كەشمىردىكى ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلۈشى

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كەشمىردە توپلىنىپ قالغان ئۇيغۇر، قازاق بولۇپ 1850 مۇساپىرنى تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشتۈرۈش يولىدا قىلغان كۈرەشلىرى.

522324
كەشمىردىكى ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلۈشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە تىلغا ئالغىنىمىزدەك، كەشمىردە توپلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاندىن قالغان ئۇيغۇرلارنى كۆچمەن قىلىپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىشقا ئاتلانغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1952 – يىلى 6 – يانۋار مىسىردىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. ئىستانبۇلدا ئۇنى ئۆزىدىن بۇرۇن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىلگىرى كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيەنىڭ بىر قانچە داڭلىق گېزىت – ژۇرناللىرىنىڭ مۇخبىر، مۇھەررىرلىرى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق كونسۇلى ما فۇلىياڭ قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋالىدۇ[1].

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار بىرلىكتە تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەشمىرگە كېلىپ توپلىشىپ قالغان ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە كۆچمەن قىلىپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپلا كۈرىشىنى باشلىۋېتىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى بەرگەن باياناتى ئەتىسى «يېڭى ئىستانبۇل گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ «تېلېگراف گېزىتى» گە بەرگەن باياناتى، گېزىت مۇخبىرى ھايرى مۇھىتتىن ئەپەندىنىڭ تەييارلىشىدا 1952 – يىلى 21 – يانۋاردىن باشلاپ ئۇدا 65 كۈن ئېلان قىلنىدۇ[2].

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1939 – يىلى تۈركىيەگە كەلگەندە[3] مۇھىم شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولغاچقا، دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەشمىردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ دەرتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار 1952 – يىلى 18 – يانۋار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىروفېسسور دوكتور فۇئات كۆپرۈلۈ بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى سۇنىدۇ[4].

  1. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» خەلقىنىڭ خىتاي ۋە رۇس كوممۇنىستلىرىغا قارشى قىلىدىغان ئىستىقلال كۈرىشىگە ياردەم قىلىشى؛
  2. پاكىستان ۋە كەشمىردە پاناھلىنىۋاتقان 1850 ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش ۋە 200 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىغا ياردەم قىلىشى؛

ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىروفېسسور دوكتور فۇئات كۆپرۈلۈ ئەپەندى ئۇلاردىن بۇ مەسىلىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن يادەم تەلەپ قىلغان – قىلمىغانلىقلىرىنى سوراپ جاۋابلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى لازىملىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت  ئىكەنلىكى[5]» نى ئېيتىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار ئارقىدىنلا بىر قاتار زىيارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇلار دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ناجى ئەپەندى، مائارىپ مىنىستىرى تەۋپىق ئىلەرى ئەپەندى، مالىيە مىنىستىرى ساھان پولاتكان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى رەفىك كورالتان، بىر قانچە مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سابىق جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنىنۆنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشاش تەلەپنى يەتكۈزىدۇ. بۇ كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تەلەپنى يەتكۈزۈپ، پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي كېڭىشى بىرىنچى بولۇپ مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرى ھەققىدە جاۋاب بېرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالارنىڭ بۇ زىيارەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئۆز خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدۇ:

«خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ۋە رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇملىرىنى تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاڭلىتىشىمىز كۆپ ئاسانغا توختىدى. ئۇچرىشىشلىرىمىزدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئىشەنمىگەنلەر بولمىدى. قىسقىسى، ئۈچ دۆلەتتە قىلغان ساياھىتىم ۋە ئۇچرىشىشلىرىمدىن پەۋقۇلئاددە خۇشالمەن. قىلغان تەشەببۇسلىرىم كۈتكىنىمدىن ياخشى نەتىجە بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، كېيىن ۋاپادار دوستلىرىمىز ۋە يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى[6]

ئەمما، شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى: «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلار ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەرگە تارقىتىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەندە، ئۆزىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ۋە تىل - يېزىقلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئۆز ۋەتىنىنىمۇ بارا – بارا ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن بىر قوشنا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەستىن، ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ئۈمىد ۋە تەسەللىي بولىدىغانلىقى[7]» پىكرىنىمۇ بېرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كەشمىردىكى ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلارغا تۈركىيەگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدىكى پىكىرنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىدۇ[8].

نىھايەت، 1952 – يىلى 13 – مارت تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مۇئامىلات ئومۇم مۇدىرلىقى قارار ماقۇللاپ، ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن             شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەر بىلەن، ھىندىستان، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن 5 مىڭ تۈركتىن 1850 تۈركنى رەسمىي كۆچمەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. مەزكۇر قارارغا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى جەلال بايار، باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەس ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئات كۆپرۈلۈ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلاردىن بولۇپ جەمئىي 15 كىشى ئىمزا قويىدۇ[9].

نەتىجىدە، 1953 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 1800 دىن ئارتۇق كىشى كەشمىردىن تۈركىيەگە كېلىدۇ. كەشمىردىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى،  بۇلغارىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەرنى قوبۇل قىلغان قانۇنغا تەدبىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلارنى 5 مىڭ لىرا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز، ئۆي ۋە يەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.  

 

[1]دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 58- بەت

[2] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 60- بەت

[3] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 62- بەت

[4] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 63- بەت

[5] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 63- بەت

[6] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 74- بەت

[7] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 62- بەت

[8] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 79- بەت

[9] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 75- بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر