قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (15)

تۆۋەندە سۈرە سۈرە ئەنفالنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

715843
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (15)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئەئرافنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە ئەنفالنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۇرە ئەنفال ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (01)

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرە ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى بەدىر غازاتى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن نازىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام بىلەن كۇپىرلىق ئۇتتۇرىسىدىكى بۇ تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇش تەپسىلىي يەكۈنلەپ بېرىلىدۇ. سۈرىنىڭ مەزمۇنىنى چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تەخمىنەن بىرلا ۋاقىت ئىچىدە نازىل بولغان بىر پۈتۈن خىتاب ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالالايمىز. ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرى بەدىر ئۇرىشىدا پەيدا بولغان يېڭى مەسىلىلەر ئۇچۇن كېيىن نازىل بولغان بولىشى شۇنداقلا نۇتۇق تەرتىپى بويىچە مۇناسىپ بىر ئورۇننى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ سۇرىدە «ئايرىم – ئايرىم ئىككى - ئۇچ بايان بىرلەشتۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىشىمىزغا ئاساس بولغۇدەك بىرەر ئۇلىنىشنى بايقىغىلى بولمايدۇ.

تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى: 

بۇ سۈرە ئۇستىدە تەپسىلىي مۇھىمە يۈرگىزىشتىن ئىلگىرى بەدىر ئۇرىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا تارىخىي نۇقتىدىن بىر قاراپ چىقىشىمىز لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون ئىككى يىل مەككىدە تۇرۇش جەريانىدىكى ئىپتىدائىي ئىسلام دەۋەتى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن نەقەدەر مۇستەھكەم پىشىپ يېتىلگەنلىگىنى، بىرىنچىدىن ئۆزىدىكى بارلىق كۈچ – قۇدرەت، سالاھىيەتلەرنى دەۋەت ئۇچۇنلا سەرىپ قىلىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقلىق، ئالىي جاناپ، دەنا بىر رەھبىرىنىڭ بولغانلىغى ھەمدە ئۇنىڭ دەۋەتنى چوقۇم مۇتلەق غەلىبىگە ئىرىشتۇرمەي قويماسلىقتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى شۇنداقلا  بۇ يولدا ئۇچرايدىغان ھەرقانداق خېيىم - خەتەر قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن دائىم تەييار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چىن ھەقىقەت ئاساسىدا تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، قىلىنىۋاتقان دەۋەت ئۆزىمۇ شۇ قەدەر جەزىبدارلىققا ئىگە ئىدىكى، ئىنتايىن تېزلىك بىلەن قەلب – مىڭىلەردىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالماقتا ئىدى. ھەتتا جاھالەتنىڭ كۈچلۈك مۇتەئەسسىپ سىپىل، قورغانلىرىمۇ ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قىلىشتا پۇت تىرەپ تۇرالمايۋاتاتتى. ئەرەپلەرنىڭ جاھالەت تۇزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، دەسلىۋىدە بۇ دەۋەتكە سەل قاراپ كەلگەن كۈچلەر مەككە دەۋرىنىڭ بۇ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە بولسا، دەۋەتنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن جىددىي خەتەر دەپ ھېس قىلىشقا باشلىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇزلىرىنىڭ بار كۇچىنى ئىسلامنى تۈپتىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇچۇن سەرىپ قىلىشماقچى بولدى.

بۇ مەزگىلەردە ئىسلام دەۋىتى يەنىلا  مەلۇم جەھەتلەردىن تېخى تاكامۇللاشمىغان ئىدى.

 بىرىنچىدىن؛ ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئۆزىگە ئىمان كەلتۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى جان – دىلى بىلەن سۆيىدىغان، ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ۋە ئوموملاشتۇرۇش يولىدا بارلىقىنى تەقدىم قىلالايدىغان، ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۇك ئۇرۇق - تۇغقانلىق رىشتىلىرىنىمۇ ئۇزۇپ تاشلاپ، بارچە دۇنيا بىلەن قارشىلىشالايدىغان يىتەرلىك ساندىكى ئەگەشكۇچىلەرگە ئېگە بولغان ياكى بولمىغانلىقى تېخى مۇقەررەرلەشمىگەن ئىدى. گەرچە مەككىدىكى ئىسلامىيەتكە ئەگەشكۇچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەقەدەر مۇستەھكەملىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىدىن ئۆز غايىسىنى ئەلا بىلىدىغان ئىسلام دەۋىتىنىڭ جان پىدا قوشۇنىغا ئايلىنالىشى ئۇچۇن تېخى نۇرغۇنلىغان سىناقلار ماۋجۇت ئىدى.

 ئىككىنچىدىن: دەۋەتنىڭ ياڭراق ئاۋازى پۈتۈن دۇلەتكە كەڭ تارالغىنى بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى تارقاق بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلغان كۇچلەر دۆلەتنىڭ ھەممە ئەتراپىغا كەڭ چىچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلى مۇستەھكەم جاھالەت تۇزۇملىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن موھىم بولغان ئىجتىمائىي كۇچكە ئايلىنىپ بولالمىغان ئىدى.

ئۇچىنچىدىن: بۇ دەۋەت دۇنيانىڭ ھىچ بىر يىرىدە مۇقىم يىلتىز ئالمىغان، ئەكسىچە تەخىچە ھاۋا بوشلىقىدا تارقىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئاندىن ئىلگىرى سۈرىلىشىگە مۇناسىپ كەلگۇدەك بىر جاي دۇلەتنىڭ ھىچ يىرىدە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىر ۋە مۇشرىكلەر ئالدىدىكى ئورنى خۇددى قۇرۇق ئاشقازاندىكى گۇرۇچنىڭ ئورنىغا، يەنى، ئاشقازان ھەزىم قىلىۋىتىش ئالدىدا تۇرغان، ئەمما ئۇ ئۆزى ئۇچۇن مۇقىم، خاتىرجەم ئورۇن تاپالمايۋاتقان گۇرۇچقىلا ئوخشايتى. 

توتىنچىدىن: دەۋەتكە نىسبەتەن ئەمەلىي تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ ماڭىدىغان شارائىت تېخى ھازىرلانمىغان بولۇپ، ئۆز مەدىنىيىتىنى تېخىچە شەكىللەندۇرمىگەن، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنى رەتكە سىلىپ بولالمىغان ئىدى ھەمدە بىرەر قېتىممۇ ئىككىنچى بىر كۇچ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ياكى سۇلىھ تۇزۇپ باقمىغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ھاياتلىق تۇزىمىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىغا ۋە ئومۇملىشىشىغا ئاساس ھېساپلىنىدىغان ئەخلاقىي ئۇسۇل، پىرىنسىپلىرىنى تولۇق نامايەن قىلالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيانى دەۋەت قىلىۋاتقان چاقىرىققا ئۇنىڭ ئەگەشكۇچى سىپى زادى قانچىلىك راسچىللىق بىلەن ئەمەل قىلىدۇ؟  بۇ تېخى سىناق تارازىسىدا رەسمى تارتىلىپ بولالمىغان ئىدى.

كېيىنكى ۋەقەلەر دەل بۇ توت بوشلۇقنى تولدۇرىۋېلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

**** *** *** *** **** **** *** ***

مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى 3 - 4 يىل مابەينىدە ئىسلام قوياشىنىڭ ئىللىق نۇرى يەسرىپ (مەدىنە)نى ئىزچىل يورۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىگە قارىغاندا خېلىلا تىز بو نۇر بىلەن جۇلالىنىشقا باشلىدى. ئاخىرىدا پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلى ھەج مەزگىلىدە مەدىنىدىن كەلگەن 75 كىشىلىك ھەيئەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەگەشكۇچىلىرىنى مەدىنىگە يەرلىشىپ قېلىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىسلام تارىخىغا نىسبەتەن ئىنقىلابىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم شارائىت بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلىشى بىلەن تەڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنى تەخىرسىز قولغا كەلتۇردى. چۇنكى مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدىنىگە «پاناھلانغۇچى» ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ زېمىن ئۇستىدىكى خەلىپىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئىمامى ۋە رەھبىرى سۇپىتىدە تەكلىپ قىلىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىنىمۇ، مەدىنىگە مۇھاجىرلىق سالاھىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەرەپ زېمىنىنىڭ ھەممە ئەتراپىغا چېچىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە توپلىشىپ، مەدىنە مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇنتىزىم بىر جەمىيەتنى شەكىللەندۇرىشى ئۇچۇن تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ، مەدىنە شەھىرى ئۆزىنى «ئىسلام دىيارى» بولۇشقا تەقدىم قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئىسلام مەركىزىگە ئايلاندۇردى.

مەدىنە ھەيئىتى ئۆزلىرى قىلىۋاتقان بۇ تەكلىپنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى، يەنى كىچىككىنە بىر رايۇننىڭ ئەمدىلىكتە پۈتۈن دۆلەتنىڭ قىلىچ بېسىغا ۋە ئىقتىساد، مەدىنىيەت جەھەتتە يىتىم قالدۇرىشىغا دۇچ كىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىنىڭ بۇ تۇنجى مەدەتكارلىرى بولغان ئەنسارلار «ئۇقبا» دېگەن جايدىكى كەچلىك يىغىلىشتا مۇشۇ ئاقىۋەتلەرنى بىر قۇر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۇزگەندىن كىيىن ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەتكە قول بەرگەن ئىدى. ئۇلار بەيئەتكە قول بىرىۋاتقان ئاشۇ پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن يېشى كىچىك ھېسابلىنىدىغان مەدىنىلىك يىگىت ئەسئەد بىن زورارە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:-

«توختاڭلار! ئى مەدىنىلىك قىرىنداشلار توختاڭلار! بىز بۇ كىشىنىڭ يىنىغا كېلىشتە (بۇ كىشى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) دەپ چىن ئىشىنىپ كەلدۇق. ئېنىقكى ئەگەر ھازىر ئۇنى بۇ يەردىن يۆتكەپ كەتسەك، پۈتكۈل ئەرەبلەر بىلەن دۇشمەنلەشكەن بولىمىز. شۇ ۋەجىدىن گۆدەك بالىلىرىمىزمۇ قەتىل قىلىنىشى ۋە بىزنىڭ ئۇستىمىزدىمۇ قىلىچ ئوينىشى مۇمكىن. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭلاردا مانا شۇلارغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك بىرەر كۇچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سىزىۋاتقان بولساڭلار ئاندىن بەيئەتكە قول بېرىڭلار. بۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھدىن ئالىسىلەر. ناۋادا ئۆز جېنىڭلار بەكرەك سۆيۈملۈك ھېسابلىنىدىغان بولسا، بەيئەتكە قول بېرىپ يۇرگەننىڭ ئورنىغا ئاشكارا ئۆزرە ئېيتىڭلار. چۇنكى ۋاختىدا ئۆزرە ئېيتىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەغپىرەت قىلىنىشى مۇمكىن» 

بۇنى ئاڭلىغان ئابباس بىن ئوبادە بىن نەزلە ئىسىملىك يەنە بىر مەدىنىلىك ساھابى ئورنىدىن تۇرۇپ: «بۇ كىشىگە نېمە دەپ بەيئەت قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ھەممەيلەن بىرلىكتە : «ھەئە، بىلىمىز» دەپ جاۋاپ بەردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : «سىلەر بۇ كىشىگە بەيئەت قىلىش بىلەن شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلىۋاتىسىلەر. ناۋادا مۇشۇ سەۋەپتىن مال – مۈلۈك، ئىززەت – ئابىرويىڭلار خەتەرگە يولۇقۇپ قالسا، ئۇنى دۇشمەنگە تاپشۇرۇشنى ئويلايدىغان بولساڭلار، ياخشىسى مانا بۇگۇنلا ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىڭلار. چۇنكى ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنداق قىلغىنىمىز بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خورلۇققا دۇچار قىلىدۇ. ناۋادا مال – مۈلۈك، ئىززەت – ئابىرويىڭلارنىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىشىغا پەرۋا قىلماستىن، بۇ زاتقا شۇ تاپتا بېرىۋاتقان تەكلىپىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىشقا ئىرادە قىلغان بولساڭلار، شەكسىز ئۇنىڭغا قول بېرىڭلار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىدۇر.» دېدى.

بۇنىڭغا ھەممەيلەن بىرلىكتە: «بىز ئۇنى دەپ مال – مۈلۈك، شان شەۋكىتىمىزنى ھالاكەتكە ئىتتىرىشكە تەييارمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. شۇنداق قىلىپ، تارىختا «ئۇقبە بەيئىتى» دەپ ئاتالغان مەشھۇر بەيئەت ۋۇجۇدقا كەلدى.

**** *** *** *** **** **** *** ***

مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا قانداق تونۇشقا كېلىدىغانلىقى ھىچ كىشىگە سىر ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ ئىش بىر تەرەپتە مەككە مۇشرىكلىرىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارلىق، ئالى جاناپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچۇن ياخشى بىر شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەنا رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئىسلام ئەگەشكۇچىلىرى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ جەسۇر، قەيسەرلىكى ۋە پىداكارلىقى بىلەن مەككە ئەھلىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان ئەزىمەتلەر) ئۇچۇن بىر مۇنتىزىم قوشۇن بولۇپ شەكىللىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتاتتى. مانا بۇ مەككە مۇشرىكلىرىگە نىسبەتەن ئۆلۇمدىن دېرەك بېرىدىغان قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمە ئىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىدەك بىر رايۇندا مۇنداق توپلىشىشىدىن مەككە ئەھلىنىڭ خەۋىپسىرىشىدە يەنە باشقا سەۋەپلەرمۇ بار بولۇپ، قىزىل دېڭىز ساھىللىرىنى بويلاپ يەمەندىن شامغىچە تۇتۇشىدىغان سودا يولى دەل مۇسۇلمانلار رايونىدىن (يەنى، مەدىنىدىن) كېسىپ ئۆتەتتى. بۇ يولنىڭ تىنچلىقى قۇرەيش ۋە باشقا چوڭ مۇشرىك قەبىلىلەرنىڭ سودا - ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولوپ، ناۋادا مۇسۇلمانلار مانا بۇ قان تومۇرغا چىقىلىپلا قويىدىغان بولسا، جاھىلىيەت تۇزۇملىرىگە نىسبەتەن نەپەسلىنىشمۇ قېيىنغا توختايتتى. مەككە ئەھلىنىڭ تائىف ۋە باشقا رايۇنلار بىلەن بولغان تىجارىتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، پەقەت مۇشۇ بىر سودا يولى ئارقىلىقلا بولىدىغان تىجارىتى ھەر يىلىغا 200 مىڭ دىنار ئەتراپىدا ئىدى. قۇرەيش ئەھلى بۇنداق ئاقىۋەتلەرنى تونۇپ يىتەلىگەن بولغاچقا، «ئۇقبە بەيئىتى» بولۇۋاتقان كېچىسى خەۋەر يىتىپ كىلىشى ھامان مەككە مۇشرىكلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا كۆتۇرۇلدى. دەسلىۋىدە ئۇلار مەدىنىلىكلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. كېيىنكى چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر – بىرلەپ مەدىنىگە كۆچۇشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ چوقۇم كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ئاخىرىقى چارىلىرىنى ئىشقا سالماقچى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتكە ئاتلىنىشتىن بىر قانچە كۇن ئىلگىرى قۇرەيش مۇشرىكلىرى جىددى كېڭەش يىغىنى چاقىردى ۋە ئۇزۇن دە – تالاشلاردىن كىيىن، بەنى ھاشىم جەمەتىدىن باشقا بارلىق جەمەتلەردىن بىردىن ئادەم تاللاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە قاتناشقۇزۇش قارارىغا كېلىشتى. ئۇلارنىڭ خىيالىچە شۇنداق بولغاندا بەنى ھاشىم جەمەتىگە نىسبەتەن ئۆزى يالغۇز بارچە جەمەتلەردىن قان قىساس ئىلىش قىيىنغا توختىغان ھەمدە «قان ھەققى» تۆلەم ئىلىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتى.

ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئاللاھقا بولغان مەھكەم ئىشەنچ ۋە دەنا تەدبىرلىرى سايىسىدا ئۇلارنىڭ ھېلە - نەيرەڭلىرىنى يىڭىپ، ساق – سالامەت مەدىنىگە يېتىپ باردى. ھىجرەتنى توسۇشقا ئامالسىز قالغان قۇرەيش مۇشرىكلىرى مەدىنىنىڭ سەردارى ئابدۇللا بىن ئۇبەيگە «سىلەر بىزنىڭ قاچقۇنلىرىمىزغا پاناھلىق بىرىپسىلەر، خۇدا بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتمىسەڭلار ياكى ئۇلارنى شەھىرىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمىساڭلار، بىز سىلەر بىلەن جەڭ قىلىمىز، ئەرلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاياللىرىڭلارنى قۇل قىلىمىز» دەپ مەكتۇپ يوللىدى. ئابدۇللا بىن ئۇبەي بۇنىڭغا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەل ۋاختىدا ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرمىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن سەئىد بىن مۇئاز ئومرە قىلىش ئۇچۇن مەككىگە بارغاندا، ئەبۇ جەھىل ھەرەم دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنى توسىۋىلىپ: «سەن بىزنىڭ دىن دۇشمەنلىرىمىزگە پاناھلىق بىرىپ، يارىدەم، كۆيىنىشلىرىڭ بىلەن ئۇلارنى بوداپ سەمرىتىۋاتىسەن. ئەمدىلىكتە بىز سىنىڭ كەڭ – تاشا تاۋاپ قىلىشىڭغا يول قويىمىزمۇ؟! ناۋادا سەن ئۇمەييە بىن خەلەپنىڭ مېھمىنى بولمىساڭ ئىدىڭ، بۇ يەردىن ھەرگىزمۇ تېرىك قايتىپ كىتەلمىگەن بولاتتىڭ» دېدى.

سەئىد ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆمرە قىلىشتىن توسىدىغان بولساڭ، مەن سىنى بۇنىڭدىنمۇ موھىم نەرسىدىن توسۇپ قويىمەن. كارۋانلىرىڭ مەدىنىدىن ئۆتەلمەيدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.

بۇ گويا، مەككە مۇشرىكلىرى «مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايمىز» دەپ جاكالاۋاتقاندەك، مۇسۇلمانلار ئۇلارغا جاۋابەن «بىزمۇ ئىسلامغا دۇشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ سودا كارۋانلىرىغا مەدىنىدىن ئۆتىدىغان بۇ تىجارەت يولىدا خاتىرجەملىك بەرمەيمىز» دەپ تەھدىت سېلىۋاتقاندەك بىر ئىش ئىدى.

**** *** *** *** **** **** *** ***

ئەمەلىيەتتىمۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭدىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. مۇسۇلمانلار قۇرەيش ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ جان تومۇرى بولغان بۇ تىجارەت يولىدىكى كونتىروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان غەيرى نۇرمال سىياسەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر قىلالايتتى. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يىتىپ بىرىپلا ئالدى بىلەن بۇ يېڭى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى تەرتىپكە سىلىش ۋە ئەتراپتىكى يەھۇدىي قەبىلىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئوڭشاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىنچى قەدەمدە دەل مانا بۇ تىجارەت يولى ئۇستىدە باش قاتۇرۇپ، مۇنداق ئىككى ئاقىلانە تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇردى.

1 – مەدىنىگە جۇملىدىن قىزىل دېڭىز ساھىللىرىغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي يول بويىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزۇپ، ئۇلار بىلەن ئۆز – ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ياكى ھىچ بولمىغاندا بىر – بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق كېلىشىمى تۇزۇپ چىقىشتا تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەڭ دەسلىۋىدە دېڭىز ساھىلىغا يىقىن تاغلىققا جايلاشقان «جۇھەينە» ئىسىملىك قەبىلە بىلەن «بىتەرەپلىك» كېلىشىمى تۇزدى. ئاندىن ھىجرىيەنىڭ دەسلەپكى يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا رايۇن تىررېتورىيەسى «يەنبۇ» بىلەن «زۇلئەشىرە»گە تۇتىشىدىغان «بەنى زومرە» قەبىلىسى بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى (Defensive Biliance) كېلىشىمى تۇزدى. ئاندىن يەنە ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا «بەنى مۇدلىج» قەبىلىسىمۇ بۇ كېلىشىمگە ئەزا بولدى. چۇنكى ئۇلار «بەنى زۇمرە» قەبىلىسىنىڭ خوشنىسى ۋە ئىتىپاقدىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام دەۋىتى ئاشۇ قەبىلىلەر ئارىسىدا خېلى كەڭ قوللىغۇچى ۋە ئەگەشكۇچىلەرنى يىتىلدۇرۇپ چىققان ئىدى.

2 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيش كارۋانلىرىغا تەھدىت سىلىش يۇزىسىدىن كىچىك قۇراللىق ئەترەتلەرنى پات – پات يولغا ئەۋەتىپ تۇرۇشنى 2 – تەدبىر سۇپىتىدە چىڭ تۇتتى. بەزى ئەترەتلەرگە ئۆزىمۇ تەڭ قاتناشتى. ھىجرىيەنىڭ دەسلەپكى يىلى جەمى 4 قىتىم قوشۇن ئەۋەتكەن بولۇپ، جەڭنامىلاردا بۇلار «سۇرەييە ھەمزە»، «سۇرەييە ئۇبەيد»، «سۇرەييە سەئىد بىن ئەبى ۋاققاس» ۋە «غەزۋە  ئەلباۋا» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى يىلنىڭ دەسلەپقى ئايلىرىدا يەنە ئىككى قىتىم قوشۇن چىقارغان بولۇپ، جەڭنامە يازغۇچىلىرى ئۇنى «غەزۋە بوۋات» ۋە «غەزۋە زولئەشىرە» دېگەن ناملار بىلەن ئەسلىشىدۇ. بۇ بارلىق ھەربىي يۇرۇشلەردىكى مۇنداق ئىككى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

1 - ئۇلارنىڭ ھىچ بىرىدە قان تۆكۇلمىگەن ياكى بىرەر كارۋانغىمۇ چىقىلمىغان. چۇنكى بۇ ھەربىي يۈرۈشلەر قۇرەيش ئەھلىنى ۋەزىيەت يۆنىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشتىن باشقىنى مەخسەت قىلمىغان ئىدى.

2 -  بۇ قوشۇنلار پەقەت مەككە مۇھاجىرلىرىدىنلا تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەدىنە مۇسۇلمانلىرىدىن ئادەم قاتناشتۇرۇلمىغان ئىدى. بۇنداق قىلىشتا كۆزدە تۇتۇلغىنى، باشقا قەبىلىلەردىن ئادەم ئارىلاشتۇرۇش تۈپەيلى ئۇرۇش ئوتىنىڭ قەرەيشلەرنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ، باشقىلارنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالماسلىقى ئىدى.

مەككە ئەھلىمۇ بۇ جەرياندا مەدىنىگە ئۆزلىرىنىڭ باسمىچى قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ تۇردى. ئۇلار ئەۋەتكەن كۇزرە بىن جابىر ئەلفەھرى باشچىلىقىدىكى بىر قوشۇن مەدىنىگە يىقىن جايغا قول سىلىپ، مەدىنىلىكلەرنىڭ پادا – ئۇلاغلىرىنى بۇلاپ كېتىشتى. مەككە مۇشرىكلىرى ئەسلىدە باشقا قەبىلىلەرنىمۇ بۇ ئۇرۇشقا زورلاپ تىقىپ قويۇش كويىدا يۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىشنى بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماستىن، تالان – تاراج قىلىش سەۋىيەسىگە يەتكۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.  (داۋامى بار...)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەنفالنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 – بۆلىمىنى چۈشەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر