تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرى

تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرى توغرىسىدا

905823
تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرى

تۈركىيە 30 يىلدىن ئاتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان تېررورىزىمغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا پ  ك ك تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلارچە ئىنسان جېنىدىن ئايرىلغاندىن سىرت، ماددىي ۋە مەنىۋى بولۇپ نۇرغۇن چىقىم بولدى. يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە پ ك ك غا قارشى ئېغىر دەرىجىدە زەربە بېرىپ بەردى، پ ك ك بولسا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە جەڭ ئېلان قىلماقتا، دائېشنىڭ باش كۆتۈرۈپ قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىمۇ پ ك ك غا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك- پ  ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ زور غەلبىگە ئېرىشتى. سۈرىيەدىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقى ۋە ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى ۋە ئىشەنچىلىك رايون بەرپا قىلىۋالغان دائېش ۋە پ ك ك تېررورچىلىرى تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە چېگرادىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا مەجبۇر بولدى. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغاپ بىر قىسىم چېگرا لىنىيەسىنى دائېشتىن تازىلىغان تۈركىيە، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلاپ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى چوماقچىسى ي پ گ تەشكىلاتىغا قاخشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى.

ئافرىن رايونىنى ئۇزۇندىن بۇيان تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى. ئامانوس تاغلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قورال-ياراغ ۋە تېررورچى يۆتكەش ئورنى ھېسابلىنىدىغان ئافرىن رايونىدىكى ي پ گ تېررورچىلىرى  تۈركىيەگە نىسبەتەن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ھېسابلىناتتى. دەرۋەقە، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرگۈزۈلگەن قورال-ياراغلار زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلدى. ئافرىن يەنە پ ك ك غا ئادەم تەربىيلەش جەھەتتىنمۇ بازىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇنداقلا ئافرىندىكى ي پ گ تېررورچىلىرى خەلقئاردا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ھەم تۈركىيەدە ھەم چەت ئەللەردە نۇرغۇن شەخس ۋە گۇرۇھلارنى تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشۋىقات جەھەتتىنمۇ قوللاپ كېلىۋاتقانىدى. ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋە رەيھانلى رايونلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن ئامما جېنىدىن ئايرىلدى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئافرىندىكى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تازىلىنىشى ۋە پ ك ك نىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدا ئىراقتىن ئاق دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان تېررور كارىدورى بەرپا قىلىش خىيالىنىڭمۇ بەربات بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ نىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇزى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. دەرۋەقە، ي پ گ مۇ بېقىنغان ك ج ك تەشكىلاتى سۈرىيە، ئىران، ئىراق ۋە تۈركىيەنىڭ زېمىنلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كۈردىستان» خىيالىدىن ۋاز كەچكەندەك ئەمەس. ئافرىندا ي پ گ دىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان رايونلاردىكى ئاتالمىش يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقا جايلاردا بۇ مەنزىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ي پ گ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا ئاتالمىش شىمالىي سۈرىيە فېدراتىپ رايونىنى جاكارلاپ سايلام ئۆتكۈزگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئافرىننى ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تازىلاپ ئافرىن خەلقىنى تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئافرىندا كۈرت (كورد)لەرنىڭ نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ، نۇرغۇن كۈرت ي پ گ نىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيە، ئىراق ياكى ياۋروپاغا قاچماقتا. تۈركىيەدە ي پ گ دىن قاچقان 300 مىڭ سۈرىيەلىك كۈرت ياشايدۇ. ئافرىندا قېچىش كويىدا يۈرۈۋاتقان كۈرتلەرگە ي پ گ نىڭ توسالغۇ بولغانلىقى مەلۇم. تۈركىيە سۈرىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان مىللىي ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە ئافرىننى ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تازىلاپ ئافرىندىكى خەلقنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئافرىندا تارقاتقان تەشۋىقات ۋارقچىلىرىدىكى«ئافرىن ئافرىنلىقلارغا تەۋەدۇر» دېگەن خەت تۈركىيەنىڭ نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيە نۇرغۇن يوللۇق سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىدى. تۈركىيە سۈرىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان مىللىي ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە ئافرىننى ي پ گ تېررورچىلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە سۈرىيەلىك كۈرتلەرنى  ي پ گ نىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزىدۇ. دائېش تۈركىيە چېگرالىرىدىن تازىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە دائېشچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆرىنەرلىك ئازايدى، ناۋادا ي پ گ تېررورچىلىرى ئافرىندىن تازىلانغان ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى قىلمىشلىرىمۇ ئازىيىدۇ، ھەتتا تەھدىتلىرى يوقايدۇ.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دولقۇنسىمان تەسىر پەيدا قىلىپ پ ك ك – ي پ گ نى سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ پاسسىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ. مۇنبىچ، ھاسەكى، راققە ۋە دەيرزوردا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەر قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. مۇنبىچتە خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈردى، يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قۇچاق ئاچقان ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ بۇ ئىشنىڭ ئېغىر چىقىمى بولىدىغانلىقىنى ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر