كۈچلۈكلەرنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى: بىرما

تەتقىقاتچى ئەردال شىمەشەكنىڭ « كۈچلۈكلەرنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى: بىرما» تېمىسى بويىچە ئېلىپ بارغان ئانالىزى

805061
كۈچلۈكلەرنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى: بىرما

2000-يىللارنىڭ بېشىدا روھىڭيا ۋە بۇ جايدىكى «ۋەتەنسىز»مۇسۇلمانلار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىققانىدىم، 2000-يىللاردا بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ياقلىغۇچىلارغا زەربە بەرگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەرلەر بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلاردا ئورۇن ئالغانىدى. مەنمۇ كەسپىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىرمىغا باردىم، بۇ دۆلەت ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كەلمەيلا خىزمىتىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ چىققان بولدۇق. ئۇ چاغدا نەزەر بەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھازىر بولسا بىرمىنىڭ ھەققىي رەھبىرى بولغان ئاڭ سان سۇ چى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدۇق.

غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن دېموكراتىيەنىڭ ھەققىي ياقلىغۇچىسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئاڭ سان سۇ چى راست گەپنى قىلغاندا  مىللەتچى سول ئىدىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىكەندۇق، ئەپسۇس غەرب دۇنياسى بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتاتتى. ھالبۇكى، مىللەتچى سول كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر قۇربانى ئەمەلىيەتتە غەرب دۇنياسىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

گىتلىر 1930-يىللاردا گېرمانىيەدە قوزغىغان مىللەتچى سول ئېقىم يەنى ناتسىزىم ياۋروپا ۋە دۇنيادا مىليونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ھازىر بولسا ناتسىزىم پۈتكۈل دۇنيادا قايتىدىن باش كۆتۈردى، گېرمانىيەدە پەقەت دېموكراتىك، يېشىللار ۋە سولچىل گۇرۇھلار ئارىسىدىلا ئەمەس، ئوڭچىللار ئارىسىدىمۇ مىللەتچى سول ئىدىيە ۋە پىكىرلەر بارغانچە تارقالماقتا. باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ ھازىر سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا دېگەنلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا گىتلىر دېگەن سۆزلەرگە سېلىشتۇرغان چېغىمىزدا، ئوتتۇرىدىكى ئوخشاشلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالماي تۇرالمايمىز. نۆۋەتتە بۇ ئازغۇن ئىدىيە ۋە ئېقىملار ئۆزگە ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە.  بۇ سەۋەبتىن «دېموكراتىيە بۆشۈكى ۋە غەرب مەدەنىيەتىنىڭ مىراسخورى»بولۇش بىلەن پەخىرلىنىپ كېلىۋاتقان غەربىي ياۋروپا بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرما دۆلىتى ئېلىپ بارغان سىستېمىلىق قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى كۆرمەي كېلىۋاتىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كۆرەلمەيۋاتىدۇ. 2000-يىللاردا بىرما ھۆكۈمىتىنى خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويۇش بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن ياۋروپا، نۆۋەتتە نېمە ئۈچۈن بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟ دۇنيادا كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپات كومىتېتى ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلش يوليۇرۇقىنى بەرگەن بىرمانىنىڭ ھەققىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چىغا ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن تىنچلىق مۇكاپاتى توغرۇلۇق يىغىن ئېچىشنى ئويلاشقانمىدۇ؟

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باڭلادىش ھۆكۈمىتىدىن روھىڭيالىقلارنى مۇساپىر سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى تۈركىيەنىڭ كۆتۈرىدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى. ھالبۇكى، روھىڭيالىقلارنىڭ قېشىدىلا مالايشىيا بىلەن ھىندېنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار، ھەر ئىككى دۆلەتتە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدۇ ۋە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدىغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن سادا چىقماسلىقى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار نامىغا تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر.

روھىڭيالىقلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «ۋەتەنسىز»ئاز سانلىقلار توپى بولۇپ، ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كىملىك، ئۆزگە مەملىكەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن پاسپورت، ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان سوتقا ئوخشاش ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇمدۇر. بىرما مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان  كۈندىن بۇيان روھىڭيالىقلار بارلىق ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشىماقتا، بۇنىڭغا دەل 60 يىل بولدى.

بىر پارچە نانغا زار بولۇپ ياشاۋاتقان روھىڭيالىق مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان ئاراكاندا تولىمۇ قىممەتلىك قوراللار بىلەن قوراللانغان «روھىڭيا ئازادلىق ئارمىيەسى»ناملىق بىر تەشكىلات پەيدا بولدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا شۇنچىلىك ئوخشايدۇ، بىرما ئارمىيەسى بىلەن بۇ تەشكىلات توقۇنۇشقاندەك قىلسىمۇ، داۋاملىق بىگۇناھ پۇقرالار ئۆلىۋاتىدۇ، غەلىتە يېرى شۇكى، ھازىرغىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىرمۇ ئەزاسىنىڭ يا تىرىكى ياكى ئۆلۈكى قولغا چۈشكىنى يوق، يېقىنقى توقۇنۇشتىلا ئەڭ ئاز 3000 روھىڭيالىق مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىرما ئارمىيەسى  زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتمەكتە، ھەر كۈنى دېگۈدەك 20گە يېقىن يېزا كۆيدۈرۈلمەكتە، ئەلۋەتتە ئېنىق ساننى بىلىش تولىمۇ تەس. بۇرۇنقى قەتلىئاملاردىمۇ 2000دىن 3000 مىڭغىچە روھىڭيالىق مۇسۇلمان قەتل قىلىنغانىدى، بۇ پەقەت ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇمات خالاس، لېكىن بۇ سانلىق-مەلۇماتمۇ رىئاللىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆتكەندە پەقەت بۇتىداڭ رايوندىكى بىر نەچچە يېزىدا تەخمىنەن 1500 كىشىنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر بىتەرەپ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا چىققان بولۇپ، چوپچوڭ بىر يېزىدا پەقەت 400 كىشى قالغان، قالغانلار بولسا تىرىك كۆيدۈرۈپ تاشلانغان.

بىرما ئارمىيەسى سىستېمىلىق قەتلىئام قىلمىشىنى مۇنداق ئېلىپ بارىدىكەن: دەسلەپ يېزىلارغا قورال ۋە چوڭ پىچاقلارنى ئېلىپ بېسىپ كىرىدىكەن، قانچىلىك ئۆلتۈرەلىسە شۇنچىلىك ئۆلتۈرىدىكەن، مىللەتچى بۇددىستلارمۇ ئەسكەرلەرگە قوشۇلۇپ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىدىكەن، قالغان چارىسىز مۇسۇلمانلار بولسا يېزىنى تاشلاپ قاچىدىكەن، بىراق ئۇلار بۇ قېتىم بىرما ئارمىيەسى يېزا ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن مىنالارنىڭ  ھۇجۇم نىشانى بولىدىكەن، مىنالاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلار بولسا  يوشۇرنۇپ ياتقان ئەسكەرلەرنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدىكەن، ئارقىدىن بىرما ئەسكەرلىرى يېزىلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىكەن. يارىدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بەدىنىدە كۆيۈك ئىزى بار.

ھازىر بىرمادا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ %70-80نى ئاياللار ۋە بالىلارلا تەشكىل قىلىدۇ، ماڭداۋ ۋە بۇتىداڭ رايونلىرىدىكى ياشلار ۋە ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى باڭلادىش بىلەن مالايشىياغا قېچىپ كەتكەن. يېزىلار ئايال ۋە بالىلارغا قالغان بولۇپ ، بۇ سەۋەبتىن بۇلار ئەڭ كۆپ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

ماڭداۋ رايونى باڭلادىشقا تولىمۇ يېقىن بولۇپ، بۇ جايدا ياشايدىغانلار چېگراغا قاراپ قېچىشىدۇ. بىراق بۇ جايدىمۇ ئىرقداشلىرى بولغان باڭلادىش دۆلىتى چېگراسىنى ئاچمايدۇ، بىتەرەپ بىر رايون بولۇپ بۇ جايغا كەلگەنلەرنىڭ سانى تولىمۇ كۆپ، چېگراغا يېقىن بولمىغان رايونلاردىن قاچقانلار بولسا ئورمانلىققا يوشۇرۇنىۋالىدۇ، ئەپسۇس بۇلارنىڭ بارىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. چېگراغا بارغانلارنى بولسا باڭلادىش ئەسكەرلىرى چىگرادىن كىرگۈزمەي ئاراكانغا كەتكۈزۈۋىېتىدۇ، بىرما ئارمىيەسى بولسا ئامالسىز قايتىپ كەلگەن بۇ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىدۇ.

بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى تۈركىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۈرىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مەزگىلىدە پۈتكۈل دۇنيا رەھبەرلىرىگە بىرمۇ بىر تېلېفون قىلىپ ئاراكاندىكى قەتلىئامغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئاراكاندىكى قەتلىئامغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغۇم بار ئىدى. بىراق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەزى دۆلەتلەر كۈچ توقۇنۇشى يۈز بېرىۋاتقان رايوندا ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغاندەك ئەمەس.

بىرمانىڭ تەجرىبىسىز رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى ئاراكاندىكى قەتلىئامنىڭ بىرمانى يېڭى كۈچ توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزى سەۋەب بولغان بۇ ئىشنىڭ تېگىنى چۈشىنىپ يەتكەن چاغدا ھازىر مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەن بۇددىستلارنىڭ ئۆلۈم خەۋەرلەرنى يازمايمىز دېيەلمەيمىز.

كېيىنكى ماقالىمىزدە روھىڭيا بىلەن بىرمانىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى ئۇرۇش مەيدانى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئانالىز قىلىشقا تىرىشىمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر