پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن بىرسى گۈزەل ئىسىم (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 26 - 2018

1002357
پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن بىرسى گۈزەل ئىسىم (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرەتتى. چۈنكى ئۇ بىزگە بەندىچىلىك ئېڭى، قائىدە - يوسۇن ۋە پەزىلەت ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتنىڭ ھەر بىر لەھزىسىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە قارىتا بۇ سەزگۈرلىكى بىر بوۋاققا ئىسىم قويۇشتىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلاتتى. ئىككى ئارزۇلۇق نەۋرىسىگە گۈزەل ۋە مەنىلىك قىلىپ، ھەسەن ۋە ھۇسەيىن دېگەن ئىسىمنى ئۆزى قويغان ئىدى. ئىسىم قويىدىغان چاغدا ئالدى بىلەن ئۇلارنى شەپقەت بىلەن قۇچاقلاپ باغرىغا باسقان، ئاندىن ئوڭ قۇلۇقىغا ئەزان، سول قولۇقىغا تەكبىر ئوقۇغان ئىدى. خەيرىلىك ۋە بەرەكەتلىك بىر ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئىككى نەۋرىسىگە دۇئا قىلغان ئىدى. (بۇخارى، مۇناقىبۇل ئەنسار بابى، 45 -، ئەدەب بابى، 109ۋە ئەدەبۇا مۇفرەد بابى 286ھەدىس) 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇش ئارقىلىق ئەسلىدە بۇۋاقنىڭ قۇلاقلىرىغا يارىتىلىش غايىسىنى شىۋىرلىغان ئىدى. ئۇلارغا ئىمان، ئىسلامنى ۋە تەۋھىدنى تەلىقىن قىلغان ئىدى. پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئاللاھقا بەندە بولۇشى كېرەكلىكىنى جىكىلىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قويغان گۈزەل مەنىلىك ئىسىم ئارقىلىق بۇۋاققا بىر ھاياتلىق يولى سىزغان ئىدى. ھاياتى بويىچە خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ۋە ياخشىلىقنىڭ خادىمى بولۇشىنى نەسىھەت قىلغان ئىدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى بويىچىمۇ پەرزەنتلىرىمىز كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى ۋە قەلبلىرىمىزنىڭ شاتلىقىدۇر. ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان لۇتفى ۋە ئامانىتىدۇر. مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، دۇنياغا كەلگەن ھەر قانداق بوۋاق ئۆزگىچە قىممەتلىكتۇر. ئاللاھ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇقى، خەلىپىسى قىلىپ ياراتقان ۋە بىز چوڭلارغا ئامانەت قىلغان بولۇپ، سالىھ بىر بەندە، ياخشى بىر ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن بىز ئەمگەك سىڭدۇرىدىغان بۇ پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىگە يارىشىملىق شەكىلدە قارشى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. بۇ قارشى ئېلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدىن بىرسى دەل ئۇلارغا گۈزەل ئىسىم قويۇشتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! بوۋاق ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا دۇنيا نېئمەتلىرىنى تېتىغانغا ئوخشاش ئىسمى بىلەنمۇ دۇنيادىن باشلاپ ئەبىدىيلىك ئالەمگە قەدەر بىر كىملىككە ئېرىشكەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر قىيامەت كۈنىدە ئۆز ئىسىملىرىڭلار ۋە داداڭلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. ئۇنداقتا پەرزەنتلىرىڭلارغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇڭلار» (ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب بابى 61 - ھەدىس)

بۇ ھەدىس شەرىپ بىزلەرگە «ئىنسان ئاتىلىشى ۋە مەنىسىمۇ گۈزەل ئىسىملارغا لايىقتۇر. ئىنساننىڭ بەدىنى، ئىززىتى ۋە شەرىپى ھۆرمەتكە ئىگە بولغانغا ئوخشاش كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ھەقلىقتۇر. ئىنسانغا بىر ئۆمۈر بويى ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىسىملەرنى قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ناچار لەقەملەر بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ چاقىرىش دىنىمىزدا قەتئىي چەكلەنگەندۇر» دېگەننى تەلىم بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «بىر - بىرىڭلارنى ناچار لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار» (سۈرە ھۇججىرات 11 - ئايەت) دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار، ئىسىم بىر ئىنساننىڭ، بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋە بىر كۈلتۈرنىڭ ئەكىس ئېتىشىدۇر. مەنبەسى ئەڭ توغرا ۋە رۇشەن ئىسلام مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىسىمغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە مىللىتىمىز ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى، ئاندىن تارىخقا ئىزلارنى قالدۇرغان بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇشنى ئىپتىخار ۋەسىلىسى بىلىپ كەلمەكتە. ئەنئەنىمىزدىمۇ ئىسىم ھەممىدىن ئىلگىرى ئىنسان بولۇشنىڭ قەدىر - قىممىتىنى، مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەسكەرتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئىسىم قويۇشتا مۇھىم بولغىنى پەقەت قولاققا ياخشى ئاڭلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىگىسىنى ئەخلاقىي كامالەتكە شۇنداقلا ئىسىل خاراكتېرگە ئىگە قىلىدىغان مەنىلىك ئامىلدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئېتىقادىغا ماس كەلمەيدىغان، ئىنسان شەرىپىگە ياراشمايدىغان، زورۋانلىق ۋە نەپرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتكەن ئىدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەرزەنتلىرىمىزغا مۇسۇلمان ئىكەنلىكلىرىنى ھەر دائىم ئەسلىتىدىغان، دىنىي ۋە مىللىي بايلىقلىرىمىزغا ماس كېلىدىغان مەنىلىك ئىسىملارنى قويايلى! ئۇلارنىڭ يېمەك -  ئىچمىكىگە مەسئۇل بولغىنىمىزغا ئوخشاش گۈزەل ئىسىمغا ئىگە بولىشىدىمۇ جاۋابكارلىقىمىز بارلىقىنى ئەقلىمىزدىن چىقارمايلى! ئېتىقادىمىز ۋە كۈلتۈرىمىزگە سىغمايدىغان ئىسىملارنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى!

ئەۋلادلىرىمىزغا قويغان ئىسىملار ئۇلارغا ئەدەپ - ئەخلاق، ئاڭ ۋە غايە بېغىشلايدىغان شۇنداقلا بىر كومپاسقا ئوخشاش پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ياخشىىلىققا، گۈزەللىككە ۋە خەيىرىلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولسۇن ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر