ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1015657
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە ئىككى سائەت ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە ئىران ۋە سۈرىيە بولۇپ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن، خەلقئارانىڭ دىققىتى  دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئىككى رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا مەركەزلەشتى ۋە ئۇچرىشىشتا قايسى تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار توغرىسىدا ھەر خىل خەۋەرلەر، قاراشلار ۋە ئىنكاسلار پەيدا بولدى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلەردىن باشقا، تەنقىدلىگەنلەرمۇ بولدى، كۆرۈشۈشتە پۇتىننىڭ ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈپ ترامپنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى، كۆرۈشۈشنىڭ غالىبىنىڭ پۇتىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، شىۋېتسىيە دائىرلىرى ئىككى رەھبەرنىڭ خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تەنقىلدى.   قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دونالد ترامپ 2016-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇنداق ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ترامپنىڭ باياناتى ئامېرىكىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى، ھەتتا بەزى شەخس ۋە قاتلاملار ترامپنى «ۋەتەن خائىنى»دەپ تەرىپلەشتى. ترامپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خېلسىندىكى بەرگەن باياناتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ  رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ پۇتىن-ترامپ ئارىسىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن سىرت باشقا قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ پۇتىن-ترامپ ئۇچرىشىشى كۈتۈلگەن يەردىن چىقتىمۇ؟ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكا-رۇسىيە ئارىسىدىكى سۈركىلىش پەسىيەمدۇ؟ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ كۆرۈشۈشىدىن بىئارام بولغان دۆلەتلەر بار؟ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى خەلقئارا قانداق نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر