جامە ۋە جامائەت (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 31 - 2018

1025577
جامە ۋە جامائەت (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇنيادىكى ئاخىرىقى كۈنلىرى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە كېسەللىكى سەۋەبىدىن مەسجىدكە بارالمىغان ئىدى. ئۆيىنىڭ مەسجىدكە قارايدىغان دەرىزىسىدىن بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقان ساھابىلىرىغا ئۇزۇنغىچە زوقلىنىپ قارىدى. ھەزرەتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىماملىقىدا ساھابىلەرنىڭ سەپ تۇتۇپ، تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈندى. تەبەسسۈم قىلغان ھالدا ئاللاھقا شۈكرى ئېيتتى[1].

دەرۋەقە بىزلەرگە خاتىرىجەملىك، قەلبىمىزگە ھوزۇر بەخىش ئېتىدىغان ۋە بىزلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان جامە ئىسلامنىڭ سىمۋولى، بىرلىكىمىزنىڭ ۋە تىرىكلىكىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ مەقبۇل جايلاردىن بىرسى جامەدۇر» [2]

جامە؛ ئەزانلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى نىجاتلىققا چاقىرىدىغان، مېھرابلىرى بىلەن كۈپىرلىققا ۋە جاھالەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان، مۇنبەر ۋە كۈرسىسى بىلەن ئىلىم ھېكمەتكە باشلايدىغان، مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ سەپ تۇتقان مۆئمىنلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە ئۈممەت بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇقەددەس جايدۇر.

جامائەت بولسا، ئىبادەت مەقسىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ھووزورىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناماز قىلىدىغان مۆئمىنلەرنىڭ ئورتاق نامىدۇر.

جامائەت؛ مەدەنىيىتىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان دىنىي بىر تېرمىندۇر. ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئېيتپ ئۆتمەكچىمىزكى، بارلىق دىنىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە تېرمىنلىرىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلغان بىر تەشكىلات، «جامائەت» دېگەن ئىسلامىي تېرمىننىمۇ بۇرمىلاپ، ئايرىمچىلىققا يول ئاچىدىغان شەكىلدە ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋېلىشقا تىرىشقان بولۇپ، تەۋھىد ۋە ۋەھدەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان بۇ تېرمىننى پىتنە پاسات، ئايرىچىلىق ۋە خىيانەت بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋەھالەنكى ئەنئەنىمىزدە جامائەت بولۇش؛ تەۋھىد ئېڭى بىلەن قوراللىنىپ، ۋەھدەتكە (يەنى بىرلىككە) سازاۋەر بولۇشنى كۆرسىتەتتى. مانا بۇ نۇقتىدىن «جامائەت» دېگەن سۆز، ئەر-ئايال، قېرى ياش، باي كەمبەغەل مېيىپ ياكى سالامەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلقنىڭ بارلىق قىسىملىرىدىن ھەر ياش ۋە ھەر سىنىپتىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەزىز مۆئمىنلەر! جامەدە بولۇش ۋە جامە جامائىتى بولۇشنىڭ بەزى قائىدىسى ۋە ئەدەپلىرى بولىدۇ. مۆئمىنلەر قەلب دۇنياسىنى تېخىمۇ نۇرلۇق ھالغا كەلتۈرۇش ئۈچۈن جامەگە بارغىنىدا، ئاللاھ تائالانىڭ «ئىي ئادەم ئەۋلادلىرى! ھەرقېتىم مەسجىدكە بارغىنىڭلاردا، گۈزەل ۋە پاكىز كېيىملىرىڭلارنى كېيىڭلار» [3] دېگەن ئايىتىنىڭ تەققازاسى بويىچە، بەدەن پاكىزلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. پۇختا تاھارەت ئېلىپ، ھەم پاكىز، ھەم نامازنىڭ شەرتىلىرى بولغان سەترى ئەۋرىتىنى ياپىدىغان كېيىملىرىنى كېيىدۇ. جامىدە ئوقۇلغان نامازنىڭ 27 ھەسسە تېخىمۇ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشخەۋەر بەرگەن[4] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنىڭ بۇ خۇشخەۋىرىگە نائىل بولۇشنى خالايدىغان مۆئمىنلەر، پۇرىقى ناچار يېمەكلەرنى يېگەن ھالدا جامىگە كىرىشنىڭ سۈننەتكە خىلاپ ئىكەنلىكى بىلىدۇ[5]. خوشپۇراقلارنى چېچىپ، ھېچقانداق قېرىندىشىنى بىئارام قىلمايدىغان دەرىجىدە جامەگە بارىدۇ. جامائەتنىڭ ئەستايىدىل ناماز قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىش - ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرىدۇ. بەندىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان چاغدا، بەندىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ سالماسلىققا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەت ھەققىدىكى مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى قەتئىي ئەستىن چىقارمايدۇ؛

«دىققەت قىىلڭلار! ھەمىڭلار ئاللاھقا مۇناجات قىلىسىلەر، بىر بىرىڭلارنى بىئارام قىلماڭلار»[6]

قىممەتلىك مۆئمىن قېرىنداشلار! ۋەز ۋە خۇتبىلەر؛ تەربىيە مەركىزى ھېسابلىنىدىغان جامەلەرنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىمان، ئىرپان ۋە ئەخلاق پەزىلەتكە چاقىرىدىغان ساداسىدۇر. جامەنىڭ ۋە جامائەت بولۇشنىڭ ئەدەپلىرى بولغانغا ئوخشاش خۇتبە ئاڭلاشنىڭمۇ قائىدىسى بولىدۇ. خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقان چاغدا ئەستادىيىدىللىق بىلەن ئاڭلاش دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر. يېنىدىكى كىشى بىلەن سۆزلىشىش، باشقا ئىشلارنى قىلىش ۋە يانفۇنى بىلەن مەشغۇل بولۇش كىشىنىڭ خۇتبىنىڭ رۇھىدىن ئۇزاقلىشىشىغا، نۇقتىلىق سۆزلىرىنى قاچۇرۇپ قويۇشقا ۋە ساۋابىدىن مەھرۇم بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقاناق مۆئمىننىڭ خۇتبە ئەسناسىدا قانداق ئەستايىدىل بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان چاغدا، يېنىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەن كىشىگىمۇ ھەتتا، <جىم بول!> دېگەن كىشى خاتالاشقان بولىدۇ»[7] دېگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! نامازلىرىمىزنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا غەيرەت قىلىپ، جامىلىرىمىزنى جانلىق تۇتايلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇرلانغان سائادەت ئەسرىدىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئائىلە بويىچە جامەگە بارايلى! پەرزەنتلىرىمىزنى جامەگە ئادەتلەندۈرەيلى!

كەپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى جامەدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا جامەنىڭ ۋە جامائەت بولۇشنىڭ قىمىتىنى چۈشەندۈرەيلى! ئەدەپلىرىنى ئۆگىتەيلى! مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، بىز بارلىق مۇسۇلمانلار چىن قەلبىمىز بىلەن باغلانغان جامىلىرىمىزگە ھۆرمىتىمىزنى ئاشۇرايلى! ۋەز سۆزلىنىۋاتقان ياكى قۇرئان ئوقۇلۇۋاتقان پەيتتە، جان دىلىمىز بىلەن قۇلاق سالايلى! بولۇپمۇ جۈمە نامىزىنىڭ مەقبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى بولغان خۇتبىنىڭ ئەسلىدە نامىزىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى! پۈتۈن دىققىتىمىزنى خۇتبىگە مەركەزلەشتۈرەيلى! سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلغۇچىلاردىن بۇلايلى! ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ھوزورىدا ۋە ئىبادەت ھالىتىدە ئىكەنلىكىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشايلى!

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقي مۆئمىلەرگە خاس ئادەت ۋە خاراكتېر بىلەن قوراللاندۇرسۇن ئامىن!

 


[1] - بۇخارى، ئەزان بابى، 46ھەدىس. مۇسلىم ناماز بابى 98 - ھەدىس

[2] - مۇسلىم مەسجىد بابى، 288ھەدىس

[3] - سۈرە ئەئراف 31 ئايەت

[4] - مۇسلىم مەسجىدلەر بابى، 51 - ھەدىس

[5] - بۇخارى ئىتسام 24ھەدىس

[6] - ئەبۇ داۋۇت، تاتاۋۋۇ 25ھەدىس

[7] - بۇخارى جۈمە بابى 36 ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر