دائېشنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى ۋە قۇرئان چۈشەنچىسى - 4

دائېشنىڭ ئاساسلىق پەلسەپەسى ۋە ئوزۇقلانغان دىنى مەنبەلىرى دائىرىسىدە دائېشنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى ۋە قۇرئان چۈشەنچىسى توغرىسىدا

608183
دائېشنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى ۋە قۇرئان چۈشەنچىسى - 4

تەشكىلات قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە مەقسىتىنى «ئىراقتىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنى چېكىندۈرۈش، ئىراقنى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئىشغالىيەتچى كۈچلەر بىلەن تىك بىرىكتۈرگەنلەرنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش، شىئەلەرگە زەربە بېرىپ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە شەرىئەت قانۇنلىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش»تەرىقىسىدە بېكىتتى، تەشكىلات بۇ مەقسەتتە ئۆزىگە خاس ئۇرۇش تاكتىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. باشقا ئىسيانكار گۇرۇھلارغا ئوخشاش ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بىلەن قوراللىق توقۇنۇش ياكى پارتىزانلارچە ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللاردىن پايدىلىنىپ ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى سادىر قىلىپ نوپۇزىنى كۆرستىشىكە باشلىدى.

تەشكىلات بۇ قىلمىشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلجىرلاپ بۇنىڭغا دىندىن دەلىل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش ئەسناسىدا مۇسۇلمان قوشۇنىغا قەست قىلماقچى بولغان دۈشمەنلەرگە قارىتىپ دېگەن «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھ يولىدا بىر غەيرى مۇسۇلماننى ئۆلتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلدى»دېگەن سۆزىنى ۋە ئەنفال سۈرىسىنىڭ « ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھيى قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار »دېگەن 12-ئايىتىنى ئۆزىنىڭ چېتىشلىق ۋە باغلىنىش دائىرىسىدىن يۇلۇپلا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە پايدىلىق ئىزاھلاپ تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئىسلامنىڭ ھەققىي ۋە چىن مەنبەلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەڭ مەيدانلىرى بىلەن ھەربىي يۈرۈشلەردىمۇ نامايەن قىلغان مېھىر-شەپقەتلىك ھەرىكەتلىرى، خەيبەرنى پەتھىي قىلىش ئەسناسىدا ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنى دۈشمەننى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس يېنىغا تارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ «سېنىڭ قولۇڭ ئارقىلىق بىر كىشىنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشى قۇياش نۇرى چۈشكەن ھەر قانداق نەرىسىدىن تېخىمۇ خەيرىلىكتۇر» (بۇخارى، جىھاد:4)دېگىنىگە ئوخشاش سۆزلىرى قەتئىي نەزەرگە ئېلىنمىدى.

دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش گۇرۇھلار كۈندىلىك ئىستېمالىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تېرمىنلار ۋە ئۇقۇملار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستېمالىدىن تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن تېرمىنلاردۇر. دائېش دەۋرىمىزدىكى مۇھىم ئورۇنغا كېلىپ قالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمان ياشلىرىنى يولىغا جەلىپ قىلماقتا. تەشكىلاتنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارتقان ۋىدىئولىرىدا راۋان ئىنگىلىزچە دىئالوگلار، يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

تەشكىلات ياشلارنى قاپقانغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن «مەدەنىيەت جەھەتتىن ياتلىشىش»، «كىرىم تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق»، «زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك»كە ئوخشاش مەسىلىلەرنى بەكرەك تەكىتلەپ، دىنى تېرمىن ۋە ئۇقۇملارنى قويۇق ئىشلىتىپ، ياشلارنى جەلپ قىلىشقا كۈچىمەكتە. «جىھاد، ئۇرۇش، ئەمىرى بىل مارۇف نەھىيى ئانىل-مۇنكەر»گە ئوخشاش ئۇقۇملارغا ئەھمىيەت بەرمەكتە، ھەرىكەت ۋە پائالىىيەتلىرىنىڭ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشتۈرۈپ، جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلماقتا.

غەربتە بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپادا مۇسۇلمانلار ئاساسسىز دىنى تەشۋىقاتلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. دەرۋەقە،ئۇلار مەلۇم بىر ئەنئەنە ئىچىدە تۇغۇلمىدى ۋە ئوزۇق ئالغان مەنبەلىرى ھەم مۇسۇلمان كىملىك بەرپا قىلىشقا ھەمدە ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەت بىلەن تىنچلىقنى ئاساس قىلغان مۇۋازىنەتلىك مۇناسىۋەت قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشلىرىغا يېتەرلىك بولماي قالدى.

كۈنىمىزدە تەرغىپ قىلىنىۋاتقان «ياۋروپاچە ئىسلام» فىقىھ، كالام ۋە تەسەۋۋۇپتىن خالىي ئىسلامدۇر. بۇ «ئىسلام»نىڭ نە ئىچىدىن پەيدا بولىدىغان بۇزۇلۇشقا قارشى تۇرالايدىغان ئەنئەنەسى يوق، نە سىرتتىن كېلىدىن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان تىئولوگىيەسى يوق.

ياۋروپادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇسۇلمان ياشلارنىڭ رادىكال (ئاشقۇن) لىققا مايىل بولۇشىنى، زورۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قىزىقىشىنى ۋە  تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا مەھلىيا بولۇش قېلىشىنى دىنى مەلۇمات ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن ئىزاھلىساق بىر قەدەر مۇۋاپىق.

ياۋروپا پايتەختلىرىنىڭ نامرات رايونلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، مەدەنىيىتى كەمسىتىلگەن، كىملىكى رەت قىلىنغان، چەتكە قېقىلغان، ياۋروپا مىقىياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىسلام ئەندىشەسى ھادىسىسى سەۋەبىدىن نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلمىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئەۋلادلار ئىچىدىن ، شۇنداقلا مۇستەبىت تۈزۈم ھۆكۈمران بولغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەردە كۆرۈلىدىغان زۇلۇم، تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىك، بېسىم، سىياسىي، ئىقتىسادىي، پىسخىكىلىق، ئېتىقادىي ۋە ئىجتىمائىي مەھرۇملۇقلارغا دۇچار بولغانلار  ئىچىدىنمۇ دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ قالىدىغانلار چىقتى ئەلۋەتتە.  بۇ دەل نەپرەتنىڭ پارتىلىشى ۋە ئىنتىقام ئوتىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

دائېش دىنى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى دىنى جەھەتتىن يوللۇق قىلىشقا ۋە مۇقەددەس دىنى ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنىڭ بۇ  قىسمىدا تەشكىلاتنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت چۈشەنچىسى، ئاساسلىق دىنى ئۇقۇملارنى چۈشىنىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

دائېشنىڭ قۇرئان چۈشەنچىسى

دائېش قۇرئانغا زاھىرى (شەكلى) چۈشەنچە بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن قۇرئاننىڭ مەنە قاتلاملىرىنى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە دائىرىسىنى،نازىل بولۇش سەۋەبىنى،  ئايەتنىڭ غايە ۋە مەقسىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.

دائېشنىڭ ئىدىيەسىدە نورمالدا 3 باسقۇچلۇق جەريان بار بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا،  قۇرئانى كەرىمگە  تارىخىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي چېتىشلىق ۋە باغلىنىش دائىرىسىنى نەزەرگە ئالماي يۈزەكىلا مۇئامىلە قىلماقتا. ئۆزىنىڭ دىنى چۈشەنچىلىرى ۋە سوبىيكتىپ ئىدىيەلىرىنى مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە تەكىتلىمەكتە،  ھەتتا ئۆزلىرى شاھىت بولغان ھادىسىلەرنى يېگانە ھەقىقەت،دەپ قارىماقتا. ئىككىنچى باسقۇچتا، «مۇتلەق ھەقىقەت»دەپ تەرغىپ قىلىۋاتقان دىنى چۈشەنچىلىرىنى ئىنكار قىلغان باشقا مۇسۇلمانلارنى «كاپىر»غا چىقارماقتا. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، «مۇتلەق توغرىسى»دىن ئېزىپ كەتكۈچىلەر كاپىرلىقنىڭ سەۋەبى بولاتتى. مۇشۇ پېتى ماڭسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز ئارىسىدا بىر-بىرلىرىنىمۇ كاپىرغا چىقىرىدىغان ئىشلار باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

ئاخىرقى باسقۇچتا، كاپىرغا چىقىرىپ مۇرتەد ئېلان قىلغانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى ياقلايدۇ.

قۇرئانى كەرىمدىكى « ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پەرچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)» (ھىجر-91) دېگەن ئايەتتە مەسىلىگە پارچە ۋە بۆلۈپ قاراشنىڭ خاتالىقى  تەكىتلىنىدۇ ۋە قۇرئانغا بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە مۇئامىلە قىلىنىشى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.

دائېشنىڭ قۇرئان چۈشەنچىسى ئۆزلىرى ئوزۇقلىنىپ كېلىۋاتقان دىنى مەنبەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان سەلەفى نۇقتىينەزەرنىڭ زاھىرچە (كۆرۈنۈش ۋە شەكىل) قۇرئان چۈشەنچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. زاھىرچە سەلەفى نۇقتىينەزەردە ئايەتلەرنىڭ تەۋىلى ھارام سانالغان، مەجاز (ئىستىلىستىكلىق ۋاستە) ۋە ھەقىقەت  بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەجاز ئاۋامنىڭ قولىدا ھەقىقەتكە بۇرالغان ۋە ھېچقانداق تەپسىر قىلىنماي نوقۇل ھەرپ ۋە لەفزى مەنىسى ئاساس  قىلىنغان.

دالالەت يوللىرى ئىچىدە سۆز-ئىبارىنىڭ دالىتىدىن باشقا ھېچقانداق دالالەت قوبۇل قىلىنماي ئىبرەت ۋە ئېتىبارغا سەل قارىلىدىغان نوقۇل سۆز-ئىبارە دالالىتىگە خاس چۈشەنچە شەكىللەنگەن. شارىنىڭ (ئاللاھ تائالاھ شارىئى مۇبىندۇر) مەقسىتىنى، ئىلاھىي كىتابنىڭ ھېكمىتىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بۇ چۈشەنچىدە تارىختا مەدەنىيەتلەر بەرپا قىلغان قۇرئاندىن ئىلھام ئالغان چۈشەنچە ۋە ئىدىيەلەر بىددەت سانىلىپ، ئايەتلەر ھېكمەتسىز ھۆكۈملەر تىزىسى سۈپىتىدە چۈشىنىلگەن.

ئايەتلەرنىڭ  چېتىشلىق ۋە باغلىنىش دائىرىسى ۋە نازىل بولۇش سەۋەبىنىڭ نەزەرگە ئېلىنماسلىقى ۋەز قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ مەقسىتىدىن چەتنەپ كېتىلىپ باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئۇرۇش مەزگىلىدە نازىل قىلىنغان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى نەزەرگە ئېلىنماستىن قۇرئاننىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەزگىلدىكى ئاساسلىق غايىسى ۋە بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى  بىر چەتكە قايرىلغان ئاساستا تەپسىر قىلىنغان،شۇنداقلا كاپىرغا چىقىرىلغان ئىنسانلارغا قارشى ئىشلىتىلگەن.

داۋامى بار...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر