يەر شارىنى ئىستىلاھ قىلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى

دۇنيا كۆزنىكى (29)

1014762
يەر شارىنى ئىستىلاھ قىلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى

دۇنيا كۆزنىكى (29)

«يەر شارىنى ئىستىلا قىلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يەر شارىنى ئىستىلا قىلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، ئالدىنقى ماقىلىمىزدا 15ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بويلىغان ھالدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ماھىيىتى، تەشكىلات ئەزالىرىنى ئائىلىرىدىن، جەمئىيەتتىن ۋە كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، قانداق يېتىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. قېيىن ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تەشكىلات ئەزالىرىنى مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدۇق.

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىنىش ئۇسۇلى

 

دەرۋەقە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەخپىي ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن بىر ئېتىقاد بىلەن ئەزالىرىنىڭ قايتىدىن مېڭىسىنى يۇيۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى باشقا دۆلەتلەرگە يوللاپ، تەشكىلاتنىڭ ئۇ يەرلەرگىچە كېڭىيىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بارغان دۆلەتلەردە تەشكىللىنىشى خۇددى دەسلەپكى مەزگىللەردە تۈركىيەدىكى تەشكىللىنىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئالدى بىلەن مەكتەپ ئېچىپ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئىنتايىن خەلقچىل ۋە خالىسانە خىزمەت ئورگانلىرىدەك كۆرىنىدۇ. ئاندىن رەسمىي تەشكىلاتلىنىشنى باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئىككى نەرسىنى نىشان قىلىدۇ. بىرىنچىسى؛ بارغانلا دۆلەتتە ئۆزلىرىگە يېڭى تەشكىلات ئەزالىرى يېتىشتۇرۇش، ئىككىنچىسى؛ يېتىشتۇرگەن كىشىلەرنى شۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورگانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش.

بۇ ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى مەخپىي، قەتئىي كۆرۈنمەيدىغان شەكىلدە ئالقىنىغا كىرىگۈرۈشنى خالايدۇ. بىر ئاز دىققەت بىلەن نەزەر سالغان كىشىلەر، فەتھۇللاھچى تېروررلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە ئىستىخبارات ئورگانلىرى، ئارمىيە ۋە ساقچى ئىدارىلىرى، باش مىنىستىرلىق ۋە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىلىرى شۇنداقلا مەركەز بانكىلىرى دېگەندەك ئىستىراتېگىيەلىك ئورگانلىرىغا ئاستا - ئاستا سېڭىپ كىرگەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. قەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلمەيدىغانلار، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر ئورگانلارغا لىبېرالىزمچى، سوتسيالىست، خىرىستىيان، سىكولارىزمچى دېگەندەك، شۇ دۆلەتتە ئېتىبارلىق ئىدېئولوگىيەلەرگە مەنسۇپتەك كۆرۈنۈپ تۇرۇپ سىڭىپ كىرىۋالىدىغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ. كۆپىنچە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ يەتكەندە، تولىمۇ كېچىكىپ قىلىشقانلىقلىرىنى ھېس قىلىدۇ.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا تەھدىتمۇ؟

 

مەيلى «كائىنات ئىمامى» دەپ ئۆزىگە ئۇنۋان تاقىۋالغان كاتىۋىشى گۈلەن نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە تەشكىلاتلىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى نۇقتىسىدىن بولسۇن، فەتھۇللاھچى تېروررلۇق تەكشىلاتىنىڭ پەقەتلا تۈركىيەنى نىشان قىلغان بىر تەشكىلات ئەمەسلىكى ئېنىقتۇر. ئۇنىڭ 170 تىن كۆپرەك دۆلەتتە تەشكىلاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. زادى قانچە دۆلەتتە تەشكىلاتلىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىىسملىرى بىلەن ئاشكارا ئەمەس، ئوخشاش بولمىغان ئىسىملار ئارقىلىق مەخپىي تەشكىلاتلىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەمەس.

تۈركىيە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەخپىي نىشانىنى بىلگەنلىكى ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلات ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى بىلمەيدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى.  بەزى دۆلەتلەردە نەيراڭۋازلىقلىرى بىلەن ھازىرمۇ خالىسانە ئاممىۋى تەشكىلات سىياقىدا تەشكىلاتلىنىشنى ۋە ئازغۇن ئېتقادلىرى ئارقىلىق يېڭى ئەزا توپلايدىغان مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنچە ئازابلىق، شۇنچە جان ۋە قانلارنى بەدەل تۆلەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن تۈركىيەنىڭ تەجرىبىسى، تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئوچۇق بىر ساۋاقتۇر.

 

فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەھدىتى ئاخىرىلاشتىمۇ؟

 

ئەسلىدە تۈركىيەدە بىر قانچە يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى كۈنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. فەتھۇللاھچىلار قۇرۇپ چىققان قورقۇنچلۇق يەر ئاستى ئېمپىرىيە سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ئاڭلىتىشى، فەتھۇللاھچىلارنىڭ قۇرغان ئويۇنلىرىنى ئاسكارىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە شۈكرى قىلىشىمىز لازىم.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي تەبىئىيتىنىڭ تەقەززاسى بولغان ياخشى نىيەتلىرىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلانغان ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىگە ئىشىنىپ، قوللاپ - قۇۋۋەتلەيتتى. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ ئىپلاس تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنى مەخپىي تۇتۇش تاكتېكىلىرى، ئوخشىمايدىغان تۈسكە كىرىۋىلىش ئۇسۇللىرى، مەخپىي پىلانلىرى، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى يوللۇق دەپ قارايدىغان ئازغۇن ئېتىقادى ئاشكارىلاندى. نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بۇ تۇنۇش، ھەم تۈركىيەگە ھەم پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن كاتتا ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. 

تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ نامايان قىلغان پەقۇلئاددە تىرىشچانلىقى ۋە بۇ ئىپلاس تەشكىلاتقا دائىر شىكىللەنگەن تونۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. تۈركىيە جامائەتچىلىكتە شەكىللەنگەن بۇ بىلىش ۋە تەشكىلات ئىقتىدارىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى نەتىجىسىدە، قەتھۇللاھچىلارنىڭ قايتا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يېڭى بىر تۈزۈم ئورنىتىش ئىقتىدارى قالمىدى. گەرچە ھاكىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇش ئىقتىدارى بىتچىت قىلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق فەتھۇللاھچى تېروررلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرمۇ سۇيىقەست قىلىش، ۋەيران قىلىش كۈچى ساقلىنىپ كەلمەكتە. كونۇپكىسى پېنسىلۋانىيادىكى تەشكىلات كاتىۋىشىنىڭ ئالقىنىدا بولغان قاتىل روبوتلار، گويا بىردىن ئادەم بومبىغا ئوخشاش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەردە ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى كاللا سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر فەتھۇللاھچىنىڭ رۇسىيە ئەلچىسى كارلوۋنى ئۆلتۈرىشىگە ئوخشاش تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش ئىقتىدارى ھازىرمۇ مەۋجۇت. بۇ تەھدىت يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇلار پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەردىمۇ داۋاملاشماقتا. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسىي سىستېمىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىدە مۈكۈنۈپ ياتقان ۋە بۇيرۇق كۈتۈۋاتقان ھۆچەيرىلىرى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

شۇنداق! ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئىنسانغا ئوخشايدىغان، بۇ سەبىي يۈزلۈك، قاتىل روبوتلارنىڭ پىروگراممىلىرى ۋە پىروگراممىلىغۇچىلىرى بايقىلىپ بولدى. بىراق پائالىيەتلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كىملىكلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بەزى كىملىكى ئېنىقلانمىغان قاتىل روبۇتلىرى ئارىمىزدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە. دۇنيا مىقياسىدا بۇ زەھەرلىك پىرگوراممىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يۈزمىڭلارچە كىشى بارلىقى مەلۇم.  ئىرادىسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئامېرىكىدىكى تېرروىست گۈلەنگە تۇتقۇزۇپ قويغان بۇ ئىنسان يۈزلۈك روبوتلارنىڭ قايتىدىن ئەركىن، مۇستەقىل تەپەككۈر قىلايدىغان ھەقىقي ئىنسانلارغا ئايلىنىشى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدىكى پىسىخئولوگىيە مۇتەخەسسىلىرى، جەمئىيەتشۇناسلار، دوختۇرلار ۋە دىنىي ئالىملارنىڭ يېڭى ئىجادىي خىزمەتلىرىگە جىددىي ئېھتىياج بار. 

قاتىل روبوتلارنى قايتىدىن ئىنسانغا ئايلاندۇرۇشنىڭ چارىسى تېپىلمايدىكەن ھېچكىشى، ھېچبىر دۆلەت ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى خەتەردىن خالىي بولالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قاتىل روبوتلار سان سىپىرلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. يەرلىك دۆلەتلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك نۇرغۇنلىغان ئامىللار بىلەن ماس ھەرىكەت قىلىش قابلىيەتلىرى بار. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى خەلقئارالىق ئاكتىيورلار ۋە ئىستىخبارات تەشكىتلاتلىرى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەت قىلىشماقتا. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئاكتىيورلار قاتىل روبوتلارنىڭ داۋاملىق ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى خام خىيال قىلىشماقتا. ھالبۇكى بۇ تەشكىلاتنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولسا، ھېچبىر دۆلەت بىلەن ھېچقانداق مۇقىم، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ باقمىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايدۇ. شۇڭلاشقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بۈگۈنكى كۈندە «پەقەتلا قوللىنىۋاتىمىز» دەپ ئويلاۋاتقان ئاكتىيورلار ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىشى تۇرغانلا گەپ.  ئۆزى پەيدا بولغان ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە ساداقىتى بولمىغان روبوتلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرىلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىغا ياكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە سادىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاش ئەقلىي كۆرلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

شۇڭا باشقا ھېچنەرسىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، دۇنيانى كۈتۈپ تۇرغان بونداق بىر ئىستىلا ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى جاسارەت بىلەن توسقان، ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە پەرۋاسىز بۇ تېررولۇق تەشكىلاتى ھەققىدە دۇنيادا تۇنۇش پەيدا قىلغان، تۈركىيەگە ۋە ئۇنىڭ جۇمھۇر رەئىسىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ تەشەككۈر بۇرچى بارلىقى ئېنىق.  

 

   يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر