بىرلىك ۋە باراۋەرلىك رۇھى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 04 - 2018

897902
بىرلىك ۋە باراۋەرلىك رۇھى (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە تەپرىقچىلىكتە بولماڭلار، اﷲنىڭ سىلەرگە قىلغان ئېھسانلىرىنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭ فەزلى ـ كەرىمى بىلەن ئۆز- ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر ئۇتقا تولغان ئورەكنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇنىڭدىن قۇتقازدى. ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى (ئالامەتلىرىنى) سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مۇشۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۈمۈدكى، بۇ ئالامەتلەر بىلەن نىجاتلىقنىڭ توغرا يولىغا ئېرىشكەيسىلەر» (سۈرە ئالئىمران، 103 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«جەننەتكە كىرگەن ھېچ بىر كىشى يەر يۈزىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۇنىڭ بولدىغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. بىراق شېھىت جەننەتنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن نېمەت ۋە ئىكراملارنىڭ كۆپلىكىدىن، قايتا دۇنياغا بېرىپ، يەنە 10 قېتىم شېھىت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» (بۇخارى، جىھاد بابى 21 – ھەدىس، مۇسلىم، ھاكىمىيەت بابى، 109 – ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نى ئېغىر كۈلپەتلەر ۋە ئىمتېھانلاردىن ئۆتتۇق. تېخى تۈنۈگۈنمۇ چاناققەلئەدە، ساكاريادا، دۇملىپىناردا ۋىجدانى دات باسقان، ئىنساپى ۋە ئىنسانلىقىنى يوقاتقان كۈچلەر بىزنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىدى. 15 – ئىيۇلدا تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتلەردىن بىرسىگە دۈچ كەلدۇق. بۇ بارلىق قېيىن كۈنلەردە بىزنى زەپەرگە ئىگە قىلغان كاتتا بىر كۈچىمىز بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھقا بولغان تەۋرەنمەس ئىمانىمىز  شۇنداقلا ۋەتەنگە، ئەزانغا، بايراققا ۋە مۇستەقىللىقىمىزغا بولغان چىن سۆيگۈمىز ئىدى. شېھىتلىك ۋە غازىلىققا ئاشىق بولغانلىقىمىز ئىدى.

بىزلەر دىن ۋە مۇقەددەس بىلگەنلىرىمىز يولىدا، شەرق، غەرىپ، جەنۇپ، شىمال ھەممىلا يەردە، مىڭلىغان يېگىتلىرىمىزنى شېھىتلىككە تەقدىم قىلىش ئارقىلىق بۇ جوغراپىيەنى بىرلىكتە ۋەتەنگە ئايلاندۇردۇق. سەجدىدە ھەممىمىز ئوخشاش بىرلا رەھىم – شەپقەتلىك ئاللاھقا بەندە بولدۇق، بىرلا قىبلىمىز ئارقىلىق يۆنىلىشىمىزنى تاپتۇق، بىر بىرىمىزگە بولغان مۇھەببەت، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك رۇھى بىلەن بارلىق قېيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كىردۇق.

ئەزىز قېرىنداشلار! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەم ئىسلام ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەم مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەۋجۇدلۇقىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئىمتېھانىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. كۈچ – قۇدرىتىمىزنى ئاجىزلىتىشنى ۋە قېرىنداشنى قېرىنداشقا قىرغۇزۇشنى خالايدىغان كۈچلەر، پىتنە، تېررورلۇق ۋە خىيانەت قوراللىرى ئارقىلىق بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە ئەتراپىغا قېزىلغان ئاتەش ئازغىلىغا دۆلىتىمىزنىمۇ سۆرەپ كىرىشنى نىشان قىلماقتا. ھەر تۈرلۈك ھېلە – نەيرەڭ، پىلان ۋە توزاقلار ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىز، مەستەقىللىقىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا ھۇجۇم قىلماقتا. بىرلىكىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىپ، ئەسلىدە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۈمىتلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولماقتا.

ئېسىل مىللىتىمىز بۈگۈنكى بارلىق قاراڭغۇ ئويۇنلارنى پاراسىتى ۋە بەسىرەتى ئارقىلىق چوقۇم بۇزۇپ تاشلايدۇ. قېيىنچىلىقلارنى مۇرىنى - مۇرىگە تېرىگەن ھالدا يەنە بىر قېتىم يېڭىپ، خىيانەتلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ قەھرىمان مىللەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلار شۇنى ياخشى بىلىپ قويۇشى كېرەككى، بىزنىڭ ئەڭ ئەزىز بايلىقلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغىنى ۋەتىنىمىزدۇر. بىز كېرەك بولغاندا ئاچ، ئۇسسۇز ياشىساق ياشايمىزكى، ھۆرلىكىمىز ۋە مۇتەسلىقىمىزدىن، غۇرۇرىمىز ۋە شان – شەرىپىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز. مۇقەددەس بايلىقلىرىمىز ئۈچۈن بەدىنىمىزنى سېپىل قىلىشقا تەييارمىزكى، ئەمما بىر غىرىچمۇ ۋەتەن تۇپرىقىمىزدىن قول ئۈزمەيمىز. 

بۇ ئۇلۇغ مىللەت ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇرۇشنى ئەمەس، تىنچلىقنى، تەپرىقچىلىقنى ئەمەس، بىرلىكتە ياشاشنى ئەلا بىلىپ كەلدى. بىزنىڭ تۈپ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىمىز ھەر دائىم زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يېنىدا ئۇرۇن ئېلىش بولۇپ كەلدى.  ھەقنى ۋە ھەقلىق بولغاننى قوللاش، ئىگە – چاقىسىز، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچى، پاناھلانغۇچى، غىرىپ – غۇرۋالارنىڭ ئۈمىدى بولۇش ۋە چارىسىزغا چارە سۇنۇش بىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىمىز بولۇپ كەلدى. چۈنكى ئىسلامنىڭ فەتىھ ئېڭىنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدىغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بار. بۇ غايەمىز؛ قانداقتۇر باشقىلارنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش ئەمەس، يۇقۇرى كۆتۈرۈشتۇر. ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مەدەنىيەت يارىتىپ بېرىشتۇر. يەر يۈزىدە يامانلىقلارغا توسالغۇ بولۇپ، ياخشىلىقنى ھاكىم ئورۇنغا ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەر، ئايال، قېرى، ياش ھەتتا كىچىك بالىلىرىمىزمۇ، قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مانا بۈگۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىمۇ دەل ئەنە شۇ ئۇلۇغ غايىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەببىمىزنىڭ ۋە تارىخنىڭ ئالدىدا، ئىنسانىيەت نامىدىن ھەر بىرىمىزگە بىر ۋەزىپە ۋە بىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنمەكتە. ئۇ بولسىمۇ بىزنى بىر بىرىمىزگە دۈشمەن قىلماقچى بولغانلارغا قارشى قەلبلىرىمىزنى ئىمان قېرىنداشلىقى بىلەن چەمبەرچەس بىر بىرىگە باغلاشتۇر. تېررورلۇق ۋە پىتنە – پاسات تارقىتىشنى قەستلەۋاتقان ئويۇنلارغا قارشى سەگەك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىستىقلال شائىرىمىز مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ:

«مانا ئەمەسمۇ ئالدىنقى فىرونتىمىزنىڭ كۆكرىكىدە ئىمان بىر

سۆيۈنۈشىمىز بىر، دەرىدىمىز بىر، غايەمىز بىر، ۋىجدان بىر.

مانا ئەمەسمۇ ئوتتۇرىدا ئۇ يۈرەك سوقۇۋاتىدۇ ھارماس

جاھان ئۆرۈلسىمۇ خاتىرجەم بولكى، بۇ فىرونت تەۋرەنمەس.

دېگەن مىسرالىرىدا ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش، ئۆزئارا مۇھەببىتىمىزگە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر تۈرلۈك سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرايلى!

قېنى ئەمىسە كېلىڭلار بۇ مۇبارەك جۈمە ۋاقتىدا ھەممىمىز بىرلىكتە رەببىمىزگە مۇنداق يېلىنىپ دۇئا قىلايلى!

ئىي رەببىمىز! فەتىھ سۇرىسىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن، مۇستەقىللىقىمىز، ئىستىقبالىمىز، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزدىن، ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىمىزدىن غىلىبە - نۇسرىتىڭ ۋە شەپقىتىڭنى ئايىمىغىن!

مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۇرغىن، شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت، غازىلىرىمىزغا شىپالىق ئاتا قىلغىن!

ئى رەببىمىز! بىرلىكىمىزگە ۋە مۇستەھكەملىكىمىزگە كۆز تىككەنلەرگە، ئىززىتىمىز ۋە شەرىپىزغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمىگىن!

مىللىتىمىزنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ھەر تۈرلۈك دۈشمەنلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلغىن!

ئى رەببىمىز! تېررورلۇق ۋە ۋەھشىلىكتىن، قان ۋە كۆز يېشىدىن، پىتنە – پاسات ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ئۇزۇقلىنىدىغانلارغا قارشى پۈتۈن مىللەتنى بىر تەن، بىر يۈرەك بولۇپ، كۈرەش قىلىشقا نەسىپ قىلغىن!

قانچىلىغان ئەسىرلەرگىچە ئىسلامنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلغان، سېنىڭ نامىڭنىڭ كۆكتە ياڭرىشى ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن تىرىشقان بۇ ئەزىز مىللەتنى يەرگە قاراتىپ قويمىغىن! ئامىن!  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر