جىھاد ۋە مۇجاھىد (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 07 - 2018

912132
جىھاد ۋە مۇجاھىد (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنىڭ يۇلىدا مېلىڭلار بىلەن ۋە جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، مانا بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«قوللىڭلار بىلەن تىللىڭلار بىلەن ۋە ماللىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار»[2]

بىر ساھابى پەيغەمەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزورىغا كېلىپ، «ھەم ساۋاپقا، ھەم نام – شۆھرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان ئادەم ھەققىدە نېمە دەيسىز؟ بۇنداق كىشى نېمىگە ئېرىشىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھىچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. بىراق ئۇ ساھابى تەرسالىق بىلەن سوئالىنى قايتا قايتا 3 قېتىم تەكرارلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچ شۈبھە يوقكى، ئاللاھ پەقەت ئۆز رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلىنغان سەمىمىي ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ» دەپ ئېنىقلىما بەردى[3].

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! جىھاد؛ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان ئەمگەكنىڭ ۋە ھەق ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشنىڭ نامىدۇر.

جىھاد؛ بىر مۆئمىننىڭ پۈتۈن بارلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈررۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرشچانلىقدۇر.

جىھاد؛ مۇقەددىساتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەدىنى، تىلى ۋە قەلبى بىلەن قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىشتۇر.

جىھاد؛ ناھەق ھۇجۇم، باشقىلارنى يوقۇتۇش، ئىكسپالاتاتسىيە قىلىش ياكى زۇلۇم قىلىش كۈرىشى ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە، مۇسۇلماننىڭ ئۆز ۋەتىنىدە شان – شەرىپى، كىملىكى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، ئىمانىنى مۇھاپىزەت قىلىش، بايرىقىنى ئۈستۈن قىلىش، مۇستەقىللىقىنى ۋە سالاھىيىتىنى قوغداش  ئىرادىسىدۇر.

جىھاد؛ زۇلۇمغا ۋە زالىمغا قارشى بىر مىللەتنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش غەيرىتىدۇر. ھەقنى مەھكەم تۇتۇپ يۇقىرى كۆتۈرۈش، يەر يۈزىگە تىنچلىق خاتىرجەملىك، ئادالەت ۋە ياخشىلىقنى يېيىش غايىسىدۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز قۇرئان كەرىمدە، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ[4]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «قوللىرىڭلار بىلەن تىللىڭلار بىلەن ۋە ماللىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار»[5] دەپ بۇيرىيدۇ. بۇ ئايەت ۋە ھەدىس شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جىھاد؛ پەقەتلا جاننى پىدا قىلىش ئەمەس. بەزى چاغدا قول بىلەن، بەزى چاغدا تىل بىلەن، يەنە بەزى چاغدا مال بىلەن ھەق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

«مۇجاھىد؛ نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىدۇر»[6] دېگەن ھەدىس – شەرىپنىڭمۇ تەققەززاسى بويىچە، ھەممىزنىڭ قىلىدىغان جىھادىمىز ئالدى بىلەن ئۆز نەپسىمىزدە باشلىنىشى لازىم. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىرىغا، خاتاغا ۋە ئاسىيلىققا ئۈندەيدىغان ۋەسۋەسىلەرگە قارشى كۈرەشتۇر جىھاد.

ئاللاھنىڭ دىنىنى ئەڭ توغرا مەنبەدىن ئۆگىنىپ، ئەڭ توغرا شەكىلدە تۇرمىشىمىزغا تەتبىق قىلىشتۇر جىھاد.

جىھاد؛ بىزنى تەبىئىتىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان، قاراڭغۇ ھاڭلارغا سورەيدىغان، ئارزۇ – ئىستەكلەرگە قارشى تۇرۇشتۇر. ھەر قانداق مۆئمىن ئالدى بىلەن ئۆز نەپسى بىلەن بولغان جىھادىدا ئۇتۇققا ئېرىشەلىگەندىلا، ئاندىن ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھادتىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشەلەيدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىسلامنىڭ ھايات بەخىش پىرىنسىپلىرىنى يەر يۈزىگە كەڭ يېيىش ۋە ناھەقچىلىقلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان جىھاد؛ بەزىدە قەلەم بىلەن، بەزىدە كەلام (ئېغىز ياكى سۆز) بىلەن بولىدۇ. مۆئمىن پەيتى كەلگەندە قولى بىلەن، پەيتى كەلگەندە مېلى بىلەن ئاللاھ يولىدا، ھەقنىڭ كەلامى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. توغرىنى چۈشۈنۈش، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، گۈزەللىلەرگە ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن كىچىسىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ تىرىشىدۇ. ئېتىقادىنى، مەۋجۇتلۇقىنى، ۋەتىنىنى شۇنداقلا ۋەتىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى ۋە  ھۆررىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىش بولسا، جىھادنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

تېخى تۈنۈگۈن غەرب، شەرق، شىمال، جەنۇپ ھەممە ياقتىن تەڭ يوپۇرۇلۇپ كەلگەن دۈشمەنلەرگە قارشى ئەزىز ۋەتىمىنىزنى قوغداش يولىدا قىلغان كۈرەشلىرىمىز جىھادنىڭ ئەڭ كاتتىسىغا ئەمەلىي شاھىت بولماقتا. ئاللاھنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۇ چاناققەلئەدىكى جىھادتا زەپەرگە ئېرىشتۇق. مەۋجۇت بولۇش داستانىنىڭ، ئىمان، جاسارەت ۋە ئىرادىنىڭ مىسالىنى ياراتتۇق.

ئەزىز قېرىنداشلار! جىھاد؛ قانداقتۇر، قولىغا قورالنى ئېلىپ، قارىغۇلارچە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئەمەس. يېقىنقى يىللاردا ئىنساپ ۋە ۋىجدانىنى يوقۇتۇپ قويغان جىنايەت شايكىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ جۇملىدىن ئىسلامغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ، يەنى بۇ خىل ۋەھشىيانە زوۋانلىقىنىڭ ئىسلامنىڭ جىھاد ئېڭى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتۇر. چۈنكى ئىسلامدا جېھاد؛ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەمەس، ياشىتىشنىڭ، يوق قىلىشنىڭ ئەمەس، تېرىلدۈرۈشنىڭ تىرىشچانلىقىدۇر.

جىھاد؛ پەقەت ئىنساننى يارىتىلىش غايىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. كىمگە قارشى ۋە مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن قىلىنغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىگۇناھ ئىنسانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار، ئىسلامنىڭ جىھاد رۇھى ۋە ئىدىئولوگىيەسىگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. بۇلار پەقەت ئىنسانىيەتكە خىلاپ قانخۇر جىنايەتتىنلا ئىبارەتتۇر. 

ئەزىز قېرىنداششلار!

مانا بۈگۈنمۇ مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جېنىمىز ۋە مېلىمىز ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق كۈرىشى قىلماقتىمىز. مەھمەتچىكلىرىمىز (يەنى ئەسكەرلىرىمىز)  ئېتىقىادىمىزنى، بايرىقىمىزنى، ۋەتەن تۇپرىقىمىزنى قوغداش يولىدا قىلچە چېكىنمەستىن، پۈتۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويماقتا. تېخى ئۆمرىنىڭ باھارىدا ياپ – ياشلا شاھادەت شەربىتى ئىچكەن ھەر بىر ۋەتەن ئەۋلادلىرىمىز گويا بىزگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىماقتا:

«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھەرگىز ئۆلۈك دېمەڭلار، ئۇلار تېرىكتۇر، بىراق سىلەر بۇنى بىلەلمەيسىلەر»[7]

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش كۈرىشىمىزدە ھەممىزنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىمىز بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىنىڭ بىر تەقەززاسى سۈپىتىدە، قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! مۇبارەك جۈمە ۋاقتىدا ھەممىمىز تەڭ رەببىمىزگە چىن قەلبىمىزدىن دۇئا قىلايلى!

ئى ئاللاھىم! مۇستەقىللىقىمىز ۋە ئىستىقبالىمىز، بىرلىكىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئەسكرلىرىمىزنى مۇزەپپەر قىلغىن!

بىزنىڭ خاتىرىجەملىكىمىز ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرىمىز ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت، غازىيلىرىمىزغا شىپا ئاتا قىلغىن!

پىتنە – پاسات ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئارقىدىن يۈگرەۋاتقانلارغا، مىللىتىمىز ۋە ئۈممىتىمىز يولىغا قىلتاق قۇرۇۋاتقانلارغا قارشى بىزگە پاراسەت، كۈچ - قۇدرەت ۋە ئىقتىدار، قابىلىيەت ئاتا قىلغىن.

بىزلەرنى جىھادنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشۈنەلەيدىغان، سېنىڭ يولۇڭدىلا كۈرەش قىلىدىغان ۋە كۈرەشتىن قەتئىي قاچمايدىغان مائمىنلەردىن قىلغىن! 

ئى رەببىمىز! ساڭىلا ئىشەندۇق، ساڭىلا تاياندۇق، ساڭىلا تەۋەككۈل قىلدۇق. بىزلەرنى ئۆزەڭسىز يالغۇز قويمىغىن! بىزلەرنى ئېگە – چاقىىسىز، كۆڭۈل بۆلۈشتىن مەھرۇم تاشلاپ قويمىغىن ئامىن! 

 

 


[1] - سۈرە سەف 10 – ۋە 11- ئايەت

[2] - نسائىي، جىھاد بابى، 48 – ھەدىس

[3] - نسائىي، جىھاد بابى، 24 – ھەدىس

[4] - سۈرە سەف – 10- 11 – ئايەت

[5] - نسائىي، جىھاد بابى، 48 – ھەدىس

[6] - تىرمىزى، جىھادنىڭ پەزىلەتلىرى بابى، 2 – ھەدىس

[7] - سۈرە بەقەرە، 154 – ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر