تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلىشىشى زۆرۈر بولۇۋاتقان قەدەملىرى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

724937
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلىشىشى زۆرۈر بولۇۋاتقان قەدەملىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلغان 16- ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە خەلقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى، تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تۈزۈم دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشاشلا ئىقتىسادىي ساھەسىدىمۇ كۆپلىگەن ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلارنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە كۈچلۈك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يېڭى تۈزۈم بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادتا يېتىش پىلانلانغان نىشانلارنىڭ بىر قانچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يولغا قويۇلىدىغان يېڭى تۈزۈمنىڭ دۆلەتكە يارىتىدىغان ئىمكانىيەتلىرى ئارقا – ئارقىدىن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە؛ بۇ نۇقتىدا، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەگە مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىياسەتلىرىگە ئېھتىياج چۈشىدىغان ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنىشى، شۇنداقلا بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى مۇھىم، دەپ قارالماقتا.

2016 – يىلى %12.7 دەپ ئېلان قىلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ئۈچۈن، ئىش – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش سەپەرۋەرلىكىگە مەركەزلىشىپ، پىلاندىكى 2 مىليون كىشىنى خىزمەتكە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم. بولۇپمۇ 2016 – يىلى %24  بولغان ياش ئىشسىزلار نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاياللارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە، خەلقنىڭ يېڭى تۈزۈم بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ مۇقىم مۇھىتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ناماياندىسىدۇر. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تەكلىپىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى موھتاج بولۇۋاتقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ سايىسىدا، دۆلەتكە كىرىشى كۈتۈلۈۋاتقان بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسى نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، شۇنداقلا يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك تۇتقا قىلىنىدىغان بۇ سىستېمىغا تېخىمۇ تېز ماسلىشىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە، يېڭى تۈزۈم بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن تۆتىنچى سانائەت ئىنقىلابىنى روياپقا چىقىرىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى لازىم. نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى پۈتكۈل يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ دۇنيا سانائىتىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ پەردىسىنى ئاچقان رەقەملىك تېخنولوگىيە مەركەزلىك سانائەت 4.0 غا ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتلىك ئۆزگىرىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش، تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماس بىر سىستېمىنىڭ ئورنىتىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

خۇسۇسەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىكى تەسىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان بۇ مۇساپە تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىلىشى كېرەك. ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، يېقىنقى 10 يىلدا ئوتتۇرىچە 44 مىليارد دوللار ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلغان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە چىقىمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. يەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە يەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ساھەسىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە مۇئەييەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، ئىمپورت مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئىستانسىلارنىڭ يۈكىنىڭ يەڭگىللىتىلىشى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى باشقا يەرلىك ۋە چەت ئەل سېلىنملىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە ئىمپورت ئېنېرگىيەگە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىپ، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇش ئارقىلىق قىزىل رەقەمنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈرەلەيدۇ. يەنە، ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى بىر دۇنيا قاراش، دەپ قارىلىۋاتقان مىللىي ئېنېرگىيە سىياسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار، تۈركىيەنى رايونىدىكى بايراقدار دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.

يېڭى تۈزۈمگە ئۆتۈش مۇساپىسىدە ئىقتىسادتا ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا مۇقىملىقنى نۇقتا قىلغان سىياسەتلەرنىڭ بېكىتىلىشى، ئىسلاھاتلارنىڭ ئۈنۈمى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي ئېشىشقا پايدىلىق بۇ ئۆزگىرىشلەر كۈچلۈك ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىمۇ پائال رول ئوينايدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ سانائەت، مالىيە، ئەمگەك – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ساھەلىرى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە باشتىن كەچۈرىدىغان كۆپ قاتلاملىق ئۆزگىرىش مۇساپىلىرى، كېلەچەكتە تېخىمۇ ساغلام ئىقتىسادىي ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تۈركىيەنىڭ ئۇل تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر