«تاياق ئۇچىدىكى پىچاق ۋە ئامېرىكا»

ئەردال شىمشەكنىڭ «تاياق ئۇچىدىكى پىچاق ۋە ئامېرىكا»سەرلەۋھىلىك ماقالىسى

875106
«تاياق ئۇچىدىكى پىچاق ۋە ئامېرىكا»

ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن تاياقلارنىڭ ئۇچىغا باغلانغان ئۇچلۇق تاشلار بىلەن باشلانغان جەڭ تاكتىكىسى ۋە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەرگۈزەشتىسى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. ئىنسانلار قىلىچ بىلەن شىنا (پانا) ئارىسىغا ئۆتكۈر نەرسىنى تاياقنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىپ بۇ جەھەتتە ئىنىقلاب ياراتتى، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا ئوۋ ئەسناسىدا قىسقراق بولغان ئوۋ قوراللىرى كۈچلۈك ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرغاندا بەكمۇ ئىشقا ياراپ كەتمەيتتى. ئىنسانلار كونا بىراق ئۈنۈمى ياخشى بولغان بۇ ئۇسۇلدىن ھېلىھەم پايدىلانماقتا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇلغا شەكىل جەھەتتىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. دەسلەپكى چاغلاردا مەزمۇت تاياقلارنىڭ ئۇچىغا پەقەت ئىككى تەرىپى ۋە ئۇچچى ئۆتكۈر قىلىنغان مېتال ئىشلىتىلگەن بولسا، كۈنىمىزدە ئىنسانلاردىنمۇ بۇ  مەقسەتتە پايدىلىنىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان كۈنگىچە يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئەپسۇس يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تەدبىرلەرگە تولىمۇ ماس كېلەتتى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدىكى شىمالىي ياۋروپاغىچە بولغان دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلارغا تېگىپ قويغان ترامپ ھاكىمىيىتى بۇ جايلارنى ئوت چەمبىرىكى ۋە كىرىزىس رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا، تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىچاق تەبىرى ترامپتەك سىياسەتچىگە ھەقىقەتەن ماس كېلەتتى.

ترامپ سايلام سەپەرۋەلىك پائالىيىتى جەريانىدا كىرىزىس ئىچىدىكى رايونلاردا تەشكىلاتلار ۋە  تارماقلىرى بىلەن ئەمەس بىۋاستە دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دۇنيادىكى بۆھرانلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش توغرۇلۇق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى. ھەتتا ترامپ دۇنيادىكى بۆھران ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مەنبەسىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى، ھەتتا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوباما ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇرۇن بىز ژۇرنالىستلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىچاققا ئوخشاش تەگكەنلا يەرنى يارا قىلىۋېتىشىنى ئۇنىڭ شەخسىي ھەرىكىتى دەپ قارايتتۇق، يەنى بۇلار ترامپنىڭ شەخسىي سىياسىتى بولۇپ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايتتۇق.

لېكىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىچاق ئىكەنلىكى تولۇق نامايەن بولدى.

مېنىڭچە، ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىدە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا مۇنداق ئىدى: «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسى كابىنت ئەزالىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن.» يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلىتى دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۆھرانلارنى ئۇلغايتىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ياقلىغۇچىسى ۋە تەدبىق قىلىغۇچىسى بولىدۇ. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا مۇنۇ خۇلاسىنى چىقىرىشىمىز مۇمكىن: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى باشقا يەردە ئەمەس ئامېرىكىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ چۈشەنچە ئامېرىكىغا زىيان بېرىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلىتى بىرلىشىپ دۇنياغا دۇئېل ئېلان قىلماقتا. ناتسىست گېرمانىيەدىمۇ نۇرغۇن سىياسەتچى ۋە بىلىم ئىنسانلىرى ئادولوف گېتلىرغا قارشى چىققانىدى. ھەتتا كۈنىمىزدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەت بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ئاۋسترىيەدىمۇ دۆلەت بىلەن بىيوكراتىيە رادىكال مىللەتچى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىقماقتا.  

مەسىلەن، ئاۋسترىيە دۆلىتى ناتسىزىمغا مايىل بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان يېڭى باش مىنىستىر سەباستىيان كۇرزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى توغرۇلۇق قوشۇمچە سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، غەرب دۇنياسىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاۋسترىيە دۆلىتىنىڭ يەنى بىيوكراتىك قاتلىمىنىڭ كۇرزنىڭ ئاشقۇن مىللەتچىلىك ۋە چەتكە قېلىش سىياسىتىنى توسۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئەپسۇس، ئامېرىكىدا ئاۋسترىيەدىكى ئوخشاش بىيوكراتىك قاتلامنى ئۇچرىتالمايمىز، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن ئەدلىيە مىنستىرلىقىغىچە، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن فىدرتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىغىچە، مەجلىستىن ئامېرىكا بىيوكراتىك قاتلىمىغىچە بولۇپ بارلىق قاتلام ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىنى قوللايدۇ. ھەتتا بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ترامپتىن بەكرەك ئاشقۇن ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز.

ئامېرىكىدا ترامپتىن ئىلگىرى مەجلىس، ئالىي پالاتا، بىيوكراتلار قاتلىمى ۋە ئاق ساراي قاتارلىق غوللۇق ئورگانلار بىر-بىرىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇپ تۇرىدىغان، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە تەڭشەپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تارازىسىنى بۇزمايدىغان سىياسەتلەر يولغا قويۇلاتتى. يەنى ئامېرىكىدىكى ھەر بىر ئورگان يەنە بىرىنىڭ ئاشقۇن قىلمىشلىرىنى توسىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قوياتتى.

كۈنىمىزدە بولسا ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ غول ئورگانلىرى بولغان ھۆكۈمەت، مەجلىس، ئالىي پالاتا، بىيوكراتىك قاتلام ۋە ئاق ساراينى كىم دۇنيانىڭ ئاسايىشىنى قالايمىقان قىلىدىغان پىروگرامما ئەتراپىغا يىغدى؟ ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىدىكى خەتەرلىك مەزمۇنلاردىن بۇرۇن «كىمنىڭ ياكى قايسى كۈچلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل ئورگانلىرى ۋە سىستېمىسىنى تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىچاق قىلدى؟»دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر