ئىسھاق پاشا سارىيى، دوغۇبەيازىت

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدىن ئاغرى تېغى ئېتەكلىرىگە جايلاشقان «ئىسھاق پاشا سارىيى»نى تونۇشتۇرىمىز.

613722
ئىسھاق پاشا سارىيى، دوغۇبەيازىت

ئىسھاق پاشا سارىيى، دوغۇبەيازىت

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (46)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدىن ئاغرى تېغى ئېتەكلىرىگە جايلاشقان «ئىسھاق پاشا سارىيى»نى تونۇشتۇرىمىز.

دۇغۇ بەيازىت؛ تۈركىيەنىڭ ئىران ۋە ئەرمېنىيە چېگراسىغا جايلاشقان شەرقىي قىسمىدىكى ناھىيەمىز بولۇپ، بۇ يەرگە يېقىنلاشقىنىڭىزدا سىزنى 80 كېلومىتېر ئۇزاقلىقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاغرى تېغى (ھەممىگە تونۇشلۇق ئىسمى بىلەن ئارارەت تېغى) قارشى ئالىدۇ. تەۋراتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدىكى ھايۋانلار بىلەن مۇشۇ يەردە قۇرۇغلۇققا چىققانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى دەپمۇ بىلىنىدىغان نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ جايدىن ئاستا - ئاستا پۈتۈن دۇنياغا تارالغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بولسا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرۇغلۇققا چىققان جايىنىڭ شىرناقتىكى جۇدى تېغى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ.

ئاغرى تېغىنىڭ 3 تەرىپىدە 3 ئولتۇراق رايون بار. بۇلاردىن بىرسى ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋان، قالغان ئىككىسى مەملىكىتىمىزدىكى ئىغدىر ۋە دۇغۇبەيازىت ناھىيەمىزدۇر. بۇ ئۈچ ئولتۇراق رايوننىڭ مەركىزى پۈتۈن كۈن ۋە پۈتۈن يىل قار – مۇز بىلەن قاپلانغان، ھەر دائىم ئۈستىدىن بۇلۇت كەتمەيدىغان ئاجايىپ گۈزەل تاغلىق مەنزىرىسىگە ئىگە.

** ** ** ***** ** **** ***** ****

بۇ رايون تارىخ بويىچە رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن قېتىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرغان ئىدى. موڭغۇللارنىڭ ئانادولۇغا كېلىپ يەرلەشكەن جەمەتى ئىلخانلىلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن رايون ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتتى. ئاندىن رەت بويىچە ئاققويۇنلۇ ۋە قاراقويۇنلۇ تۈركمەن دۆلەتلىرىنىڭ كونتېروللۇقىغا كىردى. ئوسمانلى ئىمپېراتورى فاتىھ ۋە ياۋۇز سەلىم دەۋرىدە مەزكۇر ھەر ئىككى ھاكىمىيىەتنى يېڭىپ، چالدىران ئۇرۇشى ئارقىلىق رايوندا بۈگۈنكى قەدەر داۋاملاشقان  تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى تىكلەندى. دۇغۇبەيازىت ناھىيەمىز ئوسمانلى ئىپېرىيەسىگە قاراشلىق يەرلىك بىر تۈركمەن جەمەتى ھېسابلىنىدىغان چىلدىرئوغۇللىرىنىڭ سانجاق بەگلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جاي ئىدى. بۇ يەردىكى ئىسھاق پاشا سارىيى دوغۇبەيازىت تېغىنىڭ گۈزەللىكىگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشىدۇ. دوغۇبەيازىت ناھىيەمىزدىن ئۆتۈپ، ئازراق يۇقىرىغا ماڭغاندىن كېيىن يالچىنتەپەدىكى ئىسھاق پاشا سارىيىغا يېتىپ بارىسىز. يول ئەگىملىرىدىن ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ساراينىڭ قالتىس تاش ئويمىچىلىق ھۆنەر - سەنئەتىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز.

ئوسمانلىنىڭ يەرلىك بەگلىكلىرىدىن بىرسى بولغان بۇ جەمەتنىڭ ئاتاقلىق بەگلىرىدىن ئىسھاق پاشا سارىيى، چىلدىرئوغۇللىرى جەمەتىدىن 2 – ئىسھاق پاشا ۋە چولاق ئىسھاق پاشا تەرىپىدىن 1685 – يىلى ياسالغان ئىدى. ساراي 1784 – يىلى ھازىرقى ئەڭ ئاخىرىقى تۈسىنى ئالدى. سەلجۇقىي، ئوسمانلى ۋە ئىراننىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرەلەيسىز. كەسمە تاشتىن ياسالغان بۇ سارايغا شەرق تەرىپىدىكى چوڭ تارىخىي دەرۋازىسىدىن كىرگىلى بولىدۇ. ئويما سەنئىتى ۋە زىننەتلىرى سىزگە سەلجۇقىيلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ جاي رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان چاغدا ئالتۇن دەرۋازىسى قومۇرۇلۇپ، غەنىمەت سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم سېن پېتېرسبورگتىكى ھەرمىتاگە مۇزىيىدا كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئالتۇن دەرۋازىنىڭ ئۆز ئورنىغا قايتىشىغا ئىشىنىمىز.

**** **** *** **** **** *****

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرى جەريانىدا ھويلىسىنىڭ ئۈستى يېپىق بۇ ساراينىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى تۇپەيلى تەسىرگە ئۇچرىغان ۋە بۇزۇلغان جايلىرى ئەسلىگە ئۇيغۇن تۈسگە كىرگۈزۈلدى. ھويلىغا كىرگىنىڭىزدە ھەشەمەتلىك بىر جامە سىزنى قارشى ئالىدۇ.  ھويلىدا بىرىنچى بولۇپ ساراينىڭ كېچىكلىتىلگەن شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەقبىرە دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن بۇ مەقبىرە ساراي خوجايىنلىرىغا ئائىت بولۇپ، مەقبىرىنىڭ يېنىدىكى دەرۋازىدىن ساراينىڭ مېھمانخانىسىغا كىرىسىز. تولىمۇ كەڭ – كوشادە ياسالغان بۇ مېھمان ئۆيىدە مەرمەر تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان 3 ھىلال سىزگە ئوسمانلىنىڭ ئىزنالىرىنى ئەسلىتىدۇ. ھويلىدىن شەرق تەرەپكە ئۆتكىنىڭىزدە ساراينىڭ ھەرەم قىسمىغا يېتىپ بارىسىز. ساراي خۇددى ھامماملارغا ئوخشاش يەر ئاستىدىن ئىسسىق سۇ ۋە ھورنى ماڭغۇزۇش ئارقىلىق ئىسسىتىلىدۇ. سارايدا ئەۋرەز سىستېمىسىمۇ بار. غەرب دۇنياسىدىكى ئاتاقىلىق «لاۋرە سارىيى»دا ھاجەتخانا بولمىغان ئەشۇ دەۋرلەردە ئۇنىڭدىن خېلىلا كېچىك بىر سارايدا يەر ئاستى ئەۋرەز سىستېمىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى، ئوسمانلىنىڭ ئەينى چاغدا مەدەنىيەت جەھەتتە غەربتىن نەقەدەر ئىلغار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئىسھاق پاشا سارىيى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بىر قەلئە بولۇپ، خەۋپلىك ئەھۋاللادا ساراينىڭ ئۇدۇلىغا ياسالغان قەلئەگە ئىككى قىيالىق ئوتتۇرىسىغا ياسالغان ئاسما كۆۋرۈك ئارقىلىق ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئاسما كۆۋرۈكنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300 مېتىر كېلىدۇ. ئەينى چاغدا ئىستانبۇلدىكى بوغۇزكۆۋۈركىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە بىر ئاسما كۆۋرۈكنى ياساپ چىقىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇھىم بىر ئىش. بۇ پەقەت بىرەر خەۋپلىك ۋەزىيەتتە ساراينىڭ قولغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىدى.

*** ** *** ***** ** ** *** ** **** *

ساراي تۈنجى بولۇپ، 1925 – يىلى خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇلدى. يۈسۈپ مەزھەر بەينىڭ بىر گېزىتتا ئېلان قىلغان ماقالىسى ھەممەيلەنگە ساراينى تونۇتتى. كېيىنكى چاغدا 1961 – يىلى ئارخىئولوگ مەھمۇت ئاكوك تەپسىلى تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.  ئىسھاق پاشا سارىيى 2000 – يىلىدا ب د ت نىڭ ۋاقىتلىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ساراي ھازىر چەت ئەللەردىن مەملىكىتىمىزگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك زىيارەت قىلىشىنى ئارزۇ  قىلىدىغان مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرسىگە ئايلاندى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىغا يولىڭىز چۈشۈپ قالسا،  ئاغرى تېغى ۋە ئىسھاق پاشا سارىيىنى چوقۇم زىيارەت قىلىشىڭىزنى تىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر