ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى

«تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىلەرگە، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبەرىسى بولغان «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نى تونۇشتۇرىمىز.

612839
ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (45)

«تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىلەرگە، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبەرىسى بولغان «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نى تونۇشتۇرىمىز.

*** ***** ***** ***** ***** ****** ****

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 1938-يىلى دۇنيا بىلەن ۋېدالىشىشتىن ئىلگىرى «مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسىرىم جۇمھۇرىيەتتۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۆز مىراسىنى ئىما قىلغان ئىدى. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئىستانبۇلدا دولماباھچە سارىيىدا 1938-يىلى 10-نويابىردا ئالەمدىن ئۆتۈپ، كاتتا كۈرەشلەر، ئەمگەكلەر ۋە ئىنقىلابلار بىلەن قۇرۇپ چىققان جۇمھۇرىيەتنى تۈرك خەلقىگە ئامانەت قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بارلىق خەلقىمىزنى چوڭقۇر ئازابقا چۆمدۈرگەن بولۇپ، دولماباھچە سارىيىدا تەييارلانغان جىنازىسىنىڭ ئالدىدىن ھەمممەيلەن يىغا-زارە قىلغان ھالدا ئۆتكەن ئىدى.

ئەسلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ناھەق تۈزۈلگەن «سىۋرى كېلىشىمى» بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، پايتەخت ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە ئانادولۇنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرى غالىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنماقتا ئىدى. مانا مۇشۇنداق زۇلمەتلىك كۈنلەردە باشلانغان مىللىي كۈرەش ئاخىرى غەلىبە قىلىپ، يېڭى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىققان ئاتاتۈرك 1938-يىلى ئارىمىزدىن ئايرىلغانغا قەدەر يېڭى دۆلىتىمىزنى شەكىللەندۈرۈشكە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

*** *** ***** *** ***** ***** ***

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە ئېلىپ بېرىلىپ، قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئېتنوگرافىيە مۇزېيىغا ۋاقىتلىق دەپنە قىلىندى. ئۇزۇنغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسىغا يارىشىدىغان شەكىلدە بىر مەقبەرە ياساش ئۈچۈن ئانىتتەپە لايىق كۆرۈلدى. ئانىتتەپەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىسمى بۇ يەردە ياسىلىۋاتقان رەسەتخانا سەۋەبىدىن «رەسەتتەپە» ئىدى. قاراردىن كىيىن، بۇ يەرنىڭ ئىسىم مەسىلىسى تېزدىن ھەل قىلىندى ۋە «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، پىروفېسسور دوكتور ئەمىن ئونات ۋە دوتسېنت دوكتور ئورخان ئاردانىڭ لايىھەسى تاللاشقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۈنىمىزدىكى «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نىڭ قۇرۇلۇشى 1943-يىلى باشلىنىپ، 1953-يىلى پۈتۈپ چىقتى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدىكى ۋاقىتلىق قەبرىسىدىن ئېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئارامگاھى سۈپىتىدە «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» غا قويۇلدى. ئەنقەرە خەلقى ئاتاتۈرككە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى شۇ قېتىمقى مازار يۆتكەش مۇراسىمىدا پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلدى.

*** *** ** **** **** ****

«ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نىڭ كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبەرىسىدىن باشقا يەنە، ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە ئىنقىلابلىرىغا ئالاقىدار ئەسەرلەر كۆرگەزمەخانىسىمۇ بار. «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» مانا ھازىرقى كۈندە مىڭلىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدىغان ھەمدە ئەنقەرەگە سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر چوقۇم زىيارەت قىلماي قالمايدىغان مۇھىم مەركەزلەردىن بىرسىگە ئايلاندى. يېغىپ ئېيتقاندا، «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدىغان قىممەتلىق كۈلتۈر مىراسىمىزدۇر.

«ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» دىكى مۇزېيىدا 1960-يىلىدىن ئېتىبارەن ئاتاتۈرككە ئائىت خۇسۇسىي بۇيۇملار، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاتاتۈرككە يوللىغان ھەدىيەلىرى كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئاتا تۈرك رەسىملىرىگە ئوخشاش ھەر خىل ھەدىيەلىك بۇيۇملارمۇ سېتىلماقتا. ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىك دۆلەت ئەربابلىرى قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نى زىيارەت قىلىدۇ. مەقبەرىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، خاتىرە دەپتىرىگە سۆز قالدۇرىدۇ. ھەر يىلى مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ۋە خەلق ئاممىسى زىيارەت قىلىدۇ. «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» دىن ئەنقەرەنىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك كۆرگىلى بولىدۇ. ئەنقەرە مەنزىرىسى ئارىسىدا ئەنقەرە قەلئەسى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان جاي بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئازادلىق ئۇرۇشى رەھبەرلىرى خاتىرىسىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ قەلبىدە نە قەدەر چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى دەل مانا بۇ «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» دا تولۇق چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. ھەر يىلى 10-نويابىردا خەلق ئۇنى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەيدۇ. ئۇلۇغ رەھبەر مىراس قالدۇرغان جۇمھۇرىيەت ۋە دېموكراتىيە بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. 

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ، يولىڭىز ئەنقەرەگە چۈشۈپ قالسا، تۈرك خەلقىنىڭ ئەزىز ئاتىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارامگاھى بولغان «ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» نى چوقۇم زىيارەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر