15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارنىڭ ئېتىراپلىرى ۋە غەربنىڭ پوزىتسىيەسى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن «تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى سىياسىي ئىتتىپاقلىق»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ماقالە ئېلان قىلدى

546711
15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارنىڭ ئېتىراپلىرى ۋە غەربنىڭ پوزىتسىيەسى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرىتى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، Daily ساباھ گېزىتىدا ئېلان قىلغان «تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن يېڭى سىياسىي ئىتتىپاقلىق»سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە تارىخىغا زۇلمەتلىك كېچە بولۇپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈرك خەلقىنىڭ جەسۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە زور پىداكارلىقى تۈرتكىسىدە زۇلمەتلىك كېچىنىڭ ئورنىغا پارلاق كۈننىڭ روياپقا چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن كالىن، ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن، تۈرك دېموكراتىيەسىنىڭ قۇرۇلمىلىق كۈچى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىتتىپاقلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كالىن ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىتتىپاقلىق بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى تەھدىتلەرگە قارشى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. 15-ئىيۇل كېچىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇھلىرىدىن تەشكىل تاپقان مىڭليونلارچە ئادەم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى. پۈتكۈل سىياسىي پارتىيەلەر مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىدى. 25-ئىيۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال كىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆۋلەت باھچەلى بىلەن كۆرۈشتى. 26-ئىيۇلدا كىلىچدارئوغلۇ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانننىڭ كەينىدىكى گۈلەننىڭ تۈركىيەگە چوقۇم قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. باھچەلى بىلەن باشقا شەخسلەرمۇ كىلىچدارئوغلۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئوخشمىغان سىياسىي كۆز-قاراشقا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى.»

«ئامېرىكىنىڭ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز»

بۇ ئىتتىپاقلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپاغا نىسبەتەن زور خاتالىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كالىن ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تۈرك خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قانۇن سىستېمىسىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى دائىرىسىدە سۈيئىستېمال قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ گۈلەننى قوينىدا ساقلاپ يېتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. گۈلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە  قانداق تەھدىت بولغان بولسا، ئامېرىكىغىمۇ نىسبەتەنمۇ خەتەرلىك جىنايەتچىدۇر. ئامېرىكىدا دېمىسىمۇ گۈلەننىڭ مەكتەپلىرى، ۋىزا ساقتىپەزلىكى ۋە قارا پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكا سىستېمىسىدىن قانداقلا جەھەتتىن بولمىسۇن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىسا، نۇرغۇن ئادەم گۈلەننىڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك خاھىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.»

«بەزىلەر گويا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىز قىلغاندەك بىزنى ئەيىبلەپ تولىمۇ ھەددىن ئاشتى»

كالىن ماقالىسىدە ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى چىقارغۇچىلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىگە دەلىل تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن 15-ئىيۇلدىن كېيىن قولغا چۈشكەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا ئۇنسۇرلارنىڭ ئېتىراپلىرىغا ئورۇن بەردى: «ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار، تەپتىش خادىملىرىغا ئۆزىنى ئەسىر ئالغۇچىلاردىن گېنېرال ھاكان ئەۋرىمنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش توغرۇلۇق كۆز-قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە ئۆزىنى گۈلەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئاكارنىڭ مۇھاپىزەتچىسى پولكوۋنىك لەۋەنت تۈركھان، تەپتىش خادىملىرىغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركھان تەشكىلات ئىچىدىكى <ئاكىسىدىن>يوليورۇق ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. تۈركھان سوراقتا ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 14-ئىيۇلدا خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە تەشكىلات ئىچىدە مۇتلەق مەخپىيلىك ۋە تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدىكى 2-ھەربىي ئەسلىھەلەشكەن قوماندانلىق مەركىزى قوماندانى گېنېرال ئۆزكان ئايدوغدۇ، بوغازئىچى كۆۋرۈكىگە تانكىلارنى ۋە ھەربىي قىسىملارنى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: <بۇيرۇقلارغا مۇتلەق بويسۇنۇش مەقسىتىدە يېتىشتۈرۈلدۈم ۋە يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقلارنى ئورۇنداشقا تىرىشتىم. قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغان بۇيرۇقلارنى ئورۇندىدىم، خالاس.

بانكىچىلىقنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تەپتىش ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى كەمال ئىشىكلى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدە يۇقىرى مەنسەب ھېسابلىنىدىغان <ئاكا> سۈپىتىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ۋە ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئەسناسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دەم ئېلىۋاتقان مارمارسىتىكى مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلغان ئالاھىدە <ھەربىي قىسىم>غا قوماندانلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئەنقەرە ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى ئىستىخبارات تارمىقى مۇدىرى پولكوۋنىك ئەرھان كارلىداغ، ئالاقىدار مەسئۇللارغا مۇنداق دېگەن: <فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى پىلانلىدى. ئالاقىدار مەسئۇللار تەرىپىدىن 3000 كىشىنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بىر تىزىملىكنىڭ تەييارلانغانلىق،شۇنداقلا 2016-يىلى ئاۋغۇستتىكى ئالىي ھەربىي كېڭىشى يىغىنىدا ئىشتىن توختىتىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئالدۇق.>

ئوفېستىر ئوغۇز ھاكسال ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئەسناسىدا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئابىدىن ئۈنال ۋە قالغان 8 گېنېرالنى گۆرۈگە ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنى فەتھۇللاھچىلارنىڭ جاسۇسى ئوفېستىر يىلماز باھارنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

سابىق ئىستىخبارات باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى گۈرسەل ئاكتەپە، گۈلەننىڭ يوليرۇقى ۋە بۇيرۇقى بولماي تۇرۇپ، ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقىرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئاكتەپە تەپتىش خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: تاڭگو ناملىق بىر سىستېمىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ، ھەممەيلەن ياردەمگە بېرىشى كېرەك، كونا ئىش ئورۇنلىرىڭىلارغا يېقىن جايغا بېرىپ تۇرۇڭلار ۋە گېنېرال مەھمەت بىلەن ئالاقە ئورنىتىڭلار.»

كۆپ قىسىم ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ 15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، تەسىرلىرىنى، خەتەرلىكلىكىنى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىغا قارشى جەسۇرلارچە قارشى تۇرۇشى ۋە زور پىداكارلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكلىرىنى ئېيتقان كالىن ماقاسىدە مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشتە، تۈركىيەنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، بىزگە دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى مەسىلىسىدە نەسىھەت قىلىش بىلەن بەند بولماقتا. بەزىلەر گويا ھەربىي-سىياسىي ئىسيانى بىز قىلغاندەك بىزنى ئەيىبلەپ ھەددىدىن ئاشتى.»

«غەرب دۆلەتلىرى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار توغرۇلۇق ئوچۇق بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشتى.»

كالىن مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ خەتىرىنى، سەزگۈرلىكىنى ، دېموكراتىيەمىزگە ئېلىپ كەلگەن خەتىرىنى  تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمەي نەزەردىن ساقىت قىلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق ۋە ئۈمىدسىزلەندۇق، غەرب دۆلەتلىرى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ قويدىيۇ، لېكىن بۇلارنى سادىر قىلغۇچىلار توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشتى. ھېچقانداق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت پىرىزېدېنتى، مىنىستىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ 15-ئىيۇلدىن كېيىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلماسلىقى تولىمۇ ئەيىب ئىشتۇر.»

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈرك دۆلىتىنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇش كىرىۋېلىشىنىڭ ئېغىر زىيانلارنى ۋە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن كالىن، فەتھۇللاھچىلارنىڭ خۇددىي پ ك ك غا ئوخشاش ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىكى قانۇنىي ۋە سىياسىي تۈزۈملىرىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. كالىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك ، كىشىلەر بۇنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، ئادالەت تەلەپ قىلىدۇ.»

«88 مىڭ كىشىلىك شەرقىي گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى بارلىق گېنېرال ۋە ئامىراللار قوغلاندى»

كالىن ماقالىسىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «گۈلەنچىلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىن تازىلىنىشى 1990-يىلدا شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى ئەسناسىدىكى مەشھۇر بىرلىشىش ئەھدىنامسىى مۇساپىسىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئەھدىنامىنىڭ روھىي بويىچە، تەخمىنەن 500مىڭ شەرقىي گېرمانىيەلىك دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىسى خىزمەتتىن توختىتىلدى.  ئىككى گېرمانىيە بىرلەشكەندىن كېيىن 88 مىڭ كىشىلىك شەرقىي گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى پۈتكۈل گېنېرال ۋە ئامىراللار قوغلاندى، ناھايىتى ئاز ساندىكى تۆۋەن ئۇنۋانلىق ئەسكەر يېڭى گېرمانىيە ئارمىيەسى سېپىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئاكادېمىك، ئوقۇتقۇچى، دىپلومات ۋە ژۇرنالىست گېرمانىيە دۆلىتى تەرىپىدىن شەرقىي گېرمانىيەدىكى كونا ھۆكۈمەت بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبىدىن ئىشتىن قوغلاندى.گېرمانىيەلىك مەسئۇللار بۇ جىددىي ھالەت تەدبىرلەرنى يېڭى گېرمانىيەدە يۇمشاش ئۆتكۈنچى مۇساپە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىشتى. تۈركىيە تېخى ئەمدىلا قانلىق ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن ساق-سالامەت ھالقىپ ئۆتتى، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلاردىن ۋە جاراھەتلەردىن قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتا. تۈركىيەدە دېموكراتىيەگە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىدىغانلار،تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانچىلار ۋە گۈلەن تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئاداققىچە قوللىشى كېرەك، 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ۋە فەتھۇللاھچىلارنىڭ بۇنىڭدىكى رولى توغرۇلۇق مەملىكەت مىقياسىدا شەكىللەنگەن پىكىر بىرلىكى تۈركىيە دېموكراتىيەسى ئۈچۈن كۈچ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.»

ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن كېڭەش ئىچىدە كېلەچەكتىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيانلارغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن يېڭى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كالىن مۇنداق دېدى: «بۇ تەدبىرلەر، مۆتىدىللىق ۋە جاۋابكارلىق پىرىنسىپلىرىنىڭ تۈركىيەدە ھاكىمىيەت ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئاساسلىق قىممەت ئۆلچەملىرى بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا ئوخشاش جىناىي قىلمىشلارنىڭ ئىككىنچىلەپ سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئارمىيە سېپىدا ئىشەنچ پەيدا بولۇشنىڭ يولىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر