1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى كۆچ

كومپارتىيەنىڭ قىزىل ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرىغا چىققان 1- قېتىملىق كۆچ دولقۇنى.

520681
1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى كۆچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1939 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ پولشاغا بېسىپ كىرىشى بىلەن باشلانغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى، 1945 – يىلى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكىنىڭ تاشلىغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ تەسىرىدە 1945 – يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە شەرتسىز تەسلىم بولۇشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، جياڭجېيشى رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. يەنە بىرى بولسا، خىتاي كومپارتىيەسى بولۇپ، يەنئەننى مەركەز قىلاتتى. 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى بىر قانچە قېتىم تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، نەتىجە بەرمەي 1946 – يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىدۇ. بىر قانچە قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلاردىن كېيىن، ياپونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھالسىراپ قالغان گومىنداڭ ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ شۇنچە كۈچەپ يۆلەشلىرىگە قارىماي مەغلۇپ بولىدۇ. نەتىجىدە 1949 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر ماۋزېدۇڭ باشچىلقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى بېيجىڭدا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئۇنداق بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ئىدى؟

بۇ ۋاقىتتا، ماناس دەرياسىنى چېگرا قىلغان  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى ئىدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1949 – يىلى 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئارمىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر خىل ياردەملەرنى قىلغان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى يېڭىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا يۈزلەنگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى چۈشىنىپ يېتىپ، 1949 – يىلى 9 –ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدۇ. 1 – ئۆكتەبىر، يەنى ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالار قەشقەردە پاسپورت قاتارلىق رەسميەتلىرىنى بېجىرىپ، ھىندىستانغا قاراپ ھىجرەت قىلىدۇ. بۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت بولۇپ ھېسابلىناتتى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار 1949 – يىلى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى لاداققا يېتىپ كېلىدۇ.    بۇ جەرياندا، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ، ۋەتىنىنى ۋە بار – يوق ھەممە نەرسىلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلارچە ئۇيغۇر كەشمىرگە توپلانغان ئىدى. مانا بۇ كۆچ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەندىن كېيىن باشلانغان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچ ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ئۈچۈن دەرھال ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشلىرىنى تىققۇدەك ماكان تېپىش كېرەك ئىدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كەشمىرنىڭ مەركىزىي سرىناگارغا يېتىپ كېلىپ، بىر قانچە كۈن ئۆتمەي بىر قىزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ يۇرتىدىن، ئۆي – ماكانلىرىدىن، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلغان؛ بىر تەرەپتىن، ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان، يەنە بىر تەرەپتىن، مىسلىسىز دەرت – ئەلەملەر ۋە زىيان – زەخمەتلەرگە ئۇچرىغان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىزىنىڭ ھەسرىتىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كۆمۈپ قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقا كىرىشىپ كېتىدۇ[1].

 1950 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەشمىردىكى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بىلەن كۆرۈشۈپ، لاداقتا قالغان يۇرتداشلىرىنى سرىناگارغا ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشىدۇ[2].

 ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىردىكى ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ يولدا چەككەن ئازاپ – ئوقۇبەتلىرىنى، كۆچۈشتىكى سەۋەبلەرنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا كەشمىردىكى مۇھاجىرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ[3].

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تۈركىيەنىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىسى ئەلى تۈركگەلدى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلىپىنى سۇنىدۇ[4]:

1 – مۇمكىن بولسا، ھىندىستان ۋە كەشمىر ھۆكۈمىتىگە، بىزگە قىلغان ياردەملىرى ۋە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش تەۋسىيە قىلىنسا؛

2- تۈركىيە ھۆكۈمىتى كەشمىردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى رەسمىي كۆچمەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا؛

3 – تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتسا ۋە مۇھاجىرلارغا ماددىي ياردەم قىلسا.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە سەپداشلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ بارغان جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم بېرىدۇ ۋە 1952 – يىلى شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە، مىڭدىن ئارتۇق كەشمىردە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىر تۈركىيەگە ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنىدۇ.

 

[1] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 14- بەت

[2] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 16- بەت

[3] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 12-13 - بەت

[4] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 14- بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر