شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختا مىسلىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ياخشى سەۋىيەدە» دېدى. ئۇنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە قىلغان سۆزى جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن ئالاھىدە ۋەزىيەت ئاستىدا ئەمەلگە ئاشتى.

766084
شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل رۇسىيەنى زىيارەت قىلدى. ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختا مىسلىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ياخشى سەۋىيەدە» دېدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى، جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن ئامېرىكىنىڭ «USS Stethem» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىغا قارشى خىتاينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتى باشقىچە كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە قىلىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى راستىنلا تارىختا كۆرۈلمىگەن ياخشى سەۋىيەدىمۇ؟ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

دۇنيا شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ بار. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئالاھىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ب د ت باش كاتىپىمۇ شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەمۇ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال توپلىنىشقا چاقىردى ۋە ياپونىيە ھەمدە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇنداقتا، شىمالىي كورېيە دۇنيانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋامۇ قىلماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ؟ شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقىسىدا چوڭ دۆلەتلەر بارمۇ؟

دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قىممەتلىك ئانالىزلىرىغا مۇراجىئەت قىلدۇق. يۇقىردىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر