فاتىھە سۈرىسى، 1 - 7 - ئايەتلەر
(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
636052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر[2]. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر[3]. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر[4]. (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز[5]. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن[6]. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)[7].