ناتسىست يەر ئاستى تەشكىلاتى دېلوسى ۋە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1020089
ناتسىست  يەر ئاستى تەشكىلاتى دېلوسى ۋە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى

گېرمانىيەدە ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسى باشلانغانلىقىغا 5 يىل بولغان بولسىمۇ، دېلو ھازىرغىچە ئايدىڭلاشمىدى. بۇ دېلودىن ساۋاق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىدە تولىمۇ ئەپسۇس ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسى بارغانچە ئەۋجىگە چىقماقتا.

گېرمانىيەدە سەككىزى تۈرك 10 كىشىنى ئۆلتۈرۈش، بانكا بۇلاش ۋە بومبىلىق ھۇجۇملارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالدى. مىيونخىن ئالىي سوت مەھكىمىسىدە 5 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان دېلودا باش گۇماندار بېتې زىھچېپتىن باشقا بۇ تەشكىلاتقا ياردەم قىلغان 4 گۇماندار سوتلاندى. باش گۇماندار بېتې زىھچېپتىنغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى. قالغان تۆت گۇماندارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى ۋە گېرمانىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 كىشىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بېتې زىھچېپتىنتىن باشقا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن ئۇۋې بۆھھارد ۋە ئۇۋې مۇندلوسنىڭ 2011-يىلى 4-نويابىردا بانكا بۇلاش ۋەقەىسىدىن كېيىن يوشۇرۇنىۋالغان جايدا جەسىتىنىڭ تېپىلىشى ۋە بۇ شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قاتارلىقلار نۇرغۇن گۇمان پەيدا قىلدى. ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسىنىڭ باش گۇماندارى بېتې زىھچېپتىننىڭ تەشكىلات ئەزالىرى تۇرىدىغان ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساقچىلارغا تەسلىم بولۇشى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولۇشى قاتارلىقلار بۇ دېلونىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەھۋال نۇرغۇن گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ئاساسىي قانۇننى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 130 دەلىلنى يوق قىلىۋېتىشى، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كەينىدە قايسى كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. دەرۋەقە، قارىلىغۇچى ئادۋوكاتلار بۇ تەشكىلاتنىڭ 3 كىشىدىن تەشكىل تاپقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.  

ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئاساسىي قانۇننى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەشكىلات توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقى ھازىرغىچە ئايدىڭلاشمىدى. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغاندىن كېيىن گېرمانىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى دەسلەپ جىنايەتكە قۇربان كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئىرقچىلىق جىنايىتى بولۇش ئېھتىمالىنى تامامەن رەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاش بولۇشىدىن ئىلگىرى سادىر بولغان جىنايەتلەرنى «ئايلانما كاۋاب جىنايەتلىرى»دەپ ئاتاشقانىدى. گېرمانىيە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ جىنايەت ۋە گۇماندارلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە دەلىللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى ۋە جىنايەتلەرنىڭ ئىرقچىلىق جىنايىتى  بولۇش ئېھتىمالىنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن، بۇ تەشكىلات ئۇزۇنغىچە جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ جەمئىي 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ناتسىست سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلوسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە، گېرمانىيەدىكى ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى بولغان ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەسى « AfD » بولسا راي سىناشقا كۆرە، گېرمانىيە سىياسىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىغۇچىسى بولغان ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان. بۇ پارتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى پارتىيە ھالىتىگە كېلىشىگە قاراپ، ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسى گېرمانىيە سىياسىتى ۋە جەمئىيىتىدە يىلتىز تارتتى، دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. ئۇزۇندىن بۇيان گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقان چەت ئەللىك ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى بۇ ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيە بىلەن تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەسى « AfD »لا ئەمەس بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شىرىكلىرىدىن بولغان خىرىستىيان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭمۇ  بۇ ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ چەت ئەللىك ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغان باياناتلارنى بېرىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى گېرمانىيەنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان گېرمانىيە جەمئىيىتىدە تۇنجى قېتىم ئىرقچىلىق ۋە مەلۇم بىر دىنغا بولغان دۈشمەنلىك بۇنچىلىك ئەۋجىگە چىقمىغانىدى.

گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىۋتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر ئەھۋال بولسا گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدۇر. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى يىللاردىن بۇيان گارمونىك ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ھاياتىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتتى. مەسۇد ئۆزىل، ئىلكاي گۈندوغان، سامى كېچدىرا، لۇكاس پودولسكى، جېروم باتېڭغا ئوخشاش كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ بۇ  پەرزەنتلىرى گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلدى. بىراق گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىمۇ ئىرقچىلىقتىن نىسىۋېسىنى ئالدى. ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەسى « AfD »نىڭ باشلىقى ئالېكساندېر گاۋلەندنىڭ «مىللەت باتېڭنى خالىمايدۇ»دېگەن سۆزلىرى ئىرقچىلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر. بۇ بىمەنە ھادىسىدىن كېيىنلا مەسۇد ئۆزىل ۋە ئىلكاي گۈندوغاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنگلىيەدە رەسىمگە چۈشۈشى گېرمانىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. دەرۋەقە، گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە شاللىنىپ كېتىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى مەسۇد ئۆزىلگە دۆڭگەپ قويۇلدى ۋە مەسۇد ئۆزىلنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن چۈشكەن سۈرىتى تارقىتىلدى. بۇ ھادىسىلەر گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر