20-ئەسىردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (2)

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيە مەنبەلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىغا زىت چۈشەنچىلەر قوشۇپ قويۇلغان.

527885
20-ئەسىردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:   ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيە مەنبەلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا، شۇ زامانغا ماس كەلسىمۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەزمۇنىغا زىت چۈشەنچىلەر قوشۇپ قويۇلغان. مەسىلەن،«...شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ «سەنمىنجۇيى (ئۈچ مەسلەك) ئىدىيەسى شىنجاڭغا يۈزلەنگەنلىكى، نەتىجىدە شىنجاڭدىكى دېموكراتىك پىكىر ئېقىمى تېخىمۇ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى. 1920 - يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مەرىپەتچىلىك پائالىيەتلىرى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت شەكلى ئارقىلىق مەيدانغا كەلدى[1].» بۇ بايانلار ئەينى دەۋر ئۇيغۇر رىياللىقىغا ئۇيغۇنسىز بولۇپ، پاكىت ئاساسى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە شائىر ئەسەرلىرىنىڭ روھىغا پەقەتلا ماس كەلمىگەن. شائىرنىڭ:

رۇسىيە ئاقچاسىمۇ  سەردىن  ئوشۇق توختاپ ئىدى،

ئەمدى بۇ كۈنگە كېلىپ، داچەنگە بىرنى ئالمىدى[2].

دەپ يازغىنىدىن مەلۇمكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار چار پادىشاھنىڭ غۇلاپ سوۋېتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە پۇلدا ئۆزگىرىش بولغىنىدىن بىخەۋەر قالغاچقا ساقلاپ يۈرگەن چاررۇسىيە پۇلىنىڭ قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن. يېنىدىكى چاررۇسىيەدە ئىدىيەنىڭ ئۆزگەرگىنىدىن ئەمەس، پۇلنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىر قىلغانلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشاپ قويۇق مۇناسىۋەتتە ئۆتىدىغان، قېرىنداش ۋە دىنداش بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشتىن بىخەۋەر قالغان ئۇيغۇرلارنى، ئارىلىقنى قاتمۇ قات تاغ ۋە چۆللەر ئايرىپ تۇرغان خىتايدا يۈز بەرگەن شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىش تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ چاغلاردا خىتايدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ئۇيغۇرلارنى خەۋەردار قىلىدىغان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرچە مەتبۇئات بولمىغانلىقىمۇ بىر پاكىت. يەنە كېلىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا شىنخەي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولۇپ ھاكىمىيەت شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. شۇڭا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيەسىنى شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن باغلاشنىڭ نە ئىلمىي ئاساسى، نە تارىخىي ئاساسى يوق. ئۇندىن باشقا، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن شىنخەي ئىنقىلابى ئىدىيەسىنى ئەكىس ئەتكۈزىدىغان ياكى سۇنجۇڭشەن ئىدىيەسىنى يانسىتىدىغان بىرەر مىسرانى ئۇچراتمايمىز. ئەكسىچە، شائىرنىڭ بايرىقى ئالماشسىمۇ ماھىيىتى ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان زالىملارغا بولغان نەپرىتىنى ئوچۇق كۆرىمىز.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلھام ئالغانلىقىغا تۆۋەندىكى بىر كۇپلىتنى مىسال قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ،

ھەقىقەتنىڭ روھى قېچىپ كەتتى مېنىڭ دىيارىمدىن،

ئۇنىڭكى خۇش پۇراقى ھېچ كەتمىدى بۇ دىماغىمدىن.

ئىزدىدىم كۆپ، تاپمىدىم شەجەن – روجەن سەھراسىدىن،

ئىزدىبان تاپتىم – دە، ئالدىم لېنىننىڭ گۈلباغىدىن.

توغرا، بۇ كۇپلىتتا لېنىن دېگەن بىر سۆز بار. ئەمما، بۇ سۆزنى شائىر ئۆزى شۇنداق يازغانمۇ ياكى ساقلىغۇچىلار ئۆزگەرتىپ قويغانمۇ ياكى توپلاپ رەتلىگۈچىلەر قوشۇپ قويغانمۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كوممۇنىستىك ئىدىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ موسكۋادا ئوقۇغانلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقارغىنىدىن قارىغاندا، ئەسەرلىرىگە بۇنداق بىرەر سۆنى قوشمايدۇ- مۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر شائىرىمىز راستىنلا كوممۇنىستىك ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا، شېئىرلىرىدا «مېھنەتكەش خەلق، ئىشچىلار سىنىپى، خەلق ئازادلىقى، ئىنقىلابى ئاڭ...» دېگەندەك سۆزلەر كۆزگە چېلىققان بولاتتى.

«ئا.ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» ناملىق كىتابتا، شائىرنى سوتسىيالىستىك رىيالىزىمچى ۋە كوممۇنىست قىلىۋېتىش ئىستىكى كۈچلۈك ئىزچىلىققا ئىگە[3]. ئۇندىن باشقا شائىرنىڭ:

ساڭا ھاجەتمەن بۇ ئۇيغۇر،

دەردىگە تاپسۇن فارىغ[4]  .

ئۈمىدىن قالدۇرما يەردە،

بەر مەدەت، بەرگىل شۇرا[5].

دېگەن شېئىرىدىكى «شۇرا» سۆزىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشارەت، دەپ چۈشىنىلىپ تەھلىل قىلىنغان ۋە شائىر ئىدىيەسىنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا باغلاشقا ئۇرۇنۇلغان. مەزكۇر شېئىرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا قارىغىنىمىزدا، بۇنى توغرا دېيەلمەيمىز. چۈنكى شېئىرنىڭ باشتىكى قاپىيەلىرىدە «داۋا»، «شىپا»، «راۋا» كەلىمىلىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقىغا قارىغاندا، بۇ كۇپلىتتا «شۇرا» سۆزىنىڭ مەنىسى «مەسلەھەت» دېگەنلىك بولۇپ، باشقا مەنىنى چىقىرىش ئارتۇقچە ھېسابلىنىدۇ.

 

شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىمۇ تەتقىقاتلاردا ئاساسسىز بايانلار بار. دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىلغار يازغۇچىلىرى رۇس سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمىش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ رۇسچە ۋە خىتايچە بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئوخشاش مەنبەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىكەن[6]. بۇندىن باشقا، تەتقىقاتلاردا شائىرنى «پرولىتارىيات يازغۇچىسى گوركىغا ئەگەشكەن» [7] قىلىپ، بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە شائىرنىڭ تۆۋەندىكى بىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

چىقار بوران تەرەپبال ئەگەر ھىچ ئويلىماي تۇرساڭ،

ئەگەر قاتتىق چىقىپ كەتسە، يېپىپ تۈڭلۈك ئالالىغايمۇ.

بۇ مىسرانى ئىچىگە ئالغان شېئىرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، «بوران» دېگەن سۆزنىڭ ماكسىم گوركىنىڭ «بوران قۇش قوشىقى» دېگەن نەسىرىنىڭ ماۋزۇسىغا ئوخشاپ قالغاندىن باشقا، پۈتۈن ئەسەرنىڭ گوركىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى بىلىنىدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيەتتە كىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شائىر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرگە قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ كىچىكىدە بوۋىسى مىجىت ھاجىغا نەۋايىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق ئەسەرىنى دائىم ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ شائىر ئەسەرلىرىدە نەۋايى قەلىمىگە مەنسۇپ «پەرھات-شىرىن»، «لەيلى مەجنۇن» ئوبرازلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. شائىرنىڭ نەۋايىدىن باشقا ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ تەرىپىنى قىلغانلىقىنى، دوستى ئېزىز نىيازىنىڭ «مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەيمەن» دېگەن ئەسلىمىسىدىن بىلىمىز[8]. ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى

ھەقنىڭ ھۆكۈمى بىر بولۇر، ئەسلا بۇنىڭ تەخىرى يوق.

ئاپىرىن شائىر فۇزۇلى، قۇددۇسۇللا ئاپىرىن.

دېگەن مىسرالاردىمۇ شائىر فۇزۇلىنىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ. شائىرنىڭ «باردۇر» رادىپلىق غەزىلىنىڭ جەدىتچى تاتار شائىرى ئابدۇللاھ توقاي (1886-1913) نىڭ شۇ رادىپتىكى شېئىرىغا مەزمۇنەن يېقىندۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ئابدۇللاھ توقاينىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، بۇنداق يېقىنلىقنى تېخىمۇ كۆپ بايقايمىز. ئۇندىن باشقا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتارچە ئۆگىنىپ شېئىر يازغىدەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىمۇ ئۇنىڭ توقاي ئەسەرلىرىگە نەقەدەر مۇشتاق بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئامىلدۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرىدە كىلاسسىك ئەدەبىي تىلنى ئەمەس، ئوقۇشلۇق خەلق تىلىنى قوللانغانلىقى، جەدىتچە مائارىپنى تەرغىپ قىلغانلىقى، پەندىن ئايرىلغان دىنىي مائارىپقا شۇنداقلا خۇراپات ۋە جاھالەتكە شىددەتلىك قارشى تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئابدۇللاھ توقاينىڭ جەدىتچىلىك پىكىرىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

شائىرنىڭ دوستى ئېزىز نىيازىنىڭ ئەسلىمىسىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۇنىڭغا نامىق كەمالنىڭ بىر بىيىتىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ[9]. نامىق كەمال (1840-1888 ) تۈرك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تىياتىر ۋە رومانلارنىڭ ئاپتورى. ئەسەرلىرىدە ۋەتەن، مىللەت ۋە ھۆرلۈك تېمىلىرىنى ئەڭ كۆپ يازغان، تۈرك ئەدەبىياتنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان ئەدىپ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ئانا تېمىلىرىمۇ دەل يۇقارقىلاردىن ئىبارەت. دېمەك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن كىلاسسىك ئەدىپلەردىن نەۋايى ۋە فۇزۇلىنى سانىساق، چاغداش ئەدىپلەردىن نامىق كەمال، ئابدۇللاھ توقاينى كۆرسىتىمىز.

خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرلاردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا تەرجىمھالدىن تارتىپ ئەسەرلەرنىڭ تەھلىلىگىچە، ئارتۇقچە سىياسىي رەڭلەر بىلەن بويالغانلىقى دىققەتنى تارتىدىغان مەسىلە. بۇ مەسىلە بىزگە شائىر ھەققىدىكى ئەستايىدىل ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىملىكىگە ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەخەللۇسىنى قوللىنىشى تاشكەنتتە 1920-يىلى ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن يىغىن بىلەن ئالاقىدار بولۇشى ناتايىن. چۈنكى شائىر 1917-يىلى يازغان «ئۇيغۇر قىزى» مازۇلۇق شېئىرىدا ئۆز مىللىي نامىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر» دېگەن شېئىرىمۇ قازاق شائىر مىرجاقىپ دۆۋلەتوۋنىڭ «ئويغان قازاق»، تۈرك ۋەتەنپەرۋەر شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «ئويغان» دېگەن شېئىرلىرى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، تۈرك دۇنياسىدىكى «ئورتاق ئويغىنىش» ساداسىنىڭ ئۇيغۇرغا خاس ۋارىيانتىدىن ئىبارەت. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىدە تەشەببۇس قىلىنغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئىدىيەسى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشىشىدا، ئورتاق مىللىي مەنپەئەتنى تونۇپ يېتىشى ۋە قوغدىشىدا، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئورتاق نىشان ۋە غايىگە قاراپ توغرىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھېلىمۇ كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلۇق ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى دەپ قارىلىدۇ[10]. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىشتا ئەجەللىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

[1] «ئاچىل» 8-بەت

[2] «ئاچىل» (87-بەت)

 

[3] «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» 211-بەت

[4] فارىغ — قۇتۇلماق .

[5] مەسلەھەت، كىڭەش

[6] «ئاچىل» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2008-يىلى 14-بەت

[7] «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى»1988-يىلى (184-بەت)

[8] يۇقارقى كىتاب 312-بەت

[9] «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» 312-بەت

[10] Justin Jon Rudelson: Oasis Identities: Uyghur Nationalism Along China's Silk Road

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر