ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مىللىي مەدەنىيەت ھادىسسى. 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەتپەرۋەر زاتلار تەرىپىدىن تەبرىكلىنىۋاتىدۇ.

725929
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دوپپا بايرىمى-بارلىققا كەلگەن شارائىت-يەنى 2009-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇۋاتقان، ئەمما كونكرېت ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغان قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتكە ئسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋارىسلىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى. مۇشۇنداق چاغدا تاھىر ئىمىن باشچىلىقىدىكى ياش زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دوپپا بايرىمى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەر تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئەسردىكى مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈرتكە بولدى. ياشلارغا قايتا ھاياتىي كۈچ، قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك كەيپىيات بەخش ئەتتى. دوپپا بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلىرى ئارىسىدا، چەت ئەلدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئىلغار ۋە مىللەتپەرەۋر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك شەكىلدە مەدەنىيەت-سەنئەت تەبرىكلەش پائاليەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، كۈچلۈك قىزغىنلىق ئاساسدىكى بىرلىك ھەم ئۆزىنى باشقا مەدەنىيەت ئىگىلىرىگە تونىتىش ھەرىكىتى قوزغالدى. ھەتتا، يەرلىك دائىرىلەرنى دەسلەپتە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەسلىك، باشقۇرۇشقا ئامالسز قېلىشقا، ھەتتا چوڭ سورۇنلاردا دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، چۈنكى دوپپا بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق، مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولغان مەدەنىيەت قوغداش ھادىسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاشكارا چەكلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

دوپپا مەدەنىيتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ مۇھىم يادروسى ۋە تىپىك سموۋولى. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-ئەرەب، ئىنگىلىز ياكى ھىندى قاتارلىق باشقا ھەر قانداق مەدەنىيەتنى ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ تەبرىكلىنىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيتىنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى، باشقىلارغا تونىتىشنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ يادرولۇق مسالى.
دوپپا بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان يىللاردىن بىرى، دوپپا بايرىمى ھەققىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا كۆرستىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بىرىلدى. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى، مىللىي تەۋەلىكى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقى، ئۆزلۈك ئېڭىنى تونۇش ۋە مىللىي روھنى كۇچەيتشتە ئىجابىي رول ئوينىدى.
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاتلىق بارلىق كىشلەرنىڭ يۇرت، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش، جنس، ياش، بايلىق ئايرىماستىن بىردەك ھالدا ئۇيغۇر كىملىكى ئاستىغا ئۇيۇشۇش، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى كۇچەيتىشتە كۇچلۇك رول ئوينىدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-قانۇنىي ۋە زامانىۋى بولغان مەدەنىيەت ھادىسسى. شۇڭا، ئۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتتە ياشاشقا پايدىلىق. بىر قسىم ياشلار ئارىسىدا دوپپا ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيتىگە قارىتا چۈشەنمەسلىك، ھەتتا دوپپا كىيگۈچىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك قاراشلارغا بەرھەم بەردى. قسمەن شەھەر ئاھالىسى ۋە مەمۇرىي خادىملار ئارىسىدا ئومۇملىشپ قالغان خاتا قاراش يەنى دوپپنى پەقەت ماتەم مۇراسمىدىلا كىيىمىز دەيدىغان قاراشقا خاتىمە بەردى. ئۇيغۇرلاردا قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن شەھەرلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر دوپپىچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى، شۇنداقلا دوپپا ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە ئونمىڭلىغان ئائىلە كىشلىرىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن بازار ياراتتى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەت ئاساسى سوۋغات بۇيۇمى قاتارىدا ئاپتونوم رايون ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىك ساياھەت ئىدارىلىرى، مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تاشقى كىملىكى بولۇپ قالدى. قسقىسى، دوپپا مەدەنىيىتى كەڭ ئومۇملاشقان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلاردا ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش دولقۇنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر