ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قازاق مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىشى

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھىندىستان چېگراسىغا كەلگەن يۈزلەرچە قازاق مۇھاجىرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كۆچمەن قىلىپ كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

521509
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قازاق مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشكە باشلىغاندا، مىڭلارچە ئۇيغۇر ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلقىدا، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ، ۋەتىنىنى ۋە بار – يوق ھەممە نەرسىلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈزلەرچە قازاق چارۋىچىلارمۇ ئوخشىمىغان يوللاردىن ھىندىستانغا كۆچكەن ئىدى.   

ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىرلار ئۈچۈن دەرھال ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشلىرىنى تىققۇدەك ماكان تېپىش كېرەك ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچكەن ۋە كېيىنچە كەشمىرنىڭ مەركىزىي سرىناگارغا يېتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ سانى 852 بولۇپ، بۇلاردىن 54 كىشى يولدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ۋاپات بولىدۇ[1]. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ قېلىشى ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا تۇرۇش ئىجازىتى بەرمەيدۇ ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئۇيغۇر مۇھاجىلارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىسى ئەلى تۈركگەلدى ئەپەندىمۇ ھۆكۈمەتتىن جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈش تەلىپىگە جاۋاب بەرمەيدۇ. مۇھاجىرلارنىڭ باشقا دۆلەتكە كۆچمەن بولۇش ئىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقى ئۈچۈن، يېمەك – ئىچمەك، ئوزۇق - تۈلۈكتە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. يۈزلەرچە مۇھاجىر بۇ ئەھۋالغا چىداپ بولالماي، ھەر تۈرلۈك خەتەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇر ئېلىغا قايتىپ كېتىدۇ.

بۇ ئەھۋال ئالدىدا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا سېلىش قارارىغا كېلىپ، ئۇلارنى بومبايغا ئەۋەتىدۇ.بىراق، بۇ ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن نىيۇ يورك تايمس گېزىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى مەسئۇلى شۇنداقلا يېقىن دوستى چۇمبولنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت – ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە بومبايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا چىقالماي تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ، بۇ مۇھاجىرلارنى زىيارەت قىلىپ، گېزىتنىڭ باش بېتىدە خەۋەر قىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە، تاج ماخال مېھمانخانىسىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇلىدۇ. بۇ جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ياردەم قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىغا ياردەم قىلىدۇ، قالغان قىسمىنىڭ مېھمانخانىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

خىتاي قىزىل ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋە تاغلىرىدا ياشاۋاتقان بىر قانچە يۈز قازاق چارۋىچى يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن ھىندىستاننىڭ كەشمىر چېگراسىغا كېلىپ توختايدۇ. ئۇلار چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرگە مەكتۇپ يازىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قازاق مۇھاجىرلارنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۈچ ماددىلىق تەلەپ سۇنىدۇ.

قازاق مۇھاجىرلىرى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ئالدى – كەينى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ كەشمىر چېگراسىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر 25 كىشى بولۇپ ھۈسەتىن تەيجى باشچىلىق قىلغان ئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر ھۈسەيىن تەيجى، ئەلىبېك باشچىلىقىدىكى 95 قازاق مۇھاجىرى ئىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەرگە دەلىلخان باشچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلار 200 كىشى ئىدى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قازاق مۇھاجىرلار كەشمىر چېگراسىغا يېتىپ كېلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالاردىن ياردەم سورىغاندا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قازاق مۇھاجىرلارنىڭ پاناھلىقىنى قوبۇل قىىلشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قانچە قېتىملىق قايتا – قايتا كۆرۈشۈش ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان مۇھاجىرلارنى قوبۇل قىلماسلىق شەرتى بىلەن قازاق مۇھاجىرلارنىڭ ھىندىستان ئارقىلىق باشقا دۆلەتكە چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بۇ ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەگە بېرىپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە خەلق ئىچىدىكى داڭلىق ئەرباپلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مۇنداق مەزمۇندىكى مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ:

«ھۆرمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، بۇرۇنقى خېتىمدە ئېيتقىنىمدەك، دەلىلخان ۋە ئەلىبېك باشچىلىقىدىكى 200 كىشىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن 1951 – يىلى 22 – سېنتەبىر يېڭى دېھلىغا كېلىپ، باش مىنىستىرغا مۇراجىئەت قىلدىم. 24 – ۋە 29 – سېنتەبىر ئىككى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، نايدۇ خانىم بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ بىچارىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

دەلىلخاندىن بۇرۇن چېگرادىن ئۆتكەن 95 كىشىنىڭ باشلىقى ھۈسەتىن تەيجى، سۇلتان شەرىف تەيجى ۋە ئورۇز موللىلار بىز ئۈرۈمچىدە تونۇيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار 1951 - يىلى 17 – سېنتەبىر لاداقتىن سرىناگارغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار لاداققا كەلگەندە ماڭا يازغان مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇلارنىڭ ئالدى – كەينى بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 320 كىشى ئىكەن. ئەمدى ئارقىدىن باشقىلار كەلمىسە كېرەك.

ئەمدى بۇلارغا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك تېپىش، ھىندىستاندىن باشقا ئۆلكىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى بىزنىڭ ئۈستىمىزدە. بۇ مەكتۇپنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا دەلىلخاندىن بىر تېلېگرامما تاپشۇرۇۋالدىم. مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ‹بالا – چاقام ۋە 200 ئادەم بىلەن چېگرادا ئاچ، سۇسىز ۋە كوممۇنىستلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتىمىز. مەككىگە بېرىشىمىزغا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.› مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي مەكتۇبى يازىمەن.»

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا دەلىلخان باشچىلىقىدىكى 200 قازاق مۇھاجىرىنىڭ ئەھۋالىنى يەنە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئارقىغا يانماي، قەتئىيلىك بىلەن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، ئاخىرقى تۈركۈمدىكى 200 قازاق مۇھاجىرىمۇ باشقا دۆلەتكە ئورۇنلىشىش شەرتى بىلەن كەشمىر چېگراسىدىن كىرگۈزۈلىدۇ.

 

[1] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 19- بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر