ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى سالاھىدىن ئەييۇبى

ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى قۇددۇسنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى سالاھىدىن ئەييۇبى.

520720
ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى سالاھىدىن ئەييۇبى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىدا چاقنىغان مۇھىم چولپانلاردىن بىرى قۇددۇسنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى سالاھىدىن ئەييۇبى بولۇپ، ئۇ 3 – قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدا شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پورتلار ۋە قەلئەلەرنى قوغداپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەھۇنىڭ يادىگارلىرىغا ساھىب چىققان. سالاھىدىن ئەييۇبى مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلار بىرلىكتە ياشىيالايدىغان مۇقەدددەس جاي بولغان قۇددۇستا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورناتقان ھۆكۈمداردۇر. ئۇنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشىدا، ئۇنىڭ ئادالەتنى ياقىلاپ ۋە تىنچلىقنى شوئار قىلىپ يۈرگۈزگەن سىياسىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ قۇددۇسنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمدىمۇ زىكرى قىلىنغان مەسجىدى ئەقسانىڭ پەتھى قىلغۇچىسىدۇر. مەھمەت ئاكىف ئەرسويغا كۆرە، ئۇ شەرق خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆكۈمداردۇر.

سالاھىدىن ئەييۇبى 1138 – يىلى تىكرىتتە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئەييۇبى سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ئاتابېگى بولغان ئىمادەددىن زەنگىگە قاراشلىق بائالبېگ ۋالىيسى ئىدى. سالاھىدىن ئەييۇبى بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان. دەسلەپتە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىشلىرى ئاتىسىنىڭ بائالبېگ ۋالىيلىقى دەۋرىدە تاماملانغان. كېيىنچە ئائىلىسىنىڭ نۇرەددىن مەھمۇد زەنگىگە خىزمەت قىلىپ، دەمەشققە كېتىشى بىلەن ياشلىق دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوقۇشىنى دەمەشقتە ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ، بىرقاتار سىياسىي ۋە ھەربىي تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان.

سالاھىدىن ئەييۇبىنىڭ تەجرىبىسى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ ھەربىي جەھەتتىن قۇددۇسنى ئىستېلا قىلىشى ۋە مەسجىدى ئەقسادىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن بارغانسېرى موللاشقان. ئەھلى سەلىپلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسانى بېسىۋېلىشى، ئۇنىڭ ئىلىم – مەرىپەتكە بولغان قىزغىنلىقىغا قارىماي، سىياسىي ھاياتقا قەدەم تاشلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

سالاھىدىن ئەييۇبىنىڭ دۆلەت ھاياتىدىكى تۇنجى ۋەزىپىسى دەمەشق شۇرتا ئەمىرلىكى بولۇپ، كېيىنچە تاغىسى شىركۇھ بىلەن بىرلىكتە مىسىرغا قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغان. تاغىسى بىلەن بىرلىكتە مىسىردىكى تەخت تالىشىش ئىشلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە مۇداخىلە قىلىشى، ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. مىسىرغا قىلىنغان بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتىن كېيىن ئۆز زامانىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولغان دەمەشقتە دۆلەت ئەربابى بولغان. كېيىنكى ھەربىي يۈرۈشلەر جەريانىدا سالاھىدىن ئەييۇبى ۋە ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ قوشۇن بىلەن بىرلىكتە مىسىرغا بېرىشى، فاتىمىيلار سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى شاۋەرنىڭ ئەھلى سەلىپلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا سەۋەب بولغان. كېيىنچە سالاھىدىن ئەييۇبى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى نىل دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىسكەندەرىيەنى ئالغان. ئارقىدىن قۇددۇس پادىشاھقى ئامائۇرى ۋە فاتىمىيلار سۇلالىسى قىسىملىرى قانچىلىغان قېتىم سالاھىدىن ئەييۇبىنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن. 1168 – يىلى نۇرەددىن مەھمۇد زەنگىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن سالاھىدىن ئەييۇبى ۋە فاتىمىيلار ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان چاغدا، قۇددۇستىكى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ پادىشاھى ياۋروپادىن قايتىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. ياۋروپانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەھلى سەلىپلەر دىميات بىلەن غەززەنى بېسىۋالغان. سالاھىدىن ئەييۇبى بولسا مىسىر ۋە ئەتراپىنى ئەھلى سەلىپلەردىن قوغداش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسسەتكەن.

1169 – يىلى فاتىمىيلار خەلىپىسى ئادىدنىڭ ئۆز ۋەزىرى شاۋەرنى ئۆلتۈرگۈزۈشىدىن كېيىن، سالاھىدىننىڭ تاغىسى شىركۇھ ۋەزىر بولغان. شۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شىركۇھ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا 32 ياشقا قەدەم قويغان سالاھىدىن فاتىمىيلار سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن.

سالاھىدىننىڭ قوشۇنىدا قىپچاق مەملۇكىيلار ئەسكەرلىرى، ئانادولۇ، ئىراق ۋە سۈرىيەدىن كەلگەن ئەسكەرلەر، 50 مىڭ مىسىرلىق ۋە سۇدانلىق ئەسكەرلەر بار ئىدى. دەسلەپتە سالاھىدىننىڭ قوشۇنىغا قاتناشقان ئەرمەنى ئوقچىلار ئەترىتى كېيىنچە سالاھىدىنغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. يەرلىك مىسىر ئەسكەرلىرىنىڭ بىر تارمىقىمۇ ئىسيانغا قاتناشقان. بۇ سالاھىدىنغا قارشى ئىشلىتىلگەن نۇرغۇنلىغان سۈيىقەستلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ۋە چوڭى ئىدى. خەلق بولسا ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ مىسىرغا كېلىشىنى  ھۇزۇر ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئىشارىتى دەپ قارايتتى. دەرۋەقە، ئۇ ئېسىل ئەخلاقى ۋە ھەمىشە خەلقنى تەسكىن تاپقۇزۇشقا تىرىشىشتەك ئالىيجانابلىقى بىلەن ھەممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىدى. سالاھىدىن   ئەھلى سەلىپ قوشۇنىنى مىسىردىن چېكىندۈرگەن قوشۇنىنى تېخىمۇ زورايتىپ ۋە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرگەن.

مىسىردا ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان سالاھىدىن ئۆزىگە قارشى قۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان تۇزاقلار ۋە ھىيلە ـ مىكىرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر تەرەپ قىلغان. ئارقىدىن ھىتتىن ئۇرۇشىدىن كېيىن 1187 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى قۇددۇسنى پەتھى قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، قۇددۇسنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەھۇدىن قالغان «ئەمىن شەھەر» لىك ئۇنۋانىنى يېڭىلاپ، قايتىدىن ئادالەتنى ياقىلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1193 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر قۇددۇس، دەمەشق ۋە ھەلەبنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. كېيىنچە مېڭە پەردە ياللۇغى كېسەللىكى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاب ۋە دەمەشقتە دەپنە قىلىنغان. تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەشھۇر چولپىنىنى چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ۋە سېغىنىشلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر