ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

ئاللاھ بىر ئىنساننى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنى دوستى سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا، ئۇ كىشىگە پۈتكۈل دۇنيا دۈشمەن بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

667955
ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىراقنىڭ ئۇر يېزىسىدا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر بوۋاق دۇنيا كېلىدۇ. ئىبراھىم ناھايىتى تاتلىق، كۆڭلى يۇمشاق ۋە ناھايىتى زېرەك  چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ بۇ تاتلىق ۋە زېرەك بالىغا كىچىك ۋاقتىدىلا نۇرغۇن ئالاھىدىلىك ئاتا قىلغانىدى.

ناھايىتى ئەقىللىق بولغان ئىبراھىم يېشى چوڭايغانسېرى زېمىندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ۋە كائىناتنى كىمنىڭ ياراتقانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشى ۋە ھەقىقەتنى تېپىش ئىستىكى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى.

  بىر كېچىسى ئاسمانغا نەزەر سالغىنىدا كۆزىگە ناھايىتى چوڭ ۋە چاقناپ تۇرغان  بىر يۇلتۇز چېلىقىدۇ. بۇ يۇلتۇز ناھايىتى چىرايلىق چاقنايتتى. شۇ سەۋەبلىك ئىبراھىم «ئەھۋالدىن قارىغاندا مېنى ۋە كائىناتنى ياراتقان مۇشۇ يۇلتۇز بولسا كېرەك، مېنىڭ پەرۋەردىگارىممۇ مۇشۇ بولسا كېرەك؟» دەپ ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلايدۇ.

ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا يۇلتۇزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ئىبراھىم: «مەن ئۆچۈپ يوقاپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەيدۇ.

ناھايىتى ئەقىللىق بولغان ئىبراھىم نۇرىنى ساقلىيالمىغانلىقتىن پېتىپ ئۆچۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگار بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى.

 ئىبراھىم قايتىدىن رەببىنى ئىزدەشكە تۇتۇش قىلغىنىدا، زېمىندا ناھايىتى چوڭ ۋە پارىلداپ چاقناپ تۇرغان ئاينى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاي ناھايىتى گۈزەل ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇزدىن چوڭ بولۇپ، تېخىمۇ بەك چاقنايتتى. بۇنى كۆرگەن ئىبىراھىم ھاياجانلانغان ھالدا: «مېنىڭ ياراتقۇچۇم مۇشۇ!»دەيدۇ. قۇياش چىققاندا ئايمۇ پېتىپ غايىپ بولغانىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئىبراھىم يەنە: «مەن بۇنداق يېتىپ غايىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەيدۇ.

ئەمدى نۆۋەت نۇرلىرى بىلەن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان قۇياشقا كەلگەنىدى. قۇياش نۇر ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن ئاي ۋە يۇلتۇزغا قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەل ئىدى. ئىبراھىم قۇياش ھەققىدىمۇ ئوخشاش پىكىرنى قىلىشقا باشلايدۇ. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ناھايىتى چوڭ كۆرۈنگەن قۇياش تاغنىڭ كەينىدە غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئىبراھىم ئۆز - ئۆزىگە: «پېتىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن، مەن جەننەتنى ۋە دۇنيانى ياراتقان قۇدرەت ئىگىسىگە يۈزلىنىمەن ۋە مەنىلىك ھايات ئۆتكۈزىمەن، مەن بۇتقا چوقۇنغۇچىلاردىن بولمايمەن. مېنىڭ رەببىم كائىناتتىكى نەرسىلەرگە قەتئىي ئوخشماسلىقى كېرەك ۋە ھەر نەرسىنى يارىتالايدىغان قۇدرەتكە ۋە ئىلىمگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇ يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئۆچۈپ كەتمەسلىكى، ئاي ۋە قۇياشقا ئوخشاش پېتىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دەيدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيىھسسالام ياراتقۇچىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. چۈنكى شامال ۋە ئەقىل مەۋجۇد بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرگىلى بولمىغانغا ئوخشاش، پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان قۇدرەت ئىگىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىش ھەقىقەتەن بىمەنە ۋە كۈلكىلىك ئىش ئىدى. ئۇ شۇنداق قىلىپ مەۋجۇدلۇقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن رەببىنى تاپقان ئىدى.

دېمەك، ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە تەپەككۇر قىلالايدىغان بىرى رەببىنى تاپالايتتى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئىنسانلار تاش ۋە لايدىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇناتتى. ناھايىتى زېرەك بولغان ئىبراھىمنىڭ كىچىك چېغىدىمۇ بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئەقلىدىن پەقەتلا ئۆتمەيتتى ۋە ئۆز - ئۆزىدىن مۇنداق سوئال سورايتتى: «بۇ ئىنسانلار نېمىدېگەن ئەخمەق ۋە ئەقىلسىز. قەتئىي گەپ قىلالمايدىغان، ھەرىكەت قىلمايدىغان تاشتىن ياسالغان تەڭرىمۇ بولامدۇ؟»

ئىبراھىم ئەلەيىھسسالام ئاتىسى ئازەر پادىشاھ نەمرۇتنىڭ بۇتلىرىنى تازىلاشقا مەسئۇل خادىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ئۆزىنىمۇ تازىلاشتىن ئاجىز بۇتلارغا چوقۇناتتى. ئىبراھىم ئاتىسىدىن نېمە ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان تاشتىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئاتىسى ناھايىتى ئاچچىقلانغان ئىدى.

بىر كۈنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسى ئازەر بىلەن باشقا ئاھالىلەر مەھەللىدە يوق ۋاقتىدا، قولىغا پالتا ئېلىپ بۇتلار يىغىلغان ئىبادەتخانىغا كىرىپ، چوڭ بۇتتىن باشقا بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چوڭ بۇتنى چاقماي مەقسەتلىك تاشلاپ قويىدۇ.

خەلق مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ ئىبادەتخانىدىكى بۇتلارنىڭ پاچاقلانغان ھالەتتە يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئالاقزادە بولۇشۇپ، ئىبراھىمدىن نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سورىشىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆڭلىگە پۈككىنىدەك، ئۇلارغا:

_ مەندىن سورىماي، ئەڭ چوڭ بۇتتىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە جاۋاب بېرىپ قالار؟- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.  ئۇلارمۇ ئىختىيارسىز ھالدا:

_ تاشتىن ۋە لايدىن ياسالغان جانسىز بۇتلار قانداقلارچە بىزگە جاۋاب قايتۇرالايدۇ؟- دېيىشىدۇ. بۇ جاۋابنى كۈتۈپ تۇرغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇستىلىق بىلەن:

_ ئۇنداقتا، ھەرىكەت قىلالمايدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھەتتا گەپ قىلالمايدىغان بۇ نەرسىلەرگە نېمىشقا چوقۇنىسىلەر؟- دەپ سورايدۇ.

 ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان ھەقىقەتنى چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ ئادەملەر ئىبراھىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەبلىنىدۇ. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ بۇ گېپىنى ئېقىتماي - تېمىتماي پادىشاھقا خەۋەر قىلىدۇ. نەمرۇت شۇنچىلىك غەزەپلىنىدۇكى، دەرھال ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

نەمرۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تىرىك كۆيدۈرۈۋېتىشنى ئەمر قىلىدۇ. ئۇ چوڭ ئورەك كولاتقۇزۇپ ئىچىگە ئوتۇن سالدۇرىدۇ. ئىنسانلار بۇ ئورەكنى توشقۇزۇش ئۈچۈن ئۈچ ئاي ئوتۇن يىغىدۇ. كەينىدىن بۇ ئوتۇنلارنى قالاپ، ئوتتىن تاغ پەيدا قىلىدۇ. نەمرۇت ئىبراھىمنى جىمى خەلقنىڭ ئالدىدا سازايى قىلىش مەقسىتىدە خەلقنى ئىبراھىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە شاھىت بولۇشقا چاقىرىدۇ.

 ھاۋاغا شىددەتلىك ئوت يالقۇنلىرى يۈكسىلەتتى، ئوت يالقۇنلىرى ئېغىزلىرىنى ئېچىپ ئىبراھىمنى يۇتۇشقا ئۇرۇنغان دىۋىلەرگە ئوخشايتتى. بىراق ئىبراھىم قىلچىمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئىبراھىم ئەلەيىھىسسالام ئاللاھقا چىن قەلىبىدىن ئىشىنەتتى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەتتى.

ئوت شىددەتلىك كۆيۈۋاتاتتى، نەمرۇتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لەشكەرلەر ئەينى زاماندىكى ئۇرۇشلاردا دۈشمەنگە قارىتىپ تاش ئاتىدىغان ۋە نامى مەنجىنىق دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇش سايمىنى بىلەن ئۇنى يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئۈستىگە ئېتىشىدۇ. بىراق ئاللاھ «خېلىلىم» يەنى «دوستۇم» دېگەن ئىبراھىمنى قوغدايتتى. جىمى مەخلۇقاتنى ياراتقان ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئاللاھ ئوتقا: «ئەي ئوت! ئىبراھىمنى كۆيدۈرمە، ئۇنىڭغا سالقىنلىق ئاتا قىلىپ سايە بولۇپ بەرگىن» دەپ ئەمر قىلىدۇ.

  شۇنداق قىلىپ، ناھايىتى چوڭ مۆجىزە ئىشقا ئاشىدۇ، ئوت ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى سالقىندىتىپ، ئامانلىق يېرى بولۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ.

كىشىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ بولدى، دەپ چۆچۈرنى خام ساناپ يۈركەنىدى. بىراق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوت ئىچىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ياقىلىرىنى چىشلىشىپ قالىدۇ.

ئۇلار شۇنچىلىك قورقۇپ كېتىدۇكى، نېمە دېيىشنى ۋە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي، ئۇزۇنغىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىشىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان ئوتتىن قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە چىقىپ كېلىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ بىر ئىنساننى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنى دوستى سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا، ئۇ كىشىگە پۈتكۈل دۇنيا دۈشمەن بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى يېگانە مۇھاپىزەتچىسىدۇر، ھاميسىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر