قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (10)

تۆۋەندە سۈرە ئال ئىمراننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

690519
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (10)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە بەقەرەنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە ئال ئىمراننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئال ئىمران ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە «ئىمران ئائىلىسى» تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇ ئىسىم ئالامەت ئورنىدا بۇ سۈرىگە قويۇلغان.   

نازىل بولغان ۋاقتى ۋە مەزمۇنى:

بۇ سۈرە تۆت بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈم سۈرىنىڭ 1 ـ رۇكۇسىدىن[1]  باشلىنىپ، 4 ـ رۇكۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايىتىگە قەدەر (يەنى 32 ـ ئايىتىگە قەدەر) داۋام قىلىدۇ. بۇ بۆلۇم ئاساسەن بەدىر ئۇرۇشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا نازىل بولغان ئىدى.

ئىككىنچى بۆلۈم «إِنَّ اللّهَ اصْطَفَى آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ»«ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ۋە ئىمران ئەۋلادىنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلىپ، پەيغەمبەرلىككە تاللىدى» دېگەن 33 ـ ئايەتتىن باشلىنىپ، تاكى 6 ـ رۇكۇ تۆگىگەنگە قەدەر (يەنى، 63 ـ ئايەتكە قەدەر) داۋاملىشىدۇ. بۇ بۆلۇم ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلى نەجران ئۆمەكلىرى كەلگەن پەيتتە نازىل بولغان ئىدى.

ئۈچىنچى بۆلۈم 7 ـ رۇكۇنىڭ بېشىدىنلا باشلىنىپ، 12 ـ رۇكۇنىڭ ئاخىرغىچە (يەنى 120 ـ ئايەتكىچە) داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ئالدىنقى بۆلۈم بىلەن ئۇلۇشۇپ كەلگەندەك مەلۇم بولىدۇ.

تۆتىنچى بۆلۈم 13 ـ رۇكۇدىن باشلىنىپ، سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇ ئوھۇد ئۇرىشىدىن كىيىن نازىل بولغان ئىدى.

خىتاب ئوبېكتى ۋە مەزمۇنى:

مەقسەد ۋە مۇددىئانىڭ مەزكىزىي مەزمۇن بىلەن بولغان بىردەكلىكى بۇ ھەر قايسى ئوخشاش بولمىغان بۆلۈملەرنى بىر مەزمۇنغا تۇپلىغان. ئال ئىمران سۈرىسىدە قىلىنىۋاتقان خىتاب ئاساسەن ئىككى خىل تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بىرى، ئەھلى كىتابلار (يەنى، يەھۇدى ۋە ناسارالار). يەنە بىرى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمگە ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمانلار ئىدى. بىرىنچى خىل تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن سۈرە بەقەرەنىڭ مېتودىغا ئوخشاش مېتود  بىلەن تەبلىغ قىلىنغان ھەم ئۇلارنىڭ ئېتىقادىي ئازغۇنلىقىغا ۋە ئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «بۇ پەيغەمبەر ۋە قۇرئان كەرىم، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىڭلار سېلەرنى چاقىرغان دىنغا يەنى، ئاللاھنىڭ تەبىئىي قۇنۇنىغا ئۈيغۇن بىرلا ھەق دىنغا چاقىرماقتا. بۇ دىننىڭ توغرا يولىدىن چىقىپ، مەيلى قانداقلا يولنى تاللىماڭلار، ئۇ، سىلەرنىڭ ئاتالمىش «ساماۋىي كىتاب»لىرىڭلارنىڭمۇ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا سىلەر ئۆزەڭلارمۇ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايۋاتقان بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىڭلار» دېيىلگەن.

ئاندىن ئەڭ ئېسىل ئۈممەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھەققانىيەتنىڭ بايراقدارلىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىسلاھاتچىلىرى بولغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە بولسا، سۈرە بەقەرەدە بېرىلگىنىگە ئوخشاش تەلىماتلار داۋاملاشقان. ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئىبرەتلىك ھالدا زۇۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى سۈرەتلەپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ساغلام، ياخشى جامائەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن زادى نېمىلەرنى قىلىش لازىملىقى، ئاللاھنىڭ ھەق دىنىنىڭ يولىغا تۇسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان ئەھلى كىتاب، مۇناپىق قاتارلىقلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەكلىكى ئېيتىپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوھۇد ئۇرۇشىدا كۆرۈلگەن ئۆز ئاجىزلىقلىرىغىمۇ دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىۋېلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

دېمەك بۇ سۈرە ھەرقايسى ئوخشاشمايدىغان بۆلۈملىرى بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالدىنقى بەقەرە سۈرىسى بىلەنمۇ شۇنچە يىقىن مەزمۇن مۇناسىۋېتىگە ئىگە بولغانكى، گۇيا بۇ ئۇنىڭ تۇلۇقلىمىسىدەك مەلۇم بولىدۇ ھەمدە بۇ سۈرىنىڭ ئورنى تەبېئىي ھالدا بەقەرە سۈرىسىنىڭ داۋامىدەك بىلىنىدۇ.

*** *** **** **** *** **** *** **

نازىل بولۇش سەۋەپلىرى:

1 ـ ھەق دىنغا ئىمان كەلتۈرىگۈچىلەرگە سۈرە بەقەرەدە ئالدىن ئەسكەرتىلگەن جاپا ـ مۇشەققەت، ئېغىر سىناقلارنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ شىددەتلىك تۈستە روياپقا چىقىپ بولغان ئىدى. مۇسۇلمانلار گەرچە بەدىر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش خۇددى ھەرىنىڭ كۆنىكىگە تاش ئاتقانغا ئوخشايتى. چۇنكى بۇ تۇنچى قېتملىق قۇراللىق توقۇنۇش ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان پۈتۈن ئەرەب كۈچلىرىنى قاتتىق چۆچۈشكە سالغان ئىدى. ھەممە تەرەپتىن ئاپەتنىڭ شەپىلىرى كېلىشكە باشلاپ، مۇسۇلمانلارنى قورقۇنچ ۋە بېئاراملىقلار چىرمىۋالغان بولۇپ، گويا مەدىنە ئۆزىنىڭ كېچىككىنە بىر رايۇنلىقىغا باقماي، ئەتراپتىكى پۈتۈن دۇنيا بىلەن جېدەل ـ ماجرا قىلىشنى سېتىۋالغاندەك، نەتىجىدە دۇنيادىن پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلىنىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ۋەزىيەت مەدىنىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە ئىدى. ئىلگىرى ئاھالىسى بىر قانچە يۈزدىن ئاشمايدىغان مەدىنىگە بىردىنلا شۇنچە كۆپ مۇھاجىرلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق يوقالغاننىڭ ئۈستىگە، ئەمدىكى بۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىمۇ ئۇلارغا خېلى چوڭ ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالغان ئىدى.

2 ـ ھىجرەتتىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە يەھۇدىيلار ئەمەل قىلمىدى. بەدىر ئۇرىشىدىمۇ بۇ ئەھلى كىتابلارنىڭ پۈتۈن ھېسداشلىقى تەۋھىد، ئاخىرەتكە، كىتاب ۋە پەيغەمبەرلىككە ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمانلار تەرەپتە بولماستىن، بەلكى دەل بۇتقا چوقۇنغۇچى مۈشرىكلەر تەرەپتە بولۇپ كەلدى. بەدىر ئۇرىشىدىن كىيىن ئۇلار ئوچوق ـ ئاشكارا ھالدا قۇرەيش ۋە باشقا ئەرەپ قەبىلىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، قىساس ئېلىشقا قىززىقتۇرۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بەنى نەسىر قەبىلىسىنىڭ سەردارى كەئىب ئىبنى ئەشرەف بۇ نۇقتىدا چەكتىن ئېشىپ، قارىغۇلارچە ئۆچمەنلىك قىلىشتا رەزىللىكىنى راسا كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا مەدىنىلىكلەر بىلەن ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق ۋە خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ قىلچە ئېتىبارغا ئېلىپ قويمىدى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشلىرى بىلەن ئىپلاس پائالىيەتلىرى قەتئىي چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدىر ئۇرۇشىدىن بىر قانچە ئاي كىيىنلا يەھۇدىي قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ ناچارراقى بولغان بەنى قەينۇقا قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەدىنە تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئەمما بۇ ۋەقە سەۋەبلىك باشقا يەھۇدىي قەبىلىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچ ـ ئاداۋېتى تېخىمۇ ئۇلغايدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەدىنە مۇناپىقلىرى بىلەن ۋە ھىجازغا تەۋە باشقا مۇشرىك قەبىلىلەر بىلەن ئېغىز ـ بۇرۇن يالىشىپ، ئىسلامغا جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەر تەرەپلىمە خىيىم ـ خەتەرلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا شۇ تۇپەيلى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قاچان سۈيقەست قىلىنىپ قالار؟» دەيدىغان خەۋپمۇ بارلىققا كەلدى. شۇڭا ساھابە كىراملار ئەشۇ دەۋرلەردە قىلىچنى يېنىدىن ئايرىماي ئوخلايدىغان، كىچىلىك تۈيۈخسىز ھۇجۇملاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۇزەتچىلىك قىلىدىغان بولدى. ناۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر دەملىك كۆزدىن غايىپ بولۇپلا قالسا، بارلىق ساھابىلەر جىددىيلىشىپ، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.

3 ـ مەككىلىكلەرنىڭ ئىنتىقام ئوتى بەدىر ئۇرىشىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن تېخىمۇ ئۇلغايغان بولسا، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا ياغ چاچماقتا ئىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە دەل بىر يىلدىن كىيىنلا مەككىلىكلەر ئۈچ مىڭ كېشىلىك كۈچلۇك قوشۇن بىلەن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئۇھۇد تېغىنىڭ ئېتىكىدە "ئۇھۇد ئۇرۇشى" دەپ ئاتالغان مەشھۇر ئۇرۇش يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن مەدىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە مىڭ كىشى يولغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما يېرىم يولدا 300 مۇناپىق تۇيۇخسىز سەپتىن ئايرىلىپ قىلىپ، پەقەت 700 كىشى قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىر ئۇچۇم مۇناپىقلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇرۇش پەيتىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە تۇغدۇرۇشنى مەخسەت قىلىشاتتى. بۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۆز قوينىدا، نەقەدەر كۆپ يىلان ـ چايانلارنىڭ يوشۇرۇنىۋالغانلىقىنى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆز قىرىنداشلىرىغا قانداقلارچە زىيان سالماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەن تۇنجى پۇرسەت بولۇپ قالغان ئىدى.

4 ـ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىشىغا گەرچە مۇناپىقلارنىڭ ھېلە ـ مىكىرلىرى كۈچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئوينىغان رولىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايتتى. شۇنىسى ئىنىقكى، ئايرىم پىكىر، ئايرىم ئەخلاق تۈزىلمىسى ئاساسىدا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن، ئەخلاقىي تەربىيە جەھەتتىمۇ تېخى تاكامۇللىشىش باسقۇچىغا يەتمىگەن ھەمدە ئېتىقاد، ئەقىدىسىنى قوغداش يولىدا تېخى ئەمدىلا ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ھەر قانداق جامائەتتە بىر قىسىم كەمچىللىكلەرنىڭ بولىشى تەبېئىي ئەھۋال ئىدى. شۇڭا ئۇرۇشتىن كىيىن جەڭنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتىنى ئالاھىدە خۇلاسىلاپ، يەكۈنلەپ بېرىش، مۇسۇلمانلاردا كۆرۈنگەن كەمچىللىكلەرنى ئىسلامنىڭ نۇقتىينەزىرى بويىچە بىر ـ بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىش مۇھىم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قارىتا خۇلاسە چىقىرىپ، ئىزاھلاپ ئۆتۈش ئۇسۇلىنىڭ ھازىرقى دۇنيا گېنېراللىرى ئۆز ئۇرۇشلىرى ھەققىدە چىقىرىۋاتقان يەكۈنلەردىن نەقەدەر پەرقلىق ئىكەنلىكىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.  (داۋامى بار....)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلۈمىدە سۈرە نىسانىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈىشى، مەزمۇنى ۋە  نازىل بولۇش سەۋەپلىرى نازىل بولغان ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.


[1]   ھەر ئون ئايەت بىر رۇكۇ ھېسابلىنىدۇ

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر