قۇربانلىق؛ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋەسىلىسى(ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/32 - 2018

1029872
قۇربانلىق؛ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋەسىلىسى(ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ (قۇربانلىقىنىڭ) نە گۆشلىرى، نە قانلىرى ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەتلا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلاردۇر»[1]

ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

ئادەم ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەن قۇربان ھېيت كۈنى ئاللاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتىن تېخىمۇ سۆيۈملۈك ھېچقانداق ئەمەل يوقتۇر»[2]

ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ھەزرەتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇيان قۇربانلىق بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەردىن بىرسى بولۇپ كەلمەكتە. قۇربانلىقنىڭ مەنىسى پەقەتلا ھېيت كۈنلىرىدە پادا بوغۇزلاش ئەمەس، ئەكسىچە ساداقەتنىڭ ۋە ئاللاھقا بولغان ئىتائەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.  زورۇر تېپىلغاندا مېلىمىزنى، جېنىمىزنى ۋە پۈتۈن بارلىقىمىزنى ئاللاھ يولىغا پىدا قىلىشنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىنىشىدۇر. بىزلەر ھەر قۇربان ھېيتتا ھەزرەتى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا بولغان مەتلەق تەسلىمىيىتىنى خاتىرىلەيمىز.  ھاياتىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق ئىمان، تەسلىمىيەت ۋە سەمىمىيەت ئۈستىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى قايتىدىن ئەسكە ئالىمىز.

قۇربانلىق؛ بىرىنچى بولۇپ، رەببىمىزنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئادا قىلغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى قۇرئان ۋە ھەدىس شەرىپلەر بىلەن بېكىتىلگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنىڭ بىر قائىدىسىنى تەيىن قىلدۇق»[3]

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاممۇ ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن تاكى ۋاپات بولغانقا قەدەر ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى[4].

مۆھتىرەم مۆئمىن قېرىنداشلار! قۇربانلىق مۆئمىىنلەرنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ھەمبەھىرلىشىش ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۆزۈش ئادىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بېخىللىقتىن ۋە دۇنيا مالىغا قۇل بولۇپ قىلىشتىن قۇتقۇزىدۇ. خوشنىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقان، دۇست بۇرادەرلىرى بىلەن، جۇملىدىن پۈتۈن مۆئمىنلەرنى بىر بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلايدۇ. بىزنى مىڭلىغان كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. بىزنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپ، ئۈممەت بولۇش ئېڭىغا سازاۋەر قىلىدۇ. 

قۇربانلىق؛ ئاچلىقنىڭ دەردىنى چېكىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ داستىخانلىرىغا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشالىغانلىقىمىزدۇر. ئېتىقادى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياردىمىگە يۈگۈرگەنلىكىمىزدۇر. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خوشاللىنىشىغا ۋە ھېيت شاتلىقىغا سازاۋەر بولىشىغا ۋەسىلە بولغانلىقىمىزدۇر.  دۇنيانىڭ چەت ياقىلىرىدا بىز ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان دىيارلاردا ياشاۋاتقان، بىز ھېچ كۆرۈپمۇ باقمىغان ۋە تۇنىمايدىغان دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشىلىق قولىمىزنى سۇنغانلىقىمىزدۇر. ئۇلارغا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەمەس، بەلكى ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە مېھرى - مۇھەببەت تارقاتقانلىقىمىزدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇربانلىقىمىزنى تارقىتىش بىزگە نىسبەتەن ئەبەدىي شاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنى قولغا كەلتۈرىشىمىزنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قۇربانلىقنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنىڭ بىزنى ھەقىقىي مەنىدىن مەنپەئەتكە ئىگە قىلدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگەن ئىدى.

بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىقتىن قانچىلىك گۆش ئاشقانلىقىنى سورىغان ئىدى. ھەزەرىتى ئائىشە رەزىيەلاھا ئەنھا ئانىمىز پەقەتلا بىر تاغىقى قالغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئى ئائىشە! بىر تاغاق سۆڭىكىدىن باشقا ھەممىسى بىزنىڭ بولدى دېسەڭ بولغۇدەك»[5] دېگەن ئىدى.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەقپىمىز بىلەن بىرگە چارەك ئەسىردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. پىداكار ۋە مەرت خەلقىمىزنىڭ ئامانەت قىلغان قۇربانلىقلىرىنى ئىسلامىي قائىدىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىپ، دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمزغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. «قۇربانلىقىڭنى ئورتاقلاش، قېرىندىشىڭ بىلەن يېقىنلاش» شوئارى بىلەن باشلىغان بۇ يىللىق ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىش سەپەرۋەرلىكىمىز ئەرەفات كۈنى كەچكىچە داۋاملىشىدۇ.

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز تەقدىم قىلغان بىر قۇربانلىق مىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان دۇئاغا ئايلىنىپ بىزگە ۋە مىللىتىمىزگە قايتىدۇ. يېتىم يىسىرلارغا، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى ئىگە چاقىسىزلارغا، لاگېرلاردىكى پاناھلانغۇچىلارغا يۈرەك داسقىنىمىزنى سېلىش ئۈچۈن بىزمۇ بۇ خەيرىلىك كارۋانغا قاتنىشايلى!  بىزدىن ياردەم كۈتىۋاتقان ئۈممەتنى يالغۇز قويماسلىق ئۈچۈن بۇ مېھرى - مۇھەببەت سەپىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيلى!

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرماقچىمىز:

«كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيالىق قېيىنچىلىقلىرىدىن بىرسىنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىرىدىن بىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. كىمكى، يوقسۇل بىر كىشىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ[6]»

ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇربانلىق ۋەسىلىسى بىلەن ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پىكارلىق ۋە ساداقەت رۇھىغا سازاۋرە قىلسۇن، ئامىن! 

 


[1] - سۈرە ھەج، 37ئايەت

[2] - تىرمىزى، ئەداھى 1ھەدىس

[3] - سۈرە ھەج، 34ئايەت

[4] - تىرمىزى، ئەداھى 11ھەدىس

[5] - تىرمىزى، قىيامەتنىڭ سۇپەتلىرى، 33ھەدىس

[6]  - ئەبۇ داۋۇد، ئەدەپ بابى 60ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر