يوقالغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزىدا بىر سەيياھ

دۇنيا كۆزنىكى (27)

1005704
يوقالغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزىدا بىر سەيياھ

دۇنيا كۆزنىكى (27)

«يوقالغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزىدا بىر سەيياھ »

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يوقالغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزىدا بىر سەيياھ» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ھاياتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ زامانىۋى بىلىملەرگە تۆھپە قوشۇشىغا ئاتىغان بىر بىلىم ئادىمى پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن 94 يېشىدا مۇشۇ ھەپتە ئارىمىزدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ 94 يىللىق بىر ئۆمرىگە سىغدۇرغان ئۇتۇقلىرى ۋە قالدۇرغان مىراسلىرى شۇ قەدەر كۆپ ئىكەنكى، ھەتتا بىر قانچە ئىنساننىڭمۇ پۈتۈن ئۆمرىگە سىغدۇرالايدىغانلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇستاز فۇئات سەزگىن گويا ھېچ توختىماستىن ماڭىدىغان سائەتكە ئوخشاش بىر ئۆمۈر بويى ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ، سائەت توختىغاندا ھايات بىلەن ۋىدالاشقان بولدى. 

بىلتىستىن دونياغا سەپەر

ئۇستاز فۇئات سەزگىن 1924يىلىدا بىتلىستە دۇنيا كېلىدۇ. ئاساسلىق دىنىي ئىلىملەرنى ۋە تۇنجى ئەزەبچە دەرسلىرىنى ناھىيە مۇفىتىلىگىدىكى دادىدىسدىن ئۆگىنىدۇ. 1943يىلىدىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى شەرق تەتقىقات ئىنسىتېتۇتىدا ئاكادېمىك ھاياتىنى باشلايدۇ. ئىنىۋېرسىتېتتا گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس ھېلمۇت رىتتېر بىلەن تونۇشىدۇ.

بەزىدە يامانلىق ياخشىلىقنى تۇغىدۇ

ئۇستاز فۇئات سەزگىن ئاكادېمىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 1960يىلىدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، باشقا نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىردىن - بىر جىنايىتى ئۇكىسىنىڭ دېموكرات پارتىيەسىگە ئەزا بولغانلىقى ئىدى. ئەمدىلا 36 ياشقا كىرگەن ياش ئاكادېمىك ئالىم تۈركىيەدە ئىشسىز ۋە چارىسىز قالىدۇ. بىراق ھەر دائىم دۇرۇست، تىرىشچان، ئىجادكار كىشىلەرگە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە دەرۋازىلار تاقىلىپ كەتسىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە چوقۇم بىر دەرۋازە ئېچىلىدىكەن. ئۇستاز فۇئات سەگىنمۇ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۇنىۋېسىتېتتىن قوغلاپ چىقارغان ھەربىي ئوفېتسىرلەرگە رەخمەت ئېيتىپ، «قىلمىشلىرىڭلارنى ۋە يولغا قويغان سىياسىتىڭلارنى ياختۇرمايمەن، لېكىن سىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن. چۈنكى مېنى ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلاپ چىقارمىغان بولساڭلار، مەن گېرمانىيەدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرىمنى قىلالمىغان بولاتتىم» دەيدۇ.

تۈركىيەدە پۈتۈن دەرۋازىلار تاقالغاندىن كېيىن، ئۇستاز فۇئات سەزگىن ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىن تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.  تۈركىيەگە خاتىرىجەم كېلىپ كېتەلەيمەنغۇ، دېگەن خىيال بىلەن گېرمانىيەنى تاللايدۇ. گېرمانىيەدە ئىسلام ئىلىم پەت تارىخى تەتقىقاتىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخسكە ئايلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار تارىختا يوقمىتى؟

ئۇستاز فۇئات سەزگىننىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئىلىم پەن ساھەسىدە پۈتۈن دۇنيانى فەتھى قىلماقچى بولغان بىر جەڭگىۋار كىشىنى كۆرىمىز. ئۇ داۋاملىق كۈتۈپخانىلەرگە يۈگرەيدۇ، باشقا ھېچ قانداق ئىشقا ۋاقىت ئايرىماي ئونلىغان يىللارغىچە پەقەتلا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، چۈشلۈك تامىقى كۆپىنچى ناننىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېرىمچىك ياكى سۈرگەلگەن مىراببا بولىدۇ.

ئۇستاز فۇئات سەزگىننى ئىنسان چېداپ بولالمايدىغان دەرىجىدە بۇنچە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۇندىگەن زادى نېمە؟

بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋە ئۇ ياشىغان مەزگىللەردىمۇ بەزىلەر قارىغۇچلارچە قوبۇل قىلىۋالغان «ئىلىم پەن تەسلىمچىلىكى» دېيىشكە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم پەنگە تۆھپە قوشمىغانلىقى، «بۈگۈنكى ئىلىم پەن ۋە تېخنىكا قەدىمىي يۇنان ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋروپادىكى ئىلگىرىلەشلەردىن كەلگەن» دەپ قاراش ئىدى.  بۇ ئازغۇن قاراش بىلەن ئۇ تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغدىلا تونىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

باشلانغۇچ مەكتەپنى باشلاپ ئارىدىن 2 ياكى 3 ھەپتە ئۆتكەن چاغدا بىزگە دۇنيانىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن ئايال ئوقۇتقۇچىمىز <مۇسۇلمان ئالىملار بولسا، دۇنيانىڭ بىر كالا مۇڭگىزىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ> دېگەننى ئۆگەتكەن ئىدى. مەن بىچارە كىچىك بالا بولغاچقا شۇنىڭدىن 30 يىل كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلىدە 9ئەسىردىلا ئېكۋادورنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىر قانچە مېتوت بىلەنلا 40 مىڭ كېلومېتېرغىچە ئۆلچەپ بولغانلىقىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمنى نەردىن بىلەي؟» 

ئۇستاز فۇئات سەزگىن ھاياتىنى ئاتىغان ئىلمىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق تەبىئەت بىلىملىرىگە ۋە نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارغا مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قانداق ئالىي تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئۆزگىچە تۆھپىلەردىن باشقا يەنە، قەدىمىي يۇناندىكى پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەننىڭمۇ مۇسۇلمان ئالىملار ئارقىلىق زامانىۋىي دەۋرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئۇ ئىسلام ئىلىم پەن تارىخى تەتقىقاتى بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ھەتتا بۈگۈنكى دەۋردە ئىسلام ئىلىم پەن تەتقىقاتى ساھەسىدىكى خىزمەتلەردە نۇغۇنلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۆلەتلەردىن تېخىمۇ بەك ئالدىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئاچچاق ھەقىقەتنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 http://fazlioglu.blogspot.com/2018/06/prof-dr-ihsan-fazlioglu-prof-dr-fuat-sezgin-ilebilim-tarihi-uzerine-soylesi-pdf.htm

كىشىلىكى، پوزىتسىيەسى ۋە تۆھپىلىرى

 

ئۇستاز فۇئات سەزگىن گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس ھېلمۇت رىتتېرنىڭ قاراشلىرىدىن ۋە خىزمەتتىكى ئىنتىزامچانلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ. تۇنجى كۆرۈشكىنىدە رىتتېر ساناپ بەرگەن ئىسلام ئالىملىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىرلىكتە خىزمەتنى باشلىغاندىن كېيىن رىتتېر كۈنىگە قانچە سائەت ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. فۇئات سەزگىن «13 ياكى 14 سائەت» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. رىتتېر «بۇنداق ئىشلەپ ھەرگىز ئالىم بولالمايسەن» دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇستاز فۇئات سەزگىن تاكى قېرىپ ھالى قالمىغان چاغقىچە كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىنى 1718 سائەتتىن تۆۋەنلەتمەي داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كىشىلىكى ھەققىدە بىرنچى بولۇپ، «ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان ئالىم» دېيىشكە بولىدۇ. 

ئۇستاز فۇئات سەزگىننىڭ كۆزگە ئەڭ كۆپ كۆرۈنەرلىك يەنە بىر تەرىپى، ئىلىم پەنگە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە، غەربكە ياكى باشقىلارغا بولغان قارشىلىقنى بويلاپ پوزىتىسىيە تۇتىشىدۇر. ئۇ مۇسۇلمان ئالىملار تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان دەۋرلەردىكى ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە ئىدى. شۇڭا قايسى تىل، دىن ۋە ئىرقتىن بولشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغىنىدا، ئىلمىي مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، رەتلەشتە ۋە ھەققىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىشتا ئۆز ئۆزىگە تولىمۇ ئىشەنگەن ھالدا مۇئامىلە قىلاتتى. 

شۈبھىسىزكى، ئۇستاز فۇئات سەزگىننىڭ «مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىلىم پەن ۋە نېخنىكىغا قوشقان تۆھپىلىرى» ھەققىدىكى قانچىلىغان جىلدلىك كىتابلىرى ئاجايىپ قىممەتلىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرگە پەقەت بىر بىلىم ئادىمى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بۇ ساھەنىڭ ئاكادېمىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ۋەقىپ، ئىنسىتېتۇتلارنى قورغان زاتتۇر. (ئۇ فىرانكفورددا ئەرەب ئىسلام ئىلىم پەن تارىخى ئىنسىتېتۇتىنى قۇرغان ئىدى) بۇنىڭدىن قولغا كېلىدىغان بارلىق ماددىي كىرىملەرنى يەنە شۇ يولغا ئىشلىتەتتى. بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم پەن تېخكنىكىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ تېخىمۇ ناماي ھالغا كېلىشى ئۈچۈن فىرانكفورت ۋە ئىستانبۇلدا ئىسلام ئىلىم پەن تارىخى مۇزىيىنىمۇ قورغان ئىدى.

ئىككى گېرمانىيە

ئۇستاز فۇئات سەزگىننىڭ ھاياتىدا گېرمانىيە ئۆزگىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ 1960يىلىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بارلىق دەرۋازىلەر تاقالغان چاغدا، گېرمانىيە ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بۇلغاچقا چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېس قىلىدۇ.  شۇڭا ئۇستاز داۋاملىق دېگۇدەك مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. گېرمانىيەمۇ ئەينى چاغدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ھەرىكەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى ھېچ ئىكىلەنمەستىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ئىدى. شۇڭا ئەينى چاغدىكى گېرمانىيەنى ئالقىشلاشقا بولىدۇ. بىراق گېرمانىيەنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى بۇرۇنقى پوزىتسىيەدىن تولىمۇ ئۇزاقتا.

ئۇستاز فۇئات سەزگىن پۈتۈنلەي ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ تەييارلىغان كۈتۈبخانىسىنى تۈركىيەگە يۆتكەش قارارىغا كەلگىنىدە، «كۈتۈبخانىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سوتقا ئەرز قىلدى. ئاخىرىقى ئۆمرىدە گېرمانىيەدىكى خۇسۇسىي كۈتۈبخانىسىغا قۇلۇپ سېلىنىپ، ئۇستازنىڭ كۈتۈبخانىسىغا كىرىشىمۇ چەكلەندى. ئۇ بۇ ئەھۋاللارغا قارىماستىن، يەنىلا مەسىلىنىڭ سىياسىيلاشماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەسىلىنى جامائەتچىلىك ئالدىدا كۈنتەرتىپكە ئەكىلىپ يۈرمىدى.

ئەگەر گېرمانىيەنىڭ ئۇستاز فۇئات سەزگىنگە ئۆتمۈشتە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن ھازىرقى پوزىتسىيەسىگە قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندىكى سەلىبىي ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە بارغانچە ئىچىگە بېكىك بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگە گەدەر تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۇستاز فۇئات سەزگىننى ئانچە تونۇپ كەتمەيتتى. چۈنكى بۇ دۇنيا بەزى ئىستىسنالارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئەسىرنىڭ نېمىلەرنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ھەقلىق رەۋىشتە سەزمىگەن بولغاچقا، ئۇستازنىڭمۇ نېمىلەرنى تېپىپ چىققانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇستاز فۇئات سەزگىن قىلغان خىزمەتلىرى، يازغان ئەسەرلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىم ئىنسانلىرى ئۈچۈن بىر مەشئول يېقىپ قويۇپ ئارىمىزدىن ئايرىلدى. ئاللاھ ماكانىنى جەننەت قىلسۇن.

  ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر