تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسى ھەل بولامدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

825702
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسى ھەل بولامدۇ؟

بۇ يىل 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىسى   فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنىي تەكشۈرۈش خىزمىتى دائىرىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەتىن توپۇزنىڭ، ئۈستىدە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان بىر قىسىم سابىق ساقچى ۋە ئەدلىيە مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، گۇماندار مەتىن توپۇزنىڭ ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇش، جاسۇسلۇق قىلىش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇش»قاتارلىق جىنايىي قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنپ تۇتۇلۇشى سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىغا كۆچمەن بولمىغان ۋىزا مۇلازىمەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بارلىق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانلىرىدا كۆچمەن بولمىغان ۋىزا مۇلازىمەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىشىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ «ئامېرىكىدىكى بارلىق ۋاكالەتخانىلىرىمىزدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بىجىرىش توختىتىپ قويۇلدى»دەپ بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە بۇ قارارنى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ بارلىق دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدىكى كۆچمەن ئەمەسلەرگە ۋىزا بىجىرىپ بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن چىقاردى.

ۋىزا كىرىزىسى قانداق ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئەھۋالنى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟  ناتو ئېتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قانداق بولۇپ بۇ سەۋىيەگە كەلدى؟  ئىران، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنى  رەقىب ھېسابلايدىغان ئامېرىكا ۋىزا ئېمبارگوسىنى بۇ دۆلەتلەرگە ئەمەس  نېمە ئۈچۈن ناتو ئىتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيەگە يولغا قويىدۇ؟

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسولخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەتىن توپۇزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ باشقا سەۋەبلەر بولسا ئۇلار قايسىلار؟ بۇ كىرىزىس تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقا ساھە لىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ھەممىدىن مۇھىمى بۇ كىرىزىس ھەل بولامدۇ؟ ھەل بولسا قايسى خىل ئۇسۇلدا ھەل بولىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر