غەرب بىلەن شەرقنىڭ پەرقى

ئەردال شىمەشەكنىڭ « ئۇتوپىيەدىن دىستوپىيەگىچە» تېمىلىق ماقالەسى

846701
غەرب بىلەن شەرقنىڭ پەرقى

ئۇتوپىيە ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم تولۇقسىز 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئۆيمىزدىكى كىتاب ئىشكابىغا قويۇلغان ئېنسىكلوپېدىيەدىن ئۆگەنگەنىدىم. بۇ چاغدا مەن بۇ ئۇقۇمدىن باشقا يەنە ئەپلاتوننىڭ «دۆلەت»، بېكوننىڭ «يېڭى ئاتلانتىك»، مورېنىڭ «ئۇتوپىيە»، كامپانېللانىڭ «قۇياش دۆلىتى»قاتارلىق ئۇقۇملىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققانىدىم. چوڭلار مېنى بەزى كىتابلارنى ئوقۇشتىن توساتتى، ئۇلار ماڭا «بۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلار سېنىڭ يېشىڭغا مۇۋاپىق ئەمەس، شۇڭا يېشىڭغا مۇۋاپىق كىتابلارنى ئوقۇغىن»دەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى مەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلغانىدى، مەن ئالدوكس ھۇكسلېينىڭ «جەسۇر يېڭى دۇنيا»ناملىق ئىلمىي فانتازىيە رومانىنى يوشۇرۇن ئوقۇپ چىققانىدىم. چوڭلار مېنى بىكارغا ئاگاھلاندۇرمىغان ئىدى، دېمىسمۇ بۇ خىلدىكى كىتابلار يېشىمغا مۇناسىپ ئەمەس ئىدى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىم تېخىمۇ ئاشتى، بۇ مەزگىلدە يېشىمغا مۇۋاپىق كىتابلارنىڭ خىللىرىمۇ كۆپىيىپ قالغانىدى. مەن ئىلمىي فانتازىيەگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشقا مۇپتىلا بولۇپ قالغانىدىم، بۇ خىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇۋېرىپ ئاخىرى مەن ئىلمىي فانتازىيە رومانلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان قارا ئۇتوپىيە، يەنە بىر نامى دىستوپىيەگىچىە كەلدىم.

غەرب ئۇتوپىيەسىنىڭ ھەممىسىدە بىزنى كېلەچەكتە سوغۇق، زۇلمەتلىك ۋە ۋەھىمىلىك دۇنيا ساقلاپ تۇرىدۇ. دىستوپىيەدە بولسا ئىشلەپچىقىرىش-ئىستېمال مۇناسىۋىتى، سەرمايە جۇغلاش ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپىيىشى، تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار ۋە ئىنسان نەپسى قاتارلىقلارنىڭ كېلەچەكتىكى دۇنيادا ياشاشنى تولىمۇ تەسلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ھەتتا مۇمكىن ئەمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقى تەكىتلىنەتتى. ئالدوس ھۇكسلېيدىن جورج ئوۋرېلغىچە بولغان ئىلمىي فانتازىيە ژانىرىنىڭ نۇرغۇن نوپۇزلۇق شەخسلىرىنىڭ دىستوپىيە ۋە ئۇتوپىيە قاراشلىرىدا زۇلمەتلىك دۇنيا كۆپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى ئۇتوپىيەدە سىرتتىن داۋاملىق ھۇجۇم كېلىدۇ، ھۇجۇم بولمىغان چاغلاردا بولسا ھۇجۇم تەييارلىقى بولىدۇ. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانى كونترول قىلىپ ئۆزىنىڭ نىزامىنى تۇرغۇش كېرەك، يەنى ئىنسان ئۆزى دۇنيا بەرپا قىلىپ ھۆكۈمران بولۇش لازىم.

دونكخوتتىن روبىنسونغىچە بولغان نۇرغۇن رومان پىرسوناژلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا ھۆكۈمران بولىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى. مەسىلەن، روبىنسون كىروس ئۆزى بەرپاچىسى بولغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئۇ بەرپا قىلماقچى بولغان ئۇتوپىيە ھاكىم مۇتلەقلىق خاراكتېرگە ئىگە ئىدى، يەنى باشقا ئۇتۇپىيەلەردىن قىلچە پەرقلەنمەيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارالنى ماكان قىلىشتىكى غەرىزى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تاشقى خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىنغان تەدبىر ئىدى، خالاس. گىيوتىنىڭ ئەسىرىدىكى باش پىرسۇناژ فوستمۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ كويىدا ئىدى.

شەرقنىڭ ئۇتوپىيەسى غەربتىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، غەربتىكى قەھرىمانلار بەكرەك تاشقى دۇنيادا ئۆزلىرىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشسا، شەرقتىكى قەھرىمانلار ئىچكى دۇنياغا يەنى روھىي دۇنياسىغا مەركەزلىشىدۇ. شەرقتىكى بىراۋ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇشنىڭ كويىدا بولسا، غەربتىكى بىراۋ  خاتالىقنى سىرتتا يەنى ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان قارشى تەرەپتىن سۈرەشتە قىلىدۇ. شۇڭا نەپرەت جىنايىتى، ياتلاشتۇرۇش، ئىرقچىلىق، ناتسىسىزىم، فاشىزىم ۋە كوممىنىزىم قاتارلىق ئىنساننى ئەرزىمەس قىلىدىغان ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربتە ئاپىرىدە بولغان.

قىسقىسى، غەرب ئۇتوپىيەسى ۋە دىستوپىيەسىنىڭ تېگىدە «ھاكىمىيەت» ۋە «كۈچ»ياتىدۇ.

ئىسلامدا بۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىيە ۋە ئامىل يوق. فارابى، ئىبىن باججە، ئىبنى رۇشىد (ئاۋېروف)، ھەتتا ئىبىن نەفىس قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىدا ئىجتىمائىي نىزاملار تەكىتلەنسىمۇ بۇ ئەمەليەتتە ئىنساننىڭ نەپسىنى تىزگىنلىشىنى ئاساس قىلىدۇ.بولۇپمۇ ئىبىن باججەدە بۇ تولىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

بىز يۇقىرىدىكىلەرنى نېمە ئۈچۈن بايان قىلدۇق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ھازىر بېرىمىز: غەرب دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، داۋاملىق مەۋجۇدلۇق ئەندىشىسى ۋە ھۆكۈمرانلىق پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ دۇنيانى قانغا بوياپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ كېلىۋاتىمىز. ياۋروپانىڭ شىمالىي رايونلىرى ۋە بالقان رايونى ئىككى يىل ئىچىدىلا قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇلدى.

ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا غايەت زور چوڭلۇقتىدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئىلغار تىپلىق قورال-ياراغلارنى ئەۋەتمەكتە. نۆۋەتتە ياپونىيەدىن شىمالىي ياۋروپاغىچە بولغان نۇرغۇن جاي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئايلىنىپ بولدى. كۆپىنچىسى بىزنىڭ دوست ۋە ئىتتىپاقداشىمىز بولغان بۇ دۆلەتلەر تېخى 60 يىل بۇرۇن ئۇرۇش پاتقىقىدىن قۇتۇلمىغاندەك بۇ خەتەرلىك ئۆزگىرىشلەرگە بەزىدە سۈكۈت قىلسا بەزىدە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارغىلا ئەمەس ھەممىزگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بالفور خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا بۇ جاي قان كۆلىگە ئايلاندى. ئوتتۇرا شەرق دۇنيانىڭ كىچىككىنچە يېرى بولسىمۇ، 100يىلدىن بۇيان غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بەيگە مەيدانى بولۇپ كەلدى.

ئالقانچىلىك زېمىنلىرى بولغان پارس قولتۇقى رايونى ھەر كۈنى دېگۈدەك سىياسىي سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولماقتا. بۇ سۈركىلىشلەر ھەممىدىن بەك بىزگە زىيان ئېلىپ كەلمەكتە، ئەسلىدە دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە سۈركىلىش، توقۇنۇش ۋە قان بولسا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئازابتىن تولغانماقتا. چۈنكى بىز ئامېرىكىلىق پادىچىلاردىن نېمىس ئىشچىلىرىغىچە، ياپون بېلىقچىلىرىدىن چۆلدىكى تۆگە باققۇچىلىرىغىچە بولغان دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئادەم پەيغەمبەر بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن كەلگەنلىكىگە ۋە قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز.

ئېتىقادىي بولغان بىزلەر بۇ دىستوپىىيەگە ئىشىنىدىغانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى  بولغان غەربنى قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزگە قايىل قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىز شەرقلىقلەر بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىي بىلەن تەربىيلەنگەنلەر ناۋادا ھاكىمىيەت ۋە كۈچنى دەپ دۇنيانى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى بولغانلارغا توسالغۇ بولمىساق دۇنيادا قايتىدىن قان كۆلىگە ئايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر