مىراجنىڭ مەنىسى ۋە مىراج سوۋغىلىرى

مىراج - قۇرئان كەرىمدە «كېچە ساياھىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئىسرا»؛ «يۈكسېلىش» ۋە ئېگىزگە چىقىرىدىغان «ۋاستە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

522121
مىراجنىڭ مەنىسى ۋە مىراج سوۋغىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مىراج - كېچىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككەدىن قۇددۇسقا، ئۇ يەردىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، مەنە دۇنياسىغا چىقىشى ۋە ئارقىدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھادىسە قۇرئان كەرىمدە، «كېچە ساياھىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئىسرا»؛ «يۈكسېلىش» ۋە ئېگىزگە چىقىرىدىغان «ۋاستە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «مىراج» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن.

قۇرئاندا ۋە بارلىق سەھىھ ھەدىسلەردە مىراج ھادىسەسىدىن خۇش خەۋەر بېرىلگەن. ئىسلام مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھادىسەنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان:

«پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكى 11 – يىلىغا قەدەم قويغان رەجەپ ئېيىنىڭ 27 – كېچىسىدە، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ چاقىرىقى بىلەن جىبىرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالدى بىلەن مەككەدىكى مەسجىدى ھەرەمدىن قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا، ئارقىدىن ئۇ يەردىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىققان. مۇسۇلمانلار مىراج ھادىسەسى يۈز بەرگەن كېچىنى «باياشاتلىق» ۋە «بەرىكەت» ياغىدىغان كېچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ كېچىنى «قاندىل كېچىسى» سۈپىتىدە تەبرىكلەيدۇ.

ئادەم ئوغلىنىڭ ئەقلىدىن ھالقىپ كەتكەن مىراج ۋەقەسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ دەلىل ۋە نىئمەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىش، دىنىنى تەبلىغ قىلغان ۋاقتىدا نامايان قىلغان شەرىپى ۋە ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ھەمدە تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇشى ئۈچۈن بۇ ساياھەتنى قىلدۇرغان. ئۇلۇغ ئاللاھ سۈرە ئىسرانىڭ 1 – ئايىتىدە: « ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» دەيدۇ.

ئىسلام مەنبەلىرىدە، مىراج ھادىسەسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارنىڭ بېسىمىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بىر مەزگىلدە، يەنى تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئەڭ مۇھىم ئىككى قوللىغۇچىسى بولغان ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مەككەدە تىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىچى سىقىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبىرائىلنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەپەرگە جابدۇنغان. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دۇنيا ساياھىتىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكسى يېرىلىپ، زەمزەم بىلەن يۇيۇلۇپ، ھېكمەت ۋە ئىمان بىلەن تولدۇرۇلغان. ئارقىدىن جىبىرائىلنىڭ باشلامچىلىقىدا مۆجىزىلىك سەپەرنى قىلغان.

ھەدىسلەردە تەپسىلىي توختالغان بايانلارغا ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئالدى بىلەن، قۇددۇستىكى بەيتۇلمۇقەددەسكە كېلىپ، ئۇ يەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان، ئاندىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن. قۇرئاندا «يەتتە قەۋەت» دەپ تەرىپلەنگەن ئاسماننىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە، تەۋھىد كارۋېنىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋالىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، تەۋھىد ئېتىقادىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىدا بىرلىشىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بېشارەت بېرىلگەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ. سەپەرنىڭ ئاخىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنە دۇنياسىدا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، بىۋاستە بەزى ئەمىرلەرنى ئالغان ۋە بىر قاتار مۇكاپاتلار بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلغان.

مىراج ھادىسەسىنىڭ دەتالاش قىلىنغان نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراجدا ئاللاھنى كۆرۈپ – كۆرمىگەنلىكىدۇر. ھەدىسلەردە مەسىلىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىلا تالاش – تارتىش قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھابىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «رەببىڭنى كۆردۈڭمۇ؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ نۇر تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ كۆرەلەيمەن[1]!» دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭقۇر ئىلمى بىلەن تونۇلغان ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە: «كىمكى، مۇھەممەد رەببىنى كۆردى دېسە، يالغان ئېيتقان بولىدۇ[2]» دېگەن ۋە ئەنئام سۈرىسىنىڭ « كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» دېگەن 103 – ئايىتىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.

مەككەدە ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مىراج جەريانىدا ئىگە – چاقىسىز ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئازلىقىغا قارشى، ئۈممەت بىر مۆجىزە ئارقىلىق ناھايىتى جىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن. جەننەت ۋە جەھەننەم ئاساس قىلىنغان ھالدا ئىمان ھەقىقەتلىرى ئۆگىتىلگەن[3]. بۇ يەردە بولغان كىشىلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەدىسلەردە تەپسىلىي زىكىر قىلىنغان. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەھەننەمدە كۆرگەن، مىستىن يارىتىلغان تىرناقلىرى بىلەن يۈز – كۆزلىرىنى تاتىلىغان خەلقنىڭ، غەيۋەت قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېيتىلغان[4].

ئۇلۇغ ئاللاھ مىراج بىلەن شەرەپلەندۈرگەن پەيغەمبىرىگە، بۇ ئەسنادا نۇرغۇن ئىنئاملارنى سوۋغا قىلغان. ھەدىسلەردە، دەسلەپتە ئەللىك ۋاقىت قىلىپ بەلگىلەنگەن ناماز، ئاللاھ تەرىپىدىن بەش ۋاقىتقا چۈشۈرۈلۈپ، قىممىتى ئەللىك ۋاقىتقا تەڭ قىلىنغان. بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى بولغان: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) ‹ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)› دەيدۇ. ئۇلار: ‹بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر› دەيدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ (ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ (جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) ‹پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن› دەيدۇ» دېگەن 285 – ۋە 286 – ئايەتلىرى مىراج كېچىسى ۋەھىي قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈممىتىدىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىمۇ بۇ كېچە بېرىلگەن[5].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ئاتا قىلغان مىراج ھادىسەسى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق  ساھابىلەرنىڭ «سىددىق» دېگەن ماقامغا يېتىشىگە ۋەسىلە بولغان. مىراج مۆئمىنلەرنىڭ مىراجى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن ناماز بىلەن تاجلاندۇرۇلغان. مۇسۇلمانلار ناماز بىلەن روھىي جەھەتتىن ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا يېتىشكە چاقىرىلغان. نامازدا ئوقۇلىدىغان ئەتتاھىياتۇ (تاھىييات)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراج كېچىسىدە ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن سالاملاشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىخلاس ۋە چىن كۆڭلىدىن قىلغان ھەر بىر نامىزىدا ئوقۇغان ئەتتاھىياتۇ بىلەن مىراجنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆئمن بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋەلەرگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.       

 

[1] مۇسلىم، ئىمان 291 - بەت

[2] بۇخارى، تەۋھىد 4 - بەت

[3] تىرمىزى تەفسىرۇل قۇرئان 17 - بەت

[4] ئەبۇ داۋۇت، ئەدەپ 35 - بەت

[5] مۇسلىم، ئىمان 279 – بەت؛ ئىبىن خانبەل 1 – جىلد 423 - بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر