ئىسلامدىكى ئۇلۇغ كۈنلەر

ئىسلامدا ھەرقانداق كۈننىڭ خاسىيىتى، پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كۈنگە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئاساسەن بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رامىزان ئېيى، قەدىر كېچىسى ۋە جۈمە كۈنى دۇئالار قوبۇل قىلىنىدىغان مۇبارەك كۈنلەر، دەپ قوبۇل قىلىنغان.

521449
ئىسلامدىكى ئۇلۇغ كۈنلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھەممە خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ دەپ بىلىدىغان بەزى ئالاھىدە كۈنلىرى بار. ئىسلام ئەنئەنىسىدىمۇ بەزى كۈنلەر باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئىسلامدا ھەرقانداق كۈننىڭ خاسىيىتى، پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كۈنگە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئاساسەن بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رامىزان ئېيى، قەدىر كېچىسى ۋە جۈمە كۈنى دۇئالار قوبۇل قىلىنىدىغان مۇبارەك كۈنلەر، دەپ قوبۇل قىلىنغان. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىمۇ بۇ كۈنلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك قىلىنغانلىقىغا ئائىت بايانلار بار. قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ۋەقەلەرمۇ بۇ كۈنلەرگە قىممەت بېغىشلىغان.

ئىسلامدا خاسىيەتلىك دەپ قوبۇل قىلىنغان ئاي، كۈن ۋە كېچىلەر، ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنلەردە مۆئمىن بەندىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار. ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىگە بۇ كۈنلەرنى گۇناھلىرىنى يۇيۇشى ياكى ساۋاپ ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت قىلىپ بەرگەن. بۇ كۈنلەر يىلنىڭ ئىچىگە تارقىتىۋېتىلگەن. شۇڭا، خاسىيەتلىك ئاي، كۈن ۋە كېچىلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى تۇرمۇشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە شەكىلدە ئىنتايىن جانلىنىدۇ. مۆئمىن بەندىنىڭ دىنىي ئېڭى ئېشىپ، ئىرادىسى كۈچىيىدۇ.

قەمەرىيە ئېيى ۋە يىلىنى ئاساس قىلغان ھىجرى كالېندارىدا، رەجەپ، شەبان ۋە رامىزان ئايلىرى «ئۈچ ئايلار» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇشىدا، بۇ ئايلاردا ئىبادىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە ئەسھابىلىرىغىمۇ بۇ ئايلاردا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بىر يىل ئچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك ئاينىڭ رامىزان ئېيى ۋە ھەج پەرزى ئادا قىلىنىدىغان زۇلھەججە ئايلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. چۈنكى بىر ئاي داۋام قىلىدىغان ۋە يىللىق ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان رامىزان بىلەن، ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلىشى پەرز قىلىنغان ھەج ئىبادىتى بۇ ئايلاردا.

ھەپتە ئىچىدە جۈمە كۈنى، ھەپتىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە بەرىكەتلىك كۈنى ھېسابلىنىدۇ. جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ھەپتىلىك ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشىدىغان ئالاھىدە يىغىلىش ۋە بايرام كۈنىدۇر. قۇرئاندا ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان جۈمە نامىزى بۇ كۈندە ئوقۇلىدۇ. يەنە كېلىپ، نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەردە جۈمە كۈنى مەدھىيەلەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسى شەرىفىدە: «قۇياش تۇغۇلغان ئەڭ خەيرىلىك كۈن – جۈمە كۈنىدۇر. ئادەم ئۇ كۈندە يارىتىلدى، ئۇ كۈنى جەننەتكە كىردى، ئۇ كۈنى يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلدى، ئۇ كۈنى تۆۋبىسى قوبۇل قىلىندى، ئۇ كۈندە ۋاپات بولدى، ئۇ كۈنى قىيامەت بولىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۆئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە ساۋاپلىرى كۆپەيتىلگەن كۈندۇر[1]» دېگەن.

جۈمە كۈنىدە مەخپىي بولغان، قىلىنغان دۇئالار چوقۇم قوبۇل بولىدىغان ۋاقىتمۇ، بۇ كۈننىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك پەيتلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان: «جۈمەدە بىر ۋاقىت بار، قايسى مۇسۇلمان بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ، ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىسە، ئۇلۇغ ئاللاھ تىلىگەن نەرسىسىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ[2]» دېگەن ھەدىسى، جۈمە كۈنىدە بۇ ۋاقىتتا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. قىلىنغان دۇئالار قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ ئېنىق بىلىنمەسلىكى، پۈتۈن بىر جۈمە كۈنىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاشۇرا كۈنى، ئەرافات كۈنى، رامىزان ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىمۇ يىل ئىچىدىكى مۇبارەك كۈنلەر ھېسابلىنىدۇ. قەدىر كېچىسى، بارات كېچىسى، مىراج كېچىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كېچە بولغان مەۋلۇت كېچىسىمۇ يىل ئىچىدىكى مۇبارەك كېچىلەردۇر. بۇ كۈنلەر ۋە كېچىلەر ئارىسىدا، ھېچ شۈبھىسىزكى، ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى قەدىر كېچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ كېچىدە چۈشۈرۈلۈشىدۇر. قۇرئاندا بۇ كېچە، مەخسۇس بىر سۈرىدە بايان قىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدە قۇرئاننىڭ قەدىر كېچىسىدە چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ[3]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «بۇ ئايدا شۇنداق بىر كېچە باركى، مىڭ ئايدىن خەيرىلىكتۇر. بۇ كېچىنىڭ خەيرىدىن مەھرۇم قالغان، مىڭ ئاينىڭ خەيرىدىن مەھرۇم قالغانغا ئوخشايدۇ[4]» دېيىش ئارقىلىق قەدىر كېچىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر كۈنلۈك ۋاقىتنىڭ ھەر بىر مىنۇت - سېكۇنتنىڭ قىممىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كېچە ئاخىرلاشقان، يېڭى كۈن تاڭ ئېتىشقا يېقىنلاشقان پەيت، يەنى ئىمساكتىن بۇرۇنقى سەھەر ۋاقتى، كېچىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆتەلگەن نەپلە نامىزى «تەھەججۈد نامىزى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ساھابىلەرنىڭ بىرى: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھقا باشقا ۋاقىتتىن تېخىمۇ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت ياكى ئالاھىدە ۋاقىت بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلۋەتتە، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ بەندىسىگە ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقىت، كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان ۋاقىتتۇر. ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھنى ياد ئەتكەنلەردىن بولۇشنى تىلىسەڭ، ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇلغان نامازغا ھازىر بولۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ[5]» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇسۇلمان كىشى ۋاقىت قارىشىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسەن بەلگىلىشى، ۋاقتىنى ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىك ئېڭى بىلەن ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ۋاقىتلارنى ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن سالغان «مەبلەغ» سۈپىتىدە كۆرۈشى كېرەك.

 

[1] مۇسلىم، جۈمە 18 - بەت

[2] بۇخارى، جۈمە 36 - بەت

[3]97 –سۈرە قەدىر، 1 – 5 - ئايەتلەر

[4]نەسائى، سىيام 5 - بەت

[5]17 – سۈرە ئىسرا، 79 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر