، خىتاينىڭ خەلقئارالىق رادىيوسى «CRI»مۇ يەرلىك تىللاردىكى تارقىتىشلىرى بىلەن رايونغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلماقتا.

قىسقىسى، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، خىتاينىڭ بىۋاستە دۆلەت كۈچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت دېپلوماتىيەسىنى ئىشقا سىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىراق تۈركىيە بولسا، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە ئەنئەنىسىدىن ئوزۇق ئالغان ھالدا ئۆزىگە خاس باشقىچە ئۈلگە شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

**** **** ** ** *** *** ****

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا ئاتا تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمال دوغاچ ئېپەكنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر