20-ئەسىردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1)

چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تېمىسى خېلى بۇرۇن قولغان ئېلىنغان ۋە مەخسۇس بىر ئىلمىي كىتاب نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن توقۇلما بايانلار، خاتا مەلۇماتلار ۋە ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.

516649
20-ئەسىردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933) شېھىت بولغاندىن كېيىن ئەسەرلىرى تۇنجى بولۇپ، 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان[1]. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ژۇرناللاردىن «شەرق يۇلتۇزى» ۋە تەيۋەندە نەشىر قىلىنغان بىر ئۇيغۇرچە ژۇرنالدا شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان[2]. 1970 - يىللاردا ئۆزبېكچە نەشر قىلىنغان «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «بەر مەدەت»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد» ماۋزۇلۇق بىرنەچچە شېئىرى بېرىلگەن[3]. 1979-يىلدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى «تارىم»، «تۇرپان»، «بۇلاق»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق نەشرى ئەپكارلاردا يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «كەلگۈسىنىڭ شائىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى»  قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە بىر بالىلار رەسىملىك كىتابى نەشىر قىلىنغان. مۇھەممەد شاھنىياز يازغان «كەلگۈسىنىڭ شائىرى» ناملىق كىتابتا، شائىرنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى قەلەمگە ئېلىنغان. كىتابتىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 8 يېشىدا «قۇرئان»نى يادىلاپ بولغانلىقىنى، 1912-يىلغىچە تۇرپاندىكى داڭلىق ئۆلىما ھەمدۇللاھ داموللامدا ئوقۇپ ئۇيغۇر دىۋان ئەدەبىياتىنى ۋە ئەرەب پارىسچىنى پىششىق ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاندىن قازاندىن تەكلىپ قىلىنغان ھەيدەر سايرانى ۋە ئەلى ئىبرايىموفلاردا پەندە ئوقۇغانلىقىنى بىلىمىز. خېۋىر تۆمۈر يازغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق كىتاب ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش بىلەن ئۆتكەن ياشلىق ھاياتىنى ۋە ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن شېھىتلىك ماماتىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» تەتقىقات كىتابى بولۇپ، 27 پارچە ماقالە ۋە ئەسلىمىلەردىن تەركىپ تاپقان. ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن پەرقسىز بولۇپ، ئىچىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئەسلىمىسى بەكمۇ قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى 2008-يىلى تۈركىيەدە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان.

 مەلۇمكى، چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تېمىسى خېلى بۇرۇن قولغان ئېلىنغان ۋە مەخسۇس بىر ئىلمىي كىتاب نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن توقۇلما بايانلار، خاتا مەلۇماتلار ۋە ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. ئالدى بىلەن، شائىرنىڭ تەرجىمھالىغا باققىنىمىزدا بەزى شۈبھىلىك نۇقتىلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. مەسىلەن، «ئاچىل» دا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى سوۋېتتا ئوقۇش جەريانىدا سوۋېت سوتسىيالىستىك يازغۇچىسى ماكسىم گوركىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دېيىلگەن ۋە «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» دېگەن كىتابتا، ئۇنى ماركىسىزملىق ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇلغان. چۈنكى «1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە ئۈچ يىل تۇرۇپ، بىلىم تەھسىل قىلدى، يەنى 1919 - يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدە موسكۋادا قۇرۇلغان «شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 1921 – يىلى تەسىس قىلىنغان جۇڭگو سىنىپىدا ئوقۇدى»[4] دېيىلگەن. ئىزدىنىش جەريانىدا، بۇنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بىرى، مەزكۇر ئۇنىۋېرىستېتنىڭ جۇڭگو سىنىپىغا ئەزەلدىن ئۇيغۇر قوبۇل قىلىنمىغان. يەنە بىرى، 1923-يىلدىن 1926-يىلغىچە شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرىستېتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمىغان.[5] ئۇ چاغلار ياڭ زېڭشىننىڭ سوۋېت بىلەن «ئۆزئارا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئۆكتىچىلىككە يول قويماسلىق» ھەققىدە بىتىملەشكەن دەۋر ئىدى. شۇڭا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سودىگەر سالاھىيىتىدە چىقىپ رۇسچە ئۆگەنگەنلىكى ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن، قالدىسى رىۋايەت. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ھەرخىل مەلۇماتلار بېرىلگەن. 70 پارچىدىن ئارتۇق دېگەنلەرمۇ 200 پارچىدىن ئارتۇق دېگەنلەرمۇ، ھەتتا 250 دىن ئارتۇق دېگەنلەرمۇ بار. ئەمەلىيەتتە «ئاچىل» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر 52 پارچە. نېمە ئۈچۈنكىن شائىر 1923- يىلى يازغان بىر پارچە ھىكايە بىرىنچى قېتىم نەشىر قىلىغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ ئىككىنچى نەشىرى بولغان «ئاچىل» غا كىرگۈزۈلمەي قالغان. شۇڭا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىلمىي بىر تەرجىمھالىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش تەتقىقاتنىڭ بىرىنچىى قەدىمى ھىسابلانسا كېرەك.

ئۇيغۇرلاردا 80-يىللاردىن كېيىن باشلانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا شائىر ئەسەرلىرىگە ئىدىيە يۈكلەش خاھىشى ئېغىر بولغان. ئىزدىنىشلەردە، كوممۇنىستىك جۇڭگودا قوللىنىلغان ماركىسىزملىق ئەدەبىيات چۈشەنچىسى يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ماكان ۋە زامان چەكلىمىلىكى سەۋەبلىك ئەسەرلەرنى تەييار قىلىپلارغا سېلىپ باھالىغان، ياكى شۇنىڭغا مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنى ئەۋج ئالدۇرغان خەلقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك شائىر بولۇپ، يېڭى زامان دېموكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرىدۇر[6].» بۇ باھا جۇڭگودا ئەدەبىياتنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىغا بېرىلگەن قىلىپلاشقان باھانىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، شائىر ئەسەرلىرى مۇشۇ باھاغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار شائىرنى دېموكراتىك ئىدىيەنىڭ بايراقدارى دېيىش ئۈچۈن تۇرپاندا كاپىتالىزم بىخلىرى شەكىللەنگەن دېيىشكە مەجبۇر بولغان[7]. چۈنكى ماركىسىزمچىلارچە دېموكراتىك ئىدىيە كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى.

 


[1] «ئاچىل» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى  27-بەت

[2] بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ سىڭلىسى خەلىچىخان ئايلا (ھەدە) 1986 – يىلى ھەجگە بارغاندا، باھاۋىدىن ھاجى ئارقىلىق بىر كونا ژۇرنالدىن كۆچۈرۈۋالغان. مەزكۇر ژۇرنال خېلى بۇرۇن تەيۋەندە ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ دۇرنالدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغانىكەن. («ئاچىل» 97-بەت) .

 

[3] يۇقارقى كىتاب 13-بەت

[4] . «ئاچىل» شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 5-بەت

[6] «ئاچىل»،8 -بەت

[7] «ئا.ئۇيغۇرنىڭ ئورنى» 53-بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر