تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە پاسىپورت يىغىۋېلىنىش مەسىلىسى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە پاسىپورت يىغىۋېلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئانالىزى

620155
تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە  ئۇيغۇر ئېلىدە پاسىپورت يىغىۋېلىنىش مەسىلىسى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىن چاقىرىپ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىشى تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، ياۋروپانىڭ بۇ قارارىغا تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەڭ خەلق بولۇپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. تۈركىيە بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىرى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە مۇشۇنداق قارار بېرىشىدە رول ئوينىغان ئامىللار قايىسلار؟ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىن مۇشۇنداق بىر جاۋابقا ئېرىشىشى تۈركىيەنى قايسى يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىتتىرىپ قويۇشى مۇمكىن؟

ئۇيغۇر رايونىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى پاسپورت بېرىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئېچىۋەتكەنىدى. بۇ يىل بولسا بېرىلگەن پاسىپورتلارنى قايتۇرۇپ ئېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق تۇراقسىز سىياسىتى نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟

بۇ مەسىلىلەرنىڭ يورۇتۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پىروگراممىمىزنىڭ مېھمىنى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قىممەتلىك پىكىر ۋە ئانالىزلىرىغا مۇراجىئەت قىلىمىز. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر