يۈرەكلىرىمىز كەربالا روھى بىلەن تولسۇن

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (41)

589801
يۈرەكلىرىمىز كەربالا روھى بىلەن تولسۇن

 

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاجىزلاپ كېتىسىلەر، كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دەيدۇ. (سۈرە ئەنفال 46 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قېرىنداش بولۇڭلار» دەيدۇ. (بۇخارى)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 1438 – يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيىغا قەدەم قويدۇق. مۇھەررەم ئېيى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھارام ئايلاردىن ئىكەنلىكىنى تەلىم بەرگەن، سان – ساناقسىز نىئمەت ۋە ھېكمەتلەرگە تولغان ئايدۇر. مۇھەررەم ئېيى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يۈرەكلىرىمىزنى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئازابلارغا تولدۇرغان كەربالا ۋەقەسىگە شاھىت بولغان ئايدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ھەزرەتى ھۇسەين ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، يەنى كۆپىنچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىدىن بولغان 70 كىشى كەربالادا قانخۇرلارچە قەتلى قىلىنىپ شاھەدەت شەربىتىنى ئىچكەن ئىدى. ھەزرەتى ھۇسەيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مېنىڭ دۇنيادىكى چېچىكىم، رەيھانىم» (تىرمىزى) ۋە «جەننەت ياشلىرىنىڭ سەردارى» (ئىبنى ماجە) دەپ تەرىپلىگەن ئىككى ئارزۇلۇق نەۋرىسىنىڭ بىرسى ئىدى. ھەزەرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە فاتىمە زەھرا رەزىيەللاھە ئەنھانىڭ يۈرەك پارىسى ئىدى. مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 1336 – يىلىدا شەھېىتلەر سەردارى ھەزرەتى  ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق پۈتۈن كەربالا شېھىتلىرىنى شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ھەق – ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەت ئۈچۈن جۈملىدىن دىن، ئىمان، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن جان تەقدىم قىلغان بارلىق شەھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ئۇلارنى چەكسىز مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز. ئاللاھ بارلىق شېھىتلەرگە رەھمەت قىلسۇن!

ئەزىز قېرىنداشلار!

كەربالا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ  ۋە پۈتۈن مۆئمىنلەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئورتاق ئازابى ۋە دەرت - ئەلىمىدۇر. دۇنيانىڭ مەيلى قانداقلا يېرىدە بولۇشىدىن  ۋە مەزھەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قەلبىدە ئىمان بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئەھلى بەيتىگە مۇھەببەت قىلىدىغان ھەر بىر مۆئمىننىڭ ئورتاق قايغۇسى ۋە قەلب يارىسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز كەربالىنى توغرا تونۇش ۋە چۈشۈنۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنى تارىختا يۈز بەرگەن بىر قىسسىگە ياكى ئادەتتىكى بىر ۋەقەگە ئايلاندۈرۈپ قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئازابلىق ھادىسىسىدىن ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

كەربالىنى چۈشۈنۈش؛ ھەممىدىن ئىلگىرى ھەزرەتى ھۇسەين ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغۋار يولىنى، يەنى قۇرئاننىڭ يولىنى، پەيغەمبەر ئەلەسھىسسالامنىڭ يولىنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار جېنىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغۋار نىشانلارنى ۋە قىممەت قارشلارنى ياخشى چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. خۇددى شۇلارغا ئوخشاش ھەق ۋە ھەقىقەتكە شەرەپ، غۇرۇر، ئەخلاق ۋە مەردانىلىققا ئۆزىمىزنى بېغىشلىيالىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

مانا بۈگۈن كەربالا ھەممىمىزگە يېڭى بىر ئاڭ بەخش ئەتمەكتە. كەربالا ئارىمىزدىكى ئايرىمچىلىق ۋە تەپرىقچىلىققا ئەمەس، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزگە ۋەسىلە بولۇشى لازىم. ئاللاھنىڭ «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاجىزلاپ كېتىسىلەر، كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئايىتىنىڭ تەققەززاسى بويىچە، كەربالا بىزنى بىر – بىرمىزگە مەھكەم باغلىشى لازىم. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تارىخ بەتلىرىدە يولىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش ئەمەس، تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، يولىمىز ۋە نىشانىمىزنى توغرىلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۈگۈنكى كۈندە كەربالانىڭ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتى، قەلب دەرۋازىلىرىمىزنى تۇلۇق ئېچىش، يۈرەكلىرىمىزنى كەربالا روھىغا تولدۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قېرىنداش بولۇڭلار» دېگەن چاقىرىقىغا سەمىمىيلىك بىلەن ئاۋاز قوشۇش، ئۆزئارا قېرىنداشلىق ئەھدىمىزنى قايتىدىن يىڭىلاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭقۇر ئازابقا چۆككەن ھالدا ئىسلام دۇنياسىدا ھازىرمۇ كەربالا پاجىئەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. ھازىزمۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قېنىنى ئېقىتقان، كەربالا زۇلمىغا مۇسۇلمانلارنى قايتىدىن دۇچار قىلىۋاتقان زالىملار قۇتراپ يۈرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن  بىرسى بولغان ھەلەب شەھىرى رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلىنماقتا. ھەلەبتە ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ئىسلام دىيارلىرىدا ھەر كۈنى قانچىلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار خۇددى كەربالادىكىگە ئوخشاشلا قانخورلارچە قەتلى قىلىنماقتا. بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن چىقىرىلغان كىچىك بالىلارنىڭ، ئاياللار ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرى ئەسلىدە بىزگە ئادىمىيلىقنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. چۈنكى پۈتكۈل دۇنيا ئىنسانلىرى بۇ ۋەھشىلىكنى زورۋانلىق ۋە قەتلىئاملارنى سۈكۈت ئىچىدە تاماشا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر بەسىرەت ۋە پاراسەتكە ئېھتىياجىمىز بار. ئورتاق قىمممەت قاراشلىرىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، نىشاندا يولداش، دىندا قېرىنداش، خوشاللىق ۋە دەرت ئەلەمدە بىر جىسىم، بىر تەن ئىكەنلىكىمىزنى قايتىدىن جاكارلاشقا ئېھتىياجىمىز بار.  خۇتبىمىزنى ھەزەرتى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز؛

ئى ئاللاھىم! ساڭا ئەڭ گۈزەل ھەمدۇ - سانالار بولسۇن!

ئى ئاللاھىم! ئاتىمىزنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكرى قىلىمەن، بىزگە قۇرئان كەرىمنى يوللىغانلىقىڭ ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا شۇڭغۇتقانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمدۇ سانالار – ئوقۇيمەن. 

ئى ئاللاھىم! بىزگە ھەقنى كۆرگەن، ھەقنى ئاڭلىغان ۋە ھەقنى چۈشەنگەن قەلب بەخش ئەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا رەخمەت ئوقۇيمەن!

 ئى ئاللاھىم! بىزنى ساڭا شۈكرى قىلىدىغان بەندىلىرىڭدىن قىلغىن! بىزنى زالىملاردىن ئۇزاق، مۆئمىنلەرگە باشپاناھ قىلغىن! ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر