بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

ئەڭ ياخشى زاد ـ راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

670356
بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بەقەرە سۈرىسى، 188 – 197 – ئايەتلەر. بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار[188]. (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». (جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل (ئىگىسى) دۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[189]. سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[190]. ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) (ئۇلار ھەرەمدە بولسۇن، باشقا يەردە بولسۇن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا بولسۇن) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن (يەنى مەككىدىن) چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ[191]. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[192]. تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ[193]. (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تەڭ ـ باراۋەردۇر( يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئېلىش يۈزسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق). بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر[194]. ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[195]. ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[196]. ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد ـ راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد ـ راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[197].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر