تەقدىر ۋە قازاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ ماھىيىتى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ئىرادە سۈپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم بولغان تەقدىر، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە ۋەقەلەرنى مۇئەييەن نىزام ۋە ئۆلچەمگە ئاساسەن بارلىققا كەلتۈرگەن مۇقەددەس قانۇننى كۆرسىتىدۇ.

514455
تەقدىر ۋە قازاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ ماھىيىتى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تەقدىر بىر ئىشنى ئۆلچەمگە ئاساسەن قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە دىنىي تېرمىنلەردە،  «ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن ئەبەدىيلىككىچە تەقدىر بولىدىغان شەيئىلەرنىڭ قەيەردە، قانداق شەكىلدە ۋە قاچان بولىدىغانلىقىنى، ئەزەلى ئىلمى بىلەن بىلىپ، ئۇ شەكىلدە تەقدىر قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ئىرادە سۈپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم بولغان تەقدىر، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە ۋەقەلەرنى مۇئەييەن نىزام ۋە ئۆلچەمگە ئاساسەن بارلىققا كەلتۈرگەن مۇقەددەس قانۇننى كۆرسىتىدۇ. بارلىق مەخلۇقاتلار زامان، ماكان ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ فۇرقان سۈرىسىنىڭ 2 – ئايىتىدە، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

« ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى[2]. »

رەد سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

« ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر[8].»  

ھۆكۈم ۋە يارىتىش مەنىسىگە ئىگە قازا - ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەزەلدە تەقدىر ۋە ئىرادە قىلغان شەيئىلەرنىڭ، ۋاقتى كەلگەندە ئەزەلى ئىلىم، ئىرادە ۋە تەقدىرگە ئۇيغۇن ھالدا مەيدانغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. قازا ئاللاھنىڭ يارىتىش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئىككى باسقۇچ بار. بىرىنچى، ئاللاھنىڭ يارىتىلغانلار ھەققىدىكى ھۆكمى ۋە ئۇنى بەلگىلىشى؛ ئىككىنچى، زامان ئىچىدە شەيئىلەرنىڭ بۇ تەقدىرگە ئاساسەن يارىتىلىشىدۇر.

ئىمان ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان تەقدىرگە ۋە قازاغا ئىشىنىش، خەيرىلىك بىلەن شەررى، ياخشى بىلەن يامان، ئاچچىق بىلەن تاتلىق، جانلىق بىلەن جانسىز ھەممە شەيئىنىڭ، ئاللاھنىڭ بىلىشى، تىلىشى، قۇدرىتى ۋە يارىتىشى بىلەن بولغانلىقىغا، ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىش دېگەنلىك بولىدۇ.      

ئىسلام پىكرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ھەممە شەيئىي، ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىرادىسى ۋە يارىتىشى بىلەن بولىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن تاللايدىغان شەيئىلەرنىڭ قەيەردە ۋە قانداق ئۇسۇلدا تاللىنىدىغانلىقىنى زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇتلەق ئىلمى بىلەن بىلىدۇ. ئاللاھ بەندىسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بىلەن يارىتىدۇ. ئاللاھنىڭ بىر شەيئىنى بىلىشى، بەندىسىنىڭ تاللاش ئىرادىسىگە مەجبۇرلاش تەسىرىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىنسانلار ھەرقانداق ئىشتا تاللاش ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئىنسانلار تەقدىرنى باھانە قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئىنسان بەزىدە ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بىر قاتار ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەدىد سۈرىسىنىڭ 22 - ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

«يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر[22]. »

تەۋبە سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

« ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)»[51].  كىشىنىڭ ئىرادىسى سىرتىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە، كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. ئەمما، ئېلىنىدىغان تەدبىرلەردە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. سەۋەب قىلماسلىق ۋە تەدبىرىنى ئالماسلىق، ئىسلامنىڭ تەقدىر كۆزقارىشىغا ماس كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش توغرىسىدا قاتتىق تەكىتلىك سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغان[1].

ئىسلام ئالىملىرى تەقدىر توغرىسىدا توختالغاندا، ئىچكى يۈزىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان سىر، دەپ قارايدۇ. چۈنكى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ئىنسان ئەقلىنىڭ، چەكسىز ئىلاھىي ئىلىم، ئىرادە ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى بىلەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. تەقدىر مەسىلىسىنى ئېنىق قىلىپ يېشىشكە تىرىشىش، نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقدىر مەسىلىسىنى تالاش – تارتىش قىلغان ئەسھابىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە بۇ توغرىدا مۇنازىرە قىلماسلىقنى توغرا تاپقان[2].   

ئىسلام تەقدىرگە ئىشىنىشنى ئېتىقاد ئاساسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بەلگىلىگەن. ئەمما، ئەمەلنى تەرك ئېتىشنى، ھۇرۇنلۇقنى چەكلىگەن. ئىسلام ئەنئەنىسى «ھەر ياخشىلىقنىڭ ئاللاھتىن، ھەر يامانلىقنىڭ نەپىستىن[3]» كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقاراشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. نىسا سۈرىسىنىڭ 79 – ئايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

« (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتلىققا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[79].»

شۇڭا، تەقدىرگە ئىشىنىش، مۇسۇلمانلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. تەقدىرگە ئىشىنىش، كائىناتتا ھەربىر شەيئىنىڭ مۇئەييەن تەرتىپ، پىلان ۋە قانۇنىيەت دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئېتىقاد ئىنساننى ئىزچىل ۋە قانۇنىيەتلىك ھالدا ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداقلا بىر غايە ۋە نىشانغا يۈزلەندۈرىدۇ.

تەقدىرگە ئىشىنىش، ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھۆر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ئاساس، دۇنيادا پىكىر ۋە چۈشەنچە ئەركىنلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

تەقدىرگە ئىشىنىش، ھەرقانداق شەيئىنىڭ بىر ھېكمەت دائىرىسىدە يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئارقىسىدا بىر قۇدرەت ئىگىسىنىڭ بارلىقىنى ئۆگىتىدۇ. مۇسۇلمان يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بۇ ھېكمەتنى ئىزدەيدۇ. قىيىنچىلىقلار قارشىسىدا ئۈمىدسىزلىككە پاتمايدۇ. غەلىبە قىلغاندا بولسا، غۇرۇرلىنىپ كىبرلەنمەيدۇ.  ياخشىلىققا ۋەسىلە بولۇشنى، ئاللاھنىڭ تەقدىرى دەپ ئىشىنىدۇ.

ھەربىر شەيئىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشى، ئاللاھتىن كەلگەن ئاچچىق ۋە تاتلىق ھەممە نەرسىگە رازى بولىدۇ. ھاياتىدىكى ئېغىر يۈكلەردىن قۇتۇلۇپ، روھىي دۇنياسىدا خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «تەقدىرگە ئىمان ئېيتقان كىشى، غەم – قايغۇلاردىن يىراق بولىدۇ» دەيدۇ.   

 


[1] تىرمىزى، سىفاتۇل قىيامە 60 - بەت

[2] تىرمىزى، تەقدىر 1 - جىلد

[3] سۈرە نىسا 79 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر