دائېش، دابىق ۋە قىيامەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئازغۇنلىقلىرى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن دائېش، دابىق ۋە قىيامەت ئىدېئولوگىيەسى توغرۇلۇق توختالدى.

593973
دائېش، دابىق ۋە قىيامەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئازغۇنلىقلىرى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن مۇنداق دېدى: «دابىقنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى دائېشنىڭ ئازغۇن ئىدېئولوگىيەسىگە قىلىنغان ئېغىر زەربىدۇر. چۈنكى  دائېش دابىقنىڭ قىيامەت ئۇرۇشى يۈز بېرىدىغان يەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»

ئىبراھىم كالىن ساباھ گېزىتىدە ئېلان قىلدۇرغان «دائېش، دابىق ۋە قىيامەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئازغۇنلىقلىرى»سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسى قوللىغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى 16-ئۆكتەبىردە دابىق ناھىيەسىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ 24-ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشقا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

دائېشنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدىلا تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىغا جايلاشقان رايونلاردىكى مۇھىم جايلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان كالىن، دائېشنىڭ يەنە  دابىققا مۇناسىۋەتلىك قىيامەت كۈنى ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن ئازغۇن ئىدىئولوگىيەسىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  كالىن تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: « ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان جەرابلۇس قاتارلىق ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەھەرلەر بىلەن دىجلە ۋە فىرات دەريالىرى ئارىسىدا، تۈركىيە-سۈرىيە چېگرا رايونىدا دائېشنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى نۇرغۇن يېزا ۋە ناھىيە ئازاد قىلىندى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسمەن تالاپەتلەرگە يولۇققان بولسىمۇ، دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى رايونلارغا ۋە تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئىككى قەلئەسى بولغان ئەل-باب ۋە راققاغا قاراپ توختاۋسىز ئىلگىرىلمەكتە. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئەسناسىدا بەزى رايونلار تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مۆتىدىل كۈچلەر ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلۇپ كېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى، مىڭلارچە سۈرىيەلىك يۇرت-ماكانلىرىغا بىمالال قايتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى تېررورچى چوماقچىلىرى بولغان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى پ ي د بىلەن خەلق مۇھاپىزەت قىسىملىرى ي پ گ نىڭ رايوندا دائېشقا قارشى يېگانە كۈچ ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلار سۇسلاپ كەتتى.   

ئىبراھىم كالىن بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ 2003-يىلى ئىشغال قىلىنىشى يەنە بىر تەرەپتىن مالىكى ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە يولغا قويغان مەزھەپچى سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە پەيدا بولۇپ، ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى تارتىۋالغان دائېشنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىر دۈشمەن ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا بېقىندى بولغان قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ياتلاشتۇرۇلغان، كەمسىتىلگەن ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان سۈننىي قەبىلىلەر بىلەن مۇسۇل خەلقىنىڭ، 2014-يىلى 65مىڭ كىشىك كۈچلۈك ئىراق ئارمىيەسى بىر پاي ئوقمۇ چىقارماي شەھەرنى تاشلاپ كەتكەندە، دائېشنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان كالىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال دائېشنى بىخەتەر رايونغا ئىگە قىلىشتىن تاشقىرى، سۈننىي-شىئە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ زەھەرلىۋەتتى. يېقىندا باشلىغان مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى مەسىلىسىدىمۇ نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.»

كالىن تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىنى پۈتكۈل تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلاپ، پۇقرالارنىڭ ۋە سۈرىيە چېگراسىدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،  كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كەلگەن جەرابلۇس-ئازىز لىنىيەسىدىكى بىخەتەرلىك كارىدورىدا بىخەتەرلىكنىڭ بەرپا بولغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بۇ رايوندىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئامانلىق ئىچىدە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. كالىن بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيانىڭ ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار ۋە گىئوسىياسىي كۈچ كۈرىشى ئۈچۈن سۈرىيە خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويغان مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە ئۈمىد چىرىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دائېشنىڭ دابىقتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى «دائېش ئۈچۈن ئېغىر ھەربىي مەغلۇبىيەت»دەپ تەرىپلىگەن كالىن مۇنۇلارنى دېدى: «ھەممىدىن مۇھىمى بۇ دائېشنىڭ ئازغۇن ئىدېئولوگىيەسىگە قىلىنغان ئېغىر زەربىدۇر. چۈنكى دائېش دابىقنىڭ قىيامەت ئۇرۇشىنىڭ خىرىستىيان ئېسكاتولوگىيەسىدە(بۇ دۇنياغا خاتىمە بېرىدىغان) ياخشىلار بىلەن ئەسكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش مەيدانغا كېلىدىغان يەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»

ئىبراھىم كالىن دابىق ژۇرنىلى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دابىق ژۇرنىلى ئىسلامىي ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاپ، ئەسكەر يىغىش ۋە ئۆزىنى پەۋقۇلئاددە كۆككە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئەمەلىيەتتە مەزكۇر ژۇرنال تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ توغرا يولدا ۋە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن كۈچەۋاتقانلىقىنى ۋە ئاقىۋەت ئەخمەقلارچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۇنجى سانىنى2014-يىلى ئىيۇلدا ئېلان قىلىپ بۇ قېتىم 15-سانىنى چىقارغان ژۇرنال تەۋھىد، مېتود، ھىجرەت، جىھاد ۋە جامائەتنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ياكى بىلجىرلىماقتا. خەلىپىلىك كۆز قاراشلىرىنى ھەقلىق ۋە يوللۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ جايغا چاقىرماقتا. سەۋىيەسىز تەشۋىقات تاكتىكلىرى ۋە ھۇجۇملاردىن پايدىلىنىپ، ئازغۇن ئىدېئولوگىيەسىگە ئاۋاز قوشمىغان ياكى پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان يەھۇدىيلارغا، خىرىستىيانلارغا، شىئەلەرگە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا، ئاخىرىدا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.»

دىنى پەتىۋا  خاراكتېرىدىكى مەكتۇپنىڭ دائېشنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ۋە دىنى جەھەتتە توغرا يولدا ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلىرىنىڭ  خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن كالىن  ماقالىسىدە مۇنۇلارنى دېدى: «مەكتۇپ دائېشنىڭ دىنى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنى ئەسلى مەنىسىدىن بۇرمىلاپ، زامانىۋى دەۋىرنىڭ شەيتانى ئېقىملىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئازغۇن ئىدىئولوگىيە پەيدا قىلغانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇلتۇر تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى <دىنغا بۇزغۇنچىلىق ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش>سەرلەۋھىسىدە40 بەتلىك ماقالە ئېلان قىلىپ دائېشنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا رەددىيە بەردى. ھەم مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھەمدە غەربتىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى  ۋە رەھبەرلىرى دائېش ئىدېئولوگىيەسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەر سىكۇنت ھەر مىنۇتتا تەكىتلەپ تۇرۇشى كېرەك. مۇسۇلمانلار بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق مەقسەت قىلىنغان دۇنياۋى ئەمەللەرنى  كۆزلىگەن بىر ئوچۇم ياۋايىلارنىڭ دىنلىرىنى ۋە مول مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. غەربلىك دۆلەتلەر دائېشنىڭ ھەققىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇشى، شۇنداقلا دائېشنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى باش كۆتۈرگەن ئىسلام ئەندىشىسى ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشقا خاتىمە بېرىشى لازىم.»

شۇنداقلا بۇ سوئال يەنە سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ جانۋارلىرىدىن بولغان دائېش ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىر-بىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە بۇ ئىككى كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كۆز يۇمۇلغان ياكى رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋالدا سۈرىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىنسانىي بۆھرانلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدەك ئاچچىق رىئاللىقنىڭ كۈچلۈك سىگنالىدۇر.  دائېشنى سۈرىيە، ئىراق ۋە باشقا رايونلاردىن تازىلاش تولىمۇ مۇھىم، بىراق دائېشنى تازىلاش ھەرىكىتى ياكى ئۇرۇشى باشقا ئىختىلاپ ۋە ئايرىمچىلىق ئۇرۇقىنى تېرىماسلىقى لازىم. دۇنياۋى كۈچلەر، رايوندىكى تەرەپلەر ۋە باشقا مۇستەقىل كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان تەرەپلەر دائېشنى كىچىك ئىستىراتېگىيەلىك ئەمەللىرىنىڭ قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىشتىن ۋاز كەچمىسە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋال ئاقىۋەت ھېچكىممۇ غەلىبە قىلالمايدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئىككى خاتا ھەرگىزمۇ بىر توغرىنى پەيدا قىلمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر