ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئىلم ساھەسىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن ئاتالغۇ ئىككى خىل مەنىدە كېلىدۇ. بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەدەبىيات، يەنە بىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدۇر.

511274
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈركىيەدە

1.     ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈرك ئىلىم مۇنبەرلىرىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ئىلم ساھەسىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن ئاتالغۇ ئىككى خىل مەنىدە كېلىدۇ. بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەدەبىيات، يەنە بىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدۇر. 20 - ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇن تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى، ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى(744-840) ۋە قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (840-1335) ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدە كۆزدە تۇتقىنى، قەدىمكى (ئەسكى) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپ، كۆپىنچە ئومۇمىي تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ ھىسابلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئادەتتە قەدىمكى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر باسقۇچى ئىبارىسى بىلەن قەلەمگە ئېلىناتتى. نۆۋەتتە، تۈركىيەدە بىلىم ئادەملىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» نىمۇ كۆرسىتىدىغان بولدى. چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا، تۈركىيەدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، قۇتلۇق شەۋقى، زۇنۇن قادىر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇم ئەزىزى، ئىبراھىم تۇردى، تۇرغۇن ئالماس، زىيا سەمەدى، ئەھمەت زىيائىي، نىمشېھىت، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىجتىھاتلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى سانىلىدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرى، ئەھمەت يۈكنەكى، نەسرىددىن رابغۇزى، ئەلشىر نەۋايى قاتارلىق شەخسلەر تۈركىيەدە ئورتاق تۇرك ئەدەبىياتى دائىرىسىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىلا «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەپ ئاتاپ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىرىنى پەرقلىق ھالدا «يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال كۆپرەك كۆزگە چېلىقماقتا.

   20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۈچىيىشكە باشلىدى. سەۋەبى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۇنىۋېرىستىتلاردا چاغداش تۈرك تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلىتېتى قۇرۇلدى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئەدەبىياتىمۇ بىر كەسىپ قىلىپ تەسىس قىلىندى. نەتىجىدە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېمىسى بويىچە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىستېرتاتسىيەلىرى تەييارلىنىپ ياقىلانماقتا. مەسىلەن، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھەققىدە ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىم ۋە ئۆزگۈرئاي ئەپەندى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە ئەھمەت قارامان، زۇنۇن قادىر ھەققىدە لەۋەنت دوغان دوكتورلۇق ماقالىسى يازغان، نىمشېھىت ھەققىدە نەۋشەھىر ئۇنىۋېرىستېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نەشە ھاربالىئوغلۇ خانىمنىڭ مەخسۇس تەتقىقات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. تۈركىيەدە چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدەنگەن كىشىلەردىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سۇلتان مەھمۇت قەشقەرى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە ئەركىن ئەمەتلەرنى ساناش مۇمكىن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، تۈركىيەدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى تەتقىقات كەڭرىلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ شۇڭغىماقتا. مەسىلەن، ئۆتكۈرنىڭ شىئېرلىرى ھەققىدە ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىم دوكتورلۇق ماقالىسى يازغان ۋە ئىككى قىسىملىق «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر شىئېرلىرى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان بولسا، ئۆزگۈر ئاي ئىسىملىك يەنە بىر دوكتورمۇ شائىرىمىزنىڭ «ئىز» رومانىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ دوكتورلۇق ماقالىسى يازغان. كۈنىمىزدە ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستانى ۋە بىر قىسىم شىئېرلىرى ھەققىدە ئايرىم تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىلماقتا.

     تۈركىيەدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلاردا 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ئەدىپلەر ئوبيېكىت قىلىنغان بولسا، ھازىر 80-يىللاردىن كېيىن نەتىجە قازانغانلارمۇ دىققەت تارتىشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «تەكە» ئىلمىي ژۇرنىلىدا، «ئۇيغۇر شائىرى بوغدا ئابدۇللاھ» تېمىلىق بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى ئافيون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئەھمەت قارامان ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە دوكتورلۇق دىستېرتاتسىيەسى تەييارلاپ ياقىلىغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلماقتا. ئۇنىڭ بوغدا ئابدۇللاھ ھەققىدىكى تەتقىقاتى خېلىلا چوڭقۇرلىغان بولۇپ، شائىرنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدىكى  ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلەپ، تۈرك شائىرى يەھيا كەمال بەياتلىغا سېلىشتۇرىدۇ. چۈنكى يەھيا كەمالمۇ بوغدا ئابدۇللاھ «سالغا تېشى» ناملىق لىرىك داستانىدا يازغاندەك، «بىز ئۆتمۈشكە يىلتىزلىغان كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز» دېگەنىكەن. دوكتور ئەھمەت قارامان يەنە، مەمەتجان راشىدىن ھەققىدىمۇ ئىزەدەنگەن. ھازىر ۋاھىتجان ئوسمان ئۈستىدە تەتقىقات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، بولۇپمۇ شائىرنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ۋە «قىرىق يۈرەك» ناملىق ئىككى شېئىرلار توپلىمى تەتقىقاتچىمىزنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتقان.

ئۇندىن باشقا يەنە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى چاغداش تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ «چاقچاقچى ھېسام قۇربان» ناملىق ئەمگىكىمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا مەنسۇپ نەتىجە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر تۈرك مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ۋە ئۇ باشلىغان لەتىپىچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تۈرك دۇنياسىغا ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر.

تۈركىيەدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتنىڭ كۈچىيىشىگە، ئۇنىۋېرىستېتلاردا چاغداش تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ شۇ فاكۇلتېتلاردا دەرسلىك قىلىنىشى بىۋاستە ۋە ئاساسلىق سەۋەب بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ سەھىپىلىرىدىن چۈشمەي كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىدە ئۇيغۇر تېمىسىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشىنىمۇ، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يەنە بىر سەۋەب دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ كۆزى ئۇيغۇرلارغا تىكىلگەن مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق سەۋىيەگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، تۈركىيەدە بۈگۈنگىچە بىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى نەشىر قىلىنمىدى. تەتقىقات ھازىرغىچە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەدىپلىرى يازغان ئەسەرلەرگە بەكرەك مەركەزلىشىپ قالدى. ئىزدىنىشلەردە ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش، تەرجىمە قىلىش ۋە ئوقۇلغۇسىنى بېرىپ ئىزاھلاش ئاساس قىلىنىپ تەپسىلىي تەتقىقاتتا ئىلگىرىلەش ئاستا بولدى. 80-يىللاردىن كېيىن پارلىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرگە ئېلىنمىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىللىرى بولغان زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرمۇھەممەت توختى، خالىدە ئىسرائىل، مەھەممەت باغراش، ئوسمانجان ساۋۇت، ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ھىچبىر تەتقىقات يۈرگۈزۈلمىدى. باشقىسىنى قويۇپ ئۆزىمىزگە قوشنا بولغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدىكى تەتقىقاتىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋە ئەدىپلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر