قۇرئاننىڭ تۇنجى بۇيرۇقى «ئوقۇ!» (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 13 - 2018

941186
قۇرئاننىڭ تۇنجى بۇيرۇقى «ئوقۇ!» (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىققان كىشى، تاكى قايتقىچە ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇق بولغان ئىنسان، ئەقىلغا ئوخشاش تەڭداشسىز بىر نېمەت بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە قىممەت قوشىدىغان نەرسە دەل ئەقىلدۇر. ياخشى ياماننى ئايرىش ئىقتىدارىدۇر. ئەقىل؛ ئىنسانغا مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاتا قىلغان، توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرۈش ۋاستىسى بولغان بىر ئىمكانىيەتتۇر. شۇڭا ئىنسان رەببىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئەقلى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۇننىتى بىلەن چۈشۈنۈپ يېتىدۇ. ئەمەلىي ھاياتىغا تەتبىقلايدۇ. ئاللاھقا، ئەتراپىدىكىلەر ۋە ئۆز - ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئەقلى بىلەن چۈشۈنۈپ ئورۇنداشقا تېرىشىدۇ. ئىلىم پەننى ئەقىل بىلەن ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.

ئىنسانغا نىسبەتەن ئازابلىنىشقا، ئەمگەك سىڭدۈرۈشكە ۋە ھېرىپ چارچاشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ خەيرىلىك نىشان بىلىم ئېلىشتۇر. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى يورىتىدىغان بىر نۇرلۇق خەزىنە، ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ شەرەپلىك ئالىي مەرتىۋە بولۇپ، شۇڭا ئاللاھنىڭ كىتابىمۇ ئىنسانغا قىلغان تۇنجى خىتابىنى «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلىغان ئىدى.

ئوقۇش؛ مەردانىلىق ۋە پەزىلەتنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈش، ھەقىقەتنى مەنزىل قىلىش، يارىتىلغانلىقىنىڭ مەنىسىنى، ھاياتنىڭ مەقسىتىنى ۋە كائىناتنى بىلىپ يېتىشتە ئىنساننىڭ ئەڭ يېقىن دوستىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالامۇ قۇرئان كەرىمدە، «بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولامدۇ؟»[3] دېگەن ئايىتى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بىلىمنىڭ قەدىر قىممىتىنى ۋە ئىلمى ئىرپاندىن قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەلىم بەرگەن ئىدى. ئىلىم ئىرپاننىڭ ئىلاھى مەنبەسى بولغان كىتابىمىز قۇرئانى كەرىم، تەپەككۈر قىلىشىمىزنى، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشىمىزنى ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق توغرا بىلىملەرنى ھاسىل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.  «نادانلاردىن يېراق تۇرغىن»[4] ۋە «ھەرگىز نادانلاردىن بولۇپ قالمىغىن»[5] دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئارقىلىقمۇ بىلىمسىزلىككە جەڭ ئاچىدۇ. شۇڭا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇش، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا، سۈننەتكە ۋە بىلىمگە مەھكەم ئېسىلىش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىدۇر.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار!

بىلىم ئىنسانغا خاس بولۇپ، ئىنسان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. ساغلام مەنبەدىن ھاسىل قىلىنغان توغرا بىلىم ئىنساننى توغرا يولغا باشلايدۇ. جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، دۇنيانى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدۇ. ئىلىم ئىنساننى راھەتكە، خوشاللىققا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئۇتۇقلۇقىغا ئېرىشتۇرىدۇ. جاھالەت بولسا، ئىنساننى نۇمۇسقا قويىدۇ، ئالدايدۇ، خاتاغا ۋە زىيانغا يول ئاچىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە سالغان مەسجىدى نەبىۋىمۇ بىر ئىلىم مەركىزى ئىدى. ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، ئاياللار، ئەرلەر، قېرى، ياش پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى مەسجىدىگە چاقىرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئىلىم تەلەپ قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ جەننىتىنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان خۇشخەۋەرلەرنى ۋە يوليۇرۇقلارنى تەلىم بېرەتتى.[6]

بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ئالىم؛ ئىلىم ھېكمەتنى، ھېكمەت بىلەن ئىرپاننى، ئەخلاق بىلەن ئەدەپنى، ھەق بىلەن ھەقىقەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە سۇنغان كىشىدۇر. ئۆزىمۇ مەزكۇر گۈزەللىكلەرگە ئەمەل قىلغان ۋە ئەڭ توغرا ۋەكىللىك قىلغان كىشىدۇر. چۈنكى ئالىم شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، ھېكمەت سىڭدۈرۈلمىگەن، ئىرپان بىلەن يۇغۇرۇلمىغان بىلىم، ئاخىرەتتە ھېسابى ئەڭ ئېغىر يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! نۆۋەتتە پەن - تېخنىكا دەۋرىدە ياشىماقتىمىز. بىراق ئىنسانلار ئاساسەن پەن تېخنىكىنى يەر يۈزىدە ياخشىلىقنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ئىشلەتمەستىن، ئۇنى تەتۈر سۇيىئىستېمال قىلماقتا. چۈنكى بىلىم ئەخلاقتىن ئايرىلىپ، مەھرۇم قالغانسىرى ئىنساننىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. مائارىپنىڭ رۇھىدىن، ئىلىمنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ياشلىرىمىز، مۇتەئەسسىپلىككە، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا يۈزلەنمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇم ۋە نادانلىق يامرىغان ئىسلام دۇنياسىدا، خاتىرىجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى بەرپا قىلىش، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنياغا قايتىدىن يېڭى بىر مەدەنىيەت تەقدىم قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. بۇ جەھەتتە ھەممىزنىڭ يەلكىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ئالدى بىلەن توغرا بىلىمنىڭ ۋە توغرا مەنبەنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش، ئىلىمنى ئەھلى بولغان كىشىلەردىن ھاسىل قىلىش، ئاندىن ئۆگەنگەنلىرىمىز بىلەن ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! قېنى ئەمىسە ئاتا ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنى قۇرئانى كەرىم ۋە سۈنەتتىن ئۇزۇق ئالىدىغان ئىمانى ئېڭىمىز بىلەن، ئىبادەت سۆيگۈسى ۋە ئەخلاق تۇيغۇسى بىلەن يېتىشتۇرەيلى!

ئۇلارنى ياخشى ئىنسان، ئۈلگىلىك مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشقا تىرىشايلى! قىز، ئوغۇل دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، ئەۋلادلىرىمىزنى مەكتەپلەردە، جامىلەردە ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرمايلى!

خۇتبىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، ئالدىمىزدا «كۈتۈپخانىلار ھەپتىسى» گە قەدەم قويىمىز. بىزلەرگە ئوقۇش ئىشقى ۋە ئادىتى سىڭدۇرىدىغان كۈتۈپخانىلار، ئىلىم ئىرپان بۇلاقلىرىمىزدۇر. كىتابقا بولغان سۆيگىنى سىڭدۇرىدىغان ماكاندۇر. بۇ ئېسىل جايلارنىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلەيلى! كۈتۈپخانىلاردا كىتاب ئوقۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ گۈزەللىكىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ھېس قىلايلى!

  ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىلىم ئىرپانلىق، قۇرئان ۋە سۈننەتكە سادىق، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنپەئەلىك ئىنسانلاردىن قىلسۇن ئامىن!

 


[1]- سۈرە ئەلەق، 1 - 5 ئايەت

[2] - تىرمىزى، ئىلىم بابى، 2ھەدىس

[3] - سۈرە زۈمەر 9ئايەت

[4]- سۈرە ئەئراف، 199 ئايەت

[5] - سۈرە ئەنئام، 35ئايەت

[6] - تىرمىزى، ئىلىم بابى، 19ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر