نامازنى زايا قىلىش

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (04)

660523
نامازنى زايا قىلىش

 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان لاياقەتسىزلەر نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار پات ئارىدا ئازغۇنلۇقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»  دەيدۇ.(سۈرە مەريەم 59- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «نامازنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر نۇر، بىر دەلىل ۋە نىجاتلىق بولىدۇ» دەيدۇ.  (ئىبنى ھەنبەل)

ئەزىز قېرىنداشلار ئاللاھ تائالا مەريەم سۈرىسىدە ھەزرەتى ئىدرىس، ھەزرەتى نۇھ، ھەزرەتى ئىبراھىم، ھەزرەتى ئىسمائىل، ھەزرەتى ئىسھاق، ھەزرەتى ياقۇب، ھەزرەتى مۇسا، ھەزرەتى ھارۇن، ھەزرەتى زەكەرىيا، ھەزرەتى يەھيا ۋە ھەزرەتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تەۋھىد كۈرەشلىرىنى بىر بىرلەپ چۈشۈندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قانداق ئازغۇنلۇققا پاتقانلىقىنى يۇقىرىدا بىز ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتتە: «ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان لاياقەتسىزلەر نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار پات ئارىدا ئازغۇنلۇقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» (سۈرە مەريەم 59- ئايەت) دەپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

دېمەك، ئەزىز قېرىنداشلار، ھەر قانداق مۆئمىننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تارتىدىغان زېيىنى نامازنى زايا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ناماز رەببىمىزگە بولغان تەسلىمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئۆزگىچە ئىپادىلىرىدىن بىرسىدۇر.

ناماز؛ ئاللاھنىڭ ھۇزرۇغا بارغانلىق ۋە ھوزۇرىدا تۇرغانلىقتۇر.

ناماز؛ مۆئمىنگە نىسبەتەن ئالاھىدە سىغىنىش بىلەن كۈتىدىغان ۋىسالغا يېتىشتۇر. ھەر كۈنى 5 قېتىم رەببى بىلەن ئۇچرىشىشتۇر.

بۇ ئۇچرىشىشنىڭ باشلىنىشىدا ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنىڭ تەستىقى بولغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن سۆز، يەنى باشلانغۇچ تەكبىرى ئوقۇلىدۇ. قوللىرىمىزنى قۇلاقلىرىمىزغىچە كۆتۈرگەنلىكىمىز بولسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەممە نەرسىلەردىن قول ئۈزۈپ، ئارقىمىزغا چۆرۈپ تاشلىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. قىيامدا تۇرۇش، ئاللاھقا يۈزلەنگەنلىكىمىزنىڭ ۋە توغرا يولدا مەھكەم تۇرىشىمىزنىڭ سېمۋولىدۇر. قىرائىتىمىز بولسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئاللاھقا نىدا قىلغانلىقىمىزدۇر. رۇكۇ ۋە سەجدە، ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىكىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىدۇر. ئاندىن ئىككى يېنىمىزغا بېرىدىغان سالامىمىز، ھەم ئۆزىمىز ئۈچۈن، ھەم مۇرىنى مۇرىگە، قەلبنى قەلبكە تېرەپ، بىر سەپتە تۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن سائادەت ۋە خاتىرجەملىك تېلىگەنلىمىزدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە نامازنى ياخشى كۆرىدىغان مۆئمىنلەر قانچىلىك مەدھىيەگە لايىق كۆرۈلگەن بولسا، نامازنى تەرك قىلغانلارمۇ شۇنچىلىك قاتتىق تەنقىد قىلىنىدۇ. نامازلىرىنى ھەققىگە يارىشا ئادا قىلغانلار قانداق ئۇلۇغلىنىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن بولسا، ئۆزلىرىنى بۇ كاتتا نېئمەتتىن مەھرۇم قىلغانلارمۇ يەنە شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. نامازلىرى بىلەن مەدھىيەگە، خۇشخەۋەرگە ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغانلار قۇرئاندا، «ئۇلار نامازنى داۋاملاشتۇرغۇچىلاردۇر. نامازلىرىنى ھەقىقىي رۇھىغا ئۇيغۇن قىلىدىغان، نامازنىڭ قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان مۆئمىنلەردۇر» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھەدىسلەردە ئۇلارنىڭ نامازنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مېراچ بىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپىدە: «نامازنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر نۇر، بىر دەلىل ۋە نىجاتلىق بولىدۇ» دەپ تەرىپلەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار قۇرئان كەرىمدە يەنە، ناماز قىلىدىغان تۇرۇقلۇق تەنقىد قىلىنىدىغانلارمۇ بار. قۇرئاندا ئۇلار «نامازلىرىغا ھورۇنلۇق قىلىدىغانلار، نامازلىرى ئۇلارنى يامانلىقلاردىن توسۇپ قالالمىغان كىشىلەردۇر» (يەنى،  نامازلىرىنى چىن يۈرەكتىن سەمىمي بىر شەكىلدە قىلمايدىغان كىشلەردۇر. نامازلىرىغا رىيا ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش ئارىلىشىپ قالغانلاردۇر) دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇلار قۇرئاندا يەنە، نامازلىرىنى ئاللاھتىن قورققان ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن ھالدا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئېغىر كېلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، نامازنىڭ بىر جاپا ئەمەس، بەكلى كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىگە دائىر ئاڭدىن مەھرۇملىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا نامازنىڭ گۈزەل مەنپەئەتلىرىدىن ئۆزلىرىنى مەھرۇم قىلغانلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەن چېغىدا مۇناپىقلار ۋە ئىنكارچىلاردىن سۆز قىلىدۇ. «ئۇلار نامازدىن يۈز ئۆرىگۈچىلەردۇر. نامازنى دائا قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىدىغانلاردۇر. ھەتتا ئۇلار نامازنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغانلاردۇر، (يەنى، نامازغا دەۋەت قىلىنغاندا مەسخىرە قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ سىمۋۇللىرىنى ئاددى چاغلايدىغانلاردۇر)» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ.

قىسقىسى، بىز نامىزىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلا بولساق، نامازمۇ بىزنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بىز نامازنى قوغدايدىغانلا بولساق، نامازمۇ بىزنى قوغدايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى نامازدىن ئاياپ ئولتۇرمىساقلا نامازمۇ بىزدىن ساخاۋىتىنى ھەرگىز ئايىمايدۇ. بىز نامازنى ئۇلۇغلايدىغانلا بولساق، نامازمۇ بىزنىڭ مەرتىۋېمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۇشىتىن ھەرگىز چېكىنمەيدۇ. بىز نامازدىن ئۇزاقلاشمىساقلا، نامازلىرىمىزمۇ بىزدىن ئۇزاقلاشمايدۇ ۋە بىزلەرنى رەببىمىزنىڭ يېقىنلىقىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ.

شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ بىزلەر بۈگۈنكى كۈندە ھاياتنىڭ ئېقىشىغا ئۆزىمىزنى تاشلىۋېتىپ، نامازلىرىمىزنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان، ھەتتا تاشلاپمۇ قويىدىغان بولۇپ قىلىۋاتىمىز. ۋەھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئەڭ پەزىلەتلىك نامازنىڭ ۋاقتىدا ئادا قىلىنغان ناماز ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق مۇئەززىنى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «تۇر ئەي بىلال! بىزنى ناماز بىلەن شاتلاندۇرغىن» دېيىش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ھارغۇنلۇقىنى ناماز ئارقىلىق يېنىكلىتىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. ناماز بىلەن شاتلىنىشنى ۋە ھوزۇر تېپىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! قېنى ئۇنداقتا كېلىڭلار! ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆزىمىزدىن مۇنۇ سوئاللارنى سوراپ باقايلى!

ئەجىبا بىز نامازلىرىمىزغا ۋە نامازلىرىمىزمۇ بىزگە ئىگە چىقىۋاتامدۇ؟

كېچىكتۈرگەن ۋە ئۆتكۈزۋەتكەن نامازلىرىمىزنىڭ نادامىتى يۈرىكىمىزنى پۇچىلاۋاتامدۇ؟

نامازلىرىمىز بىزنى رەببىمىزنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈزىدىغان ۋىسال كۆۋرۈكى بولالىدىمۇ؟

ئەجىبا نىيىتىمىز بىزنى ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئىگە قىلىدىغان ئەخلاقىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەھدىنامىسگە ئايلىنالىدىمۇ؟ 

ئەجىبا نامازلىرىمىزنى بىز ئۆزىمىزنى يامانلىقلاردىن قوغدايدىغان قالقىنىمىز قىلالىدۇقمۇ؟

ئەزىز قېرىداشلار! مېھرىبان ئاللاھۇ سوبھانەھۇ ۋەتەئالا بىزلەرنى نامازلىرى بىلەن ئۇلۇغ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن!

بىزلەرنى نامازلىرى بىلەن تونۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىدىغان، ناماز ئارقىلىق ئەبەدىي نېمەتلەرگە سازاۋەر بولىدىغان بەختىيارلاردىن قىلسۇن، ئامىن!!!    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر