ئۆلچەمگە لايىق توي قىلىش (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 29 - 2018

1016239
ئۆلچەمگە لايىق توي قىلىش (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ 2يىلىدا سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھا ئەنھا بىلەن جىيەنى ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تويىنى قىلغان ئىدى. فاتىمەنىڭ تويلۇق مېلى، بىر پارچە دۇخاۋا، بىر سۇ تۇلۇمى ۋە ئۆزى خۇشپۇراقلىق ئىزھىر ئوتى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ياستۇقتىنلا ئىبارەت ئىدى. مېھىر ھەققىمۇ قىزلىق مېلىغا ئوخشاش ئاز، توي زىياپىتىمۇ ئىنتايىن ئاددى ساددا بولغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەينى چاغدا فاتىمە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ تويىنى كۆرگۈچىلەر: «بىز فاتىمەنىڭ تويىدىنمۇ گۈزەل توي كۆرۈپ باقمىدۇق» دېيىشكەن ئىدى[1].

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! توي قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر. ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە خۇشاللىق، بەرەكەت ۋە جەننەتكە ئېرىشتۇرىدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك بىر باشلىنىشتۇر.  شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «توي قىلىش دىننىڭ يېرىمىنى قوغداشقا ۋەسىلە بولىدۇ[2]» دېگەن ئىدى.

ئائىلىلىك بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىغان توي مۇراسىمىز بولسا، سۆيگەن كىشىلىرىمىزنىڭ شاھىدلىقى ۋە گۈزەل تېلەكلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇلۇغ بىر مۇراسىمدۇر. توي مۇراسىمىدا بىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىككى ھايات بىر ئۆيدە بىرلەشكەن بولىدۇ. كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد كۈچىيىدۇ. خوشاللىق ئورتاقلىشىلىدۇ. ساغلام ۋە خەيرىلىك ئەۋلادلارنىڭ نىسىپ قىلىنىشى، مېھرى مۇھەببەت ۋە كۆيۈم شەپقەت ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىنىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! بارلىق ھەرىكىتى ئۈممەت ئۈچۈن ئۈلگە ھېسابلىنىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭى توي قىلغانلارغا: «ئاللاھ بۇ توينى سېنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك قىلسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى[3]. شات خوراملىق ئىچىدە قىلىنغان تويلاردا يوللۇق كۆڭۈل ئىچىشلارغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، بىراق توينىڭ ھەشمەتخورلۇقتىن ئۇزاق، ئاددى ساددا، سەمىمىي ۋە ئوتتۇراھال بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. چۈنكى مۆئمىنلەرگە نىسبەتەن تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بىرسى، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشتۇر. خوشاللىق، ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، كۆڭەل ئېچىش ۋە بەندىچىلىكتىمۇ ئۆلچەملىك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. 

ئۇلۇغ كېتابىمىز قۇرئان كەرىم ئائىلىلىلەرنى قوغداش جەھەتتە مۆئمىنلەرنىڭ بىر بىرىگە ياردەمچى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، پەيغەمبىرىمىزمۇ توي قىلىشنى نىيەت قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خوشخەۋەر بەرگەن ئىدى.  ئىسلامدا نۇقتىلىق ئامىل توينىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئەڭ بەرەكەتلىك نىكاھ، جاپاسى ئاز بولغىنىدۇر[4]»  دېگەن ھەدىسىنى ئۇنتۇغىنىمىزدا، كۆپىنچە ھاللاردا ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلارغا دۇچار بولىمىز. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تويغا قىلىنىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان خىراجەتلەر ئائىلىلەرنى قېيىن ئەھۋاللارغا دۇچار قىلماقتا. توي قىلىشنى خالايدىغان ياشلار توي چىقىملىرىنىڭ نورمالدىن يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن قېينىلىپ، توي قىلىشتىن قاچماقتا. ھەتتا تويدىن كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە قەرز ئاستىدا ئېزىلىشىگە، يېڭى قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ تۇنجى يىللىرىنى ماددى قېيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزىشىگە سەۋەب بولماقتا. ۋەھالەنكى ئاددى ساددىلىقتا ئېسىللىق ۋە كەمتەرلىكتە ھېكمەت بولىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭى توي قىلغان بىر ساھابىغا، «بىر قوي سويۇپ بولسىمۇ توي زىياپىتى بەرگىن[5]» دەپ تەۋسىيە قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئەسلى مەقسىدى دوستلىرىمىزنى بىريەگە جەم قىلىپ، كۆڭۈل ئېلىشتىن ئىبارەت بولغىن توي زىياپىتىمىز، رىيا، دەبدەبە، ئۆزىنى كۆرسىتىش پائالىيىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى توي زىياپىتىدە باي كەمبىغەلنى ئايرىماسلىق لازىملىقىنى تەكىلتىگەن پەيغەمبىرىمىز، بايلار تەكلىپ قىلىنىپ، غەمبەغەللەر ئۇنتۇلغان توي زىياپىتىنى «ئەڭ ناچار زىياپەت» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى[6].

دېمەك، مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزلەرگە ئەڭ يارىشىدىغىنى، نىكاھ، چاي ئىچكۈزۈش، سۈننەت ۋە توي مۇراسىملىرىدا ئىسلام سىزىپ بەرگەن دائىرە ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشتۇر. ئىسلام پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل ئاچقاندىمۇ ئۆلچەم ۋە تەڭپۇڭلۇقنى قولدىن بەرمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئىي ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلىپ بەرگەن ياخشى ۋە پاك نەرسىلەرنى سىلەر ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلىۋالماڭلار ۋە ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەك چېگرالاردىن ھالقىپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ[7]» دېيىش ئارقىلىق ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەقىقىي مۆئمىن «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن» دېگەننى باھانە قىلىپ، ھارام قىلىنغان ئىشلاردا بۇشاڭلىق قىلمايدۇ. خوشاللىقىنى ئىزدەپ، مېڭىنى مەس قىلىدىغان ھاراق، خوشاللىقىنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان قورال ئېتىشلار ۋە ئائىلە مەھرىمىيىتىنىڭ چەك - چېگرالىرىنى ئاياق ئاستى قىلىشتەك ناچار ئىشلارغا يېقىن يولىمايدۇ. كۆڭۈل ئاچقان چېغىدىمۇ ھېچ كىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنى بىئارام قىلمايدۇ.  ئاللاھنىڭ ھەر دائىم ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشايدۇ. ئاللاھقا شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ ئاي، بۇ كۈنلەر ئاساسەن دېگۈدەك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تويلىرىنى كۆپ قىلىدىغان مەزگىلدۇر. بۇ ئايلاردا شاتلىقىمىزنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرىشىمىز لازىم. ماددى ھەۋەسلەرگە، نەپسىي ئىشتىياقلارغا بېرىلىمەي، ھەشەمەتخورلۇق ۋە ئىسراپچىلىققا قۇل بولۇپ قالماستىن، توي قىلىشقا دىققەت قىلايلى! ھاياتنىڭ ئويۇن ۋە كۆڭۈل ئېچىشتىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇمايلى!

توي مەرىكىمىزنى، يېنىدا ھوزۇر ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە ئۆز تىپىمىزدىن ئاياللارنى ياراتقان، ئارىمىزغا مۇھەببەت ۋە مېھرى شەپقەت ئورناتقان[8] ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشنىڭ ۋەسىلىسىگە ئايلاندۇرايلى! 

ئاللاھ ھەممەيلەننى، ھەشەمخورلۇق ۋە رىياكارلىقتىن ئۇزاق، ئىسلامنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن توي قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!!! 

 

 

[1] - ئىبنى ماجە، نىكاھ بابى، 24ھەدىس

[2] - بۇخارى، شائىبۇل ئىمان بابى، 382ھەدىس

[3] - مۇسلىم، نىكاھ بابى 77ھەدىس

[4] - ئىبنى ھەنبەل، 5جىلد، 83ھەدىس

[5] - بۇخارى، نىكاھ بابى، 69ھەدىس

[6] - بۇخارى نىكاھ بابى، 73ھەدىس

[7] - سۈرە مائىدە، 87ئايەت

[8] - سۈرە رۇم، 21ئايەتكە قارالسۇن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر