سۈرىيە؛ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم خاتىرە (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى - 04

896053
سۈرىيە؛ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم خاتىرە (ئاۋازلىق)

 

 

دۇنيا كۆزنىكى - 04

سۈرىيە؛ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم خاتىرە (ئاۋازلىق)

(پروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

ھۆرمەتلىك رادىيە ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ « سۈرىيە؛ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم خاتىرە» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

دەرۋەقە، بەزىدە تۆلەنگەن ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەردىن تولىمۇ ئېغىر ساۋاقلار ئېلىنىدۇ. «كاشكى بۇ ئېغىر بەدەللەر تۆلەنمىگەن ۋە بۇ ئېغىر ساۋاقلارمۇ چىقىرىلمىغان بولسا» دەپمۇ قالىسىز. بۇ ئەھۋال شۇنچە ئېغىر ئازابلارغا تولغان سۈرىيە كىرىزىسىگە ئىنتايىن ماس كەلسە كېرەك.

ئەرەب باھارى شامىلى باشقا بۇرۇقتۇم خەلقلەرگە ئوخشاش سۈرىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئونلىغان يىللىق جۇدۇن قىشتىن چىقىپ، زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى باش كۆتۈرۈشكە باشىلغانلىرىدا دۇچ كەلگىنى بولسا، نېمىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم دېكتاتور تۈزۈملەرنىڭ ئاساسلىق ئىنكاسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئېزىپ يەنچىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى بولدى.

قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسىىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىدا بولسۇن!

*** *** ** *** **** **** ****

ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت قاراشلىرىنىڭ جەسىتىنىڭ قىرغاققا چىقىپ قىلىشى

 

ئەسەد ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ئىراننىڭمۇ ئەسكەرلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا مۇداخىلە قىلىشى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرەر ھەل قىلىش كۆزنىكىنىڭ بولماسلىكىقىغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كەتتى. يۈز مىڭلىغان ئىنسان ئۆلدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. مىليونلىغان ئىنسان يۈرت ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار تاكى ئۇلارنىڭ لاگېرلىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلمىگىچە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلەي دېمىدى. پاناھلانغۇچىلار چېگرا دەرۋازالىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن كۆرسىتىلگەن ئىنكاسلار، ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن چوڭ نۇمۇس ئىدى.

ئىلگىرى كۆپ خىللىشىش، بىرلىكتە ياشاش، كىشىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، ياشاش ھەق ھوقۇقى... دېگەنلەرگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە دائىم باشقىلارنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىممەت قاراشلىرىغا دائىر سىناقتىن ئۆتەلمىدى. پاناھلانغۇچىلارنىڭمۇ بۇ قىممەت قاراشلارغا لايىق ئىنسان ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىردىن بىر غېمى، پاناھلانغۇچىلارنى قانداق قىلىپ ئۆز دۆلەتلىرىگە كېلىشتىن توسۇپ قىلىش بولدى. بۇ نۇقتىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەسلىدە، جەسىتى قىرغاققا چىقىپ قالغان ئايلان بۇۋاققا ئوخشاش ئىگە چاقىسىز، چارىسىز، بىچارە بۇۋاقلار ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

*** * ** *** **** **** *

تۈركىيە؛ ياۋروپا دېموكراتىيەسىگە ھەسسە قوشقان بىر دۆلەت

 

پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە بىر دەملىك ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە تۈركىيەنىڭمۇ ئۇلارغا دەرۋازىلىرىنى تاقىۋالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى! بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم مىليونلىغان پاناھلانغۇچىلار ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئۇرۇشقا باشلىغان بولاتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يېتىپ بارالىغان ئاز ساندىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭمۇ مەزكۇر دۆلەتلەردە ئىنسانىيەتكە زىت پوزىتىسيەلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان فاشىزم ۋە ناتسىزم ئېقىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقىدىغان بولساق، ياۋروپانىڭ ئادىمىيلىق ۋە قىممەت قاراشلار جەھەتتە نەقەدەر چوڭقۇر كىرزىسكە مۇبتىلا بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

تۈركىيە ئۆزى يالغۇز 3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىنى باغرىغا باستى. سۈرىيە مەسلىىسدە دەرۋازىنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشتى. تۈركيەنىڭ پەقەتلا كىلىسكە قۇرغان پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانىمۇ پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغان پاناھلانغۇچىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئازان 130 نەپەر سۈرىيەلىك پاناھلاغۇچىنى قوبۇل قىلالايىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا ئەينى چاغدىكى كىلىس ۋالىيىسىنىڭ قايتۇرغان ئىىنكاسى تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغۇدەك ئەھمىيەتلىك  بولدى. ئۇ: «بولىدىلا ئۇ دۆلەت ئاۋەرە بولۇپ يۈرمىسۇن، مەن ئۇنچىلىك پاناھلانغۇچىنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدىلا كۈتەلەيمەن» دېگەن ئىدى.  

ياۋروپادىكى پارتىيەلەر بولسا، كۆچمەنلەرگە، چەت ئەللىكلەرگە، پاناھلانغۇچىلارغا ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلىشتا رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ غېمىدە يۈرۈشتى. ئاۋستېرىيەدە «ھېچقانداق پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلماسلىق»نى ۋەدە قىلغان پارتىيە سايلامدا بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. شۇنىڭدەك باشقا نۇرغۇنلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ فاشىزم ۋە ناتسىزم ئېڭىغا ئىگە پارتىيەلەر يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. بەزى دۆلەتلەردە بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى. رادېكال ئوڭچىلار تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ كەتمىسۇن دەپ، مەركىزى سولچىل ۋە ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى رادېكاللىشىشقا يۈزلەندى.

شۈبھىسىزكى، بارغانچە بېشىنى ئىچىگىلا تېقىپ، كەلگۈسىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتۇرىۋاتقان ياۋروپانىڭ بۇ كىرىزىسى، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن تولىمۇ خەۋپلىك ئەۋھۋاللارنى قوينىدا يوشۇرۇپ ياتماقتا. ئەگەر شۇنداقتىمۇ مانا بۈگۈنكى كۈندە ئەگەر بەزى  ياۋروپا دۆەتلىرىدە رادېكاللىققا كۆپ يۈزلەنمىگەن پارتىيەلەرمۇ ھاكىمىيەتكە بېشىغا كېلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭدا تۈركىيە ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاناھلانغۇچىلار مەسلىسىدە پەۋقۇلئاددە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار- ئەۋلەتتە.

ئىرانغا ياكى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ھېچ قانداق پاناھلانغۇچىنىڭ بارمىغانلىقى بولسا، چوقۇم ئالاھىدە باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئايرىم بىر تېما.

 

*** ** *** ** ** ****

زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىگە قارشى تەتۇر تەشۋىقات

 

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە دائېش مەغلۇپ قىلىنغان تۇرۇغلۇق، خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەمەس، گويا تېخىمۇ چېگىشلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇنداق ئىش ئەپسۇسكى، يالغۇز سۈرىيەگىلا خاس بولمىدى. ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە ۋە سۈرىيە جۈملىدىن خەلقئارا بىرلەشمە قىسىم مۇداخلە قىلغان ھېچ بىر دۆلەت مۇقىملىققا ئېرىشىپ باقمىدى. دەل ئەكسىچە ئۆلۈم، كۆز يېشى ۋە چوڭ كۆچۈشلەر ئەۋجىگە چىقىپ، بۇ دۆلەتلەر تېخىمۇ ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلدى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ پۈتۈن بەدىلىنىمۇ رايوندىكى دۆلەتلەر تۆلەشكە مەجبۇر بولدى ۋە مەجبۇر بولماقتا. شۇقلاشقا بۇ خىل كىرىزىسلارغا نىسبەتەن، ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيدىغان خەلقئارالىق بىرلەشمە كۈچلەر ئەمەس، بەلكى رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە كۈچلەر تولىمۇ مۇھىم.

دائېش مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ۋە ئىچكى ئۇرۇش توختاشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئەمدىكى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ پ ي د/ي پ گ غا مىڭلىغان ئاپتوموبىلدا لىق قورال ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ھەمدە ي پ گ نى بىر چگرا قوشۇنىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەنلىكىگە دائىر باياناتلارنى ئېلان قىلىشى، تۈركىيە ۋە رايوندىكى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

پ ك ك/پ ي د تۈركىيە ۋە رايوندا ئون مىڭغان ئىنساننى ئۆلتۈرگەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئەل قائىدە تەشەكىلاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ رايوندا بىرەر دۆلەتتە چېگرا قوشۇنى قۇرۇشى، قانداق بولسا ۋە ئامېركىنىڭ ئۆزىدە قانداق چۈشۈنىلسە، خۇددى شۇنىڭدەك پ ي د غا قورال ياردەم قىلىشى ۋە چېگرا قوشۇنى قورماقچى ئىكەنلىكىگە دائىر باياناتلارنى ئېلان قىلىشى تۈركىيە ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردىمۇ شۇنداق چۈشىنىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش، رايوننىڭ مۇقىملىقى، رايون خەلقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزىگە قارشى يېڭى بىر كۈچ شەكىللەندۈرۈش دولقىنىنى توسۇپ قىلىش مەقسىتىدە، ھەقلىق شەكىلدە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنى باشلىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ قانۇنلۇق ھەرىكىتى بەزىلەر تەرىپدىن قەستەن تەتۈر تەشۋىق قىلىنماقتا. زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشتۇر. چۈنكى ئامېرىكا قوللاۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ ي پ گ ئىراقتىن ئاق دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان رايونغا قەدەممۇ - قەدەم يەرلىشىپ سۈرىيەنى پارچىلىماقتا. 

بەزىلەر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى گويا كوردلارغا قارشى ھەرىكەتتەك كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ۋاھالەنكى ئۇسامە بىن لادىنغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت خۇددى ئەرەبلەرگە قارشى ھەرىكەت بولمىغانغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكلاتىغا قارشى ھەرىكىتىمۇ كوردلارغا قارشى ھەرىكەت ئەمەس. ئونلىغان يىللاردىن بېرى تېررورلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ چېگرا بويىدا بىر تېررورلۇق رايونى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ھەرىكتىدۇر. يەنە كېلىپ، تۈركىيەدە ۋە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى نامى بولغان  پ ي د/ ي پ گ نىڭ  ئۆزلىرىنى قوللىمىغان كوردلارغا ئەڭ ئېغىر قاتتىق ھۇجۇملارنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. پ ي د/ ي پ گ ئۆز رايونىدا ئۇلارنى قوللىمايدىغان كوردلار، ئەرەبلەر، تۈركمەنلەر ۋە باشقا غەيرى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېتنىك تازىلىق ئېلىپ بارماقتا. بۇ يەردىن قاچقان مىليونلىغان ئىنسان تۈركىيە ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردىن پاناھلىق تېلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلى سوراشقا تېگىشلىك سوئال؛ ئامېرىكا قوللاۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوننىڭ ھەققىي ئىگلىرىنىڭ قايتىپ يورتلىرىغا قايتىشىغا نېمە ئۈچۈن رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىدۇر. 

تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا، رايوننى تېررورلۇقتىن تازىلاپ، بارلىق ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز يۈرتلىرىغا قايتىپ بارالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

خۇددى بارلىق ئۇرۇشلارغا ئوخشاش چوقۇم بىر كۈنى بۇ ئۇرۇشمۇ ئاخىرىلىشىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئارقىمىزغا قارىغىنىمىزدا، كۆپىنچىسىنى يوقۇتۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋە مۇشۇنىڭدەك باشقا ئۇرۇشلاردا، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قانداق قىممەت قاراشلارنى قالدۇرۇپ قويالىغانلىقىمىزدۇر.

ئاپتورى: ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل

ھۆرمەتلىك قېرىنداش! كېلەر ھەپتە ئوخشاش ۋاقىتتا «دۇنيا كۆزنىكىدىن» يەنە باشقا نۇقتىلارغا نەزەر سالغۇچە ئامان بولغايسىلەر، خەي خوش!

         

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر