تۈركىيەنىڭ ئافرىن زەپىرى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

935190
تۈركىيەنىڭ ئافرىن زەپىرى

ئافرىن رايونىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ۋە رايوننى يەرلىك خەلققە تاپشۇرۇش مەقسىتىدە قوزغالغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 58-كۈنىدە ئافرىن شەھەر مەركىزى ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. ئافرىن شەھەر مەركىزىنىڭ تېررورچىلاردىن تازىلىنىشى ئىنسانىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. قىسقىسى، ئافرىن رايونىنىڭ ئازاد قىلىنىشى دولقۇنسىمان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

سۈرىيە ئۇرۇشىغا 7 يىل بولغاندا ئافرىن رايونى  پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تازىلاندى، بۇ سۈرىيە ئۇرۇشىغا ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ئارىلاشقان بارلىق كۈچلەرگە ئىنسانىي جەھەتتىن ئىبرەتلىك ھادىسىدۇر. سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى خەلقئارانىڭ كۆز ئالدىدا ۋەھشىيانە قەتلىئاملارنى ئېلىپ باردى. ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيە خەلقىگە ۋارىل بومبا ئىشلىتىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئوخشاشلا رۇسىيەمۇ مىسكەت بومبىلارنى ئىشلىتىپ قان تۆكتى. ئىران بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىپ كەلگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئىشقا سېلىپ سۈرىيەدە ئېغىر جىنايىي قىلمىشلارنى سادىر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن ي پ گ تېررورچىلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى يەرلىك خەلقنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ رايوندا «ۋەھىمە ئىمپېرىيەسى»قۇرۇپ چىقتى. ي پ گ تېررورچىلىرى ئۆزلىرىگە قارشى چىققان كىشىلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى. تېررورچىلار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى بولغان سۈرىيەلىك كۈرتلەرنى (كوردلار) تۈرمىگە تاشلاپ قىيىن-قىستاق قىلغاندىن سىرت ئۆلتۈردى، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلغاندا كەينىدە ئامېرىكا بار ئىدى. ئامېرىكا ئۇلارغا يانتاياق بولدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن سىرت سۈرىيەدە فوسفور بومبىلىرى ئىشلەتتى، ھەتتا راققەنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. راققە ھازىرمۇ «ئەرۋاھ»شەھىرى بولۇپ، راققە خەلقى بۇ شەھەرگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئامېرىكا راققەنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان تۇرۇپمۇ بۇ شەھەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمىدى.

سۈرىيە 7 يىلدا ۋەھشىي قىلمىشلارغا سەھنە بولدى. دائېش سۈرىيەدە تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ ماددىي ۋە مەنىۋى بولۇپ نۇرغۇن زىيان پەيدا قىلدى، لېكىن سۈرىيە ۋە سۈرىيە خەلقىگە ئەڭ ئېغىر زىياننى ئەسەد، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بەردى. تۈركىيە ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ سۈرىيە ۋە خەلقئارادىكى بارلىق كۈچلەرگە ئىنسانىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئۆرنەك بولدى. راققە ۋە مۇسۇل ئامېرىكا تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىندى، ھالەب ۋە غۇتە رۇسىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى، ھۇمۇس ۋە زابادى ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. تۈركىيە بولسا ھەر ئىككى قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە رايوندىن تېررورچىلارنى تازىلاش جەريانىدا ھېچكىم ۋە ھېچقانداق يەرگە زىيان بەرمىدى.

سۈرىيەدىكى 7 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئېغىر ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلار كۆرۈلدى، بۇ زىيانلارغا نۇرغۇن «ھەربىي ھەرىكەتلەر»سەۋەب بولدى.  لېكىن زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرى بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى سۈرىيەدىكى باشقا قوراللىق كۈچلەردەك يەرلىك خەلقتىن ئىنتىقام ئالمىدى ئەكسىچە قوغدىدى. ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك خەلققە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا راققەگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئوخشاش خەلققە ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى، نۆۋەتتە يۈز مىڭلارچە ئادەم ۋە مۇساپىر راققەگە قايتىپ كېلىپ ماكانلاشقان بولاتتى. زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن سىرت، سۈرىيەدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلانغان رايونلار بىلەن ئىدلىبتىكى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان رايونلار ئارىسىدا بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىلدى. شۇنداقلا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئاستانا، سوچى ۋە جەنۋە سۆھبەتلىرى نەتجىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئارمىيەنىڭمۇ بىۋاستە سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي قانىتىنىمۇ كۈچەيتتى.

قىسقىسى، تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ھەققىي ئەپتى بەشرىسى ۋە قانچىلىك كۈچى بارلىقى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئاشكارىلاندى. ي پ گ نىڭ ھەربىي جەھەتتىن «ئەڭ كۈچلۈك يەرلىك قوراللىق قىسىم»دېگەن قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ھەتتا ي پ گ نىڭ ئامېرىكا ياردەم قىلمىسا ياغاچ قونچاقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. شۇنداقلا ي پ گ نىڭ سۈرىيەلىك كۈرتلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قوللىمايدىغانلىقىمۇ ئايدىڭلاشتى. دەرۋەقە، ئافرىن خەلقى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن قېچىۋاتقاندا ي پ گ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئۇلارغا توسالغۇ بولدى. تېررورچىلارنىڭ بۇ قىلمىشى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە تارقالغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

ئافرىندىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلبىلەر ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى باشقا رايونلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى دولقۇنسىمان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. قىسقىسى، پ ك ك نىڭ كۈچىنىڭ تەشۋىق قىلىنغىنىدەك كۈچلۈك ئەمەسلىكى، ئامېرىكا ياردەم قىلمىسا ھېچنىمە قىلالمايدىغانلىقى تولۇق ئاشكارىلاندى. پ ك ك نىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇنبىچ بولۇپ فىراتنىڭ شەرقىدىكى  رايونلاردا ياشايدىغان ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر