كىتابلارغا ئىشىنىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

ئاللاھ ئۆز كالامى بولغان كىتابلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسەتكەن، ھەق – ھوقۇقلىرىنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى، ھەق بىلەن باتىلنى بىلدۈرگەن.

510515
كىتابلارغا ئىشىنىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاللاھنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان دىيالوگى پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەھىي چۈشۈرۈش ئارقىلىق بولغان. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋەھىي ئارقىلىق ئىنسانلارغا يېتىپ كەلگەن. ئاللاھ ئۆز كالامى بولغان كىتابلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسەتكەن، ھەق – ھوقۇقلىرىنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى، ھەق بىلەن باتىلنى بىلدۈرگەن. ئىلاھىي كىتابلار ئاللاھنىڭ مۇقەددەس قانۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئىلاھىي كىتابلار ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئەڭ مۇھىم لۇتۇفلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىگە چۈشۈرگەن ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش، ئىمان ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. كىتابلارغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ توغرىلىقىغا ۋە راستلىقىغا ئىمان ئېيتقانلىق بولىدۇ.

كىتابلارغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىغان پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىر قىسمىغا كىتابلار بەرگەنلىكىنى، بۇ كىتابلارنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ.

كىتابقا ئىشىنىش، ھاياتىنى ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش، ھۆكۈملىرىنى كەم – كۈتسىز ئورۇنلاشقا تىرىشىش دېگەنلىك بولىدۇ.  

ئۇلۇغ ئاللاھ، «كىمكى ئاللاھنى، پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا بولغان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق كىتابلارغا ئىشەنمەسلىكنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىلاھىي كىتابلار ئاللاھنىڭ كالام دېگەن سۈپىتىنىڭ ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرگەن خۇش خەۋىرىنىڭ كونكرېت شەكلىدۇر. پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنى ئىلاھىي كىتاب دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب، بۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكى، سۆز ۋە مەزمۇنىدا ئىنسانلارنىڭ سۆزىنىڭ يوق بولۇشىدۇر. بارلىق ئىلاھىي كىتابلار ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. مەنبەسى ۋە خۇش خەۋىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق، ئەمما بۇ يەردە قۇرئان كەرىمدىن باشقا ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگىنىنى ئېيتىش زۆرۈر. قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن قانداق چۈشۈرۈلگەن بولسا، شۇ پېتى ساقلاپ قىلىنغان ۋە قىيامەتكىچە قوغدىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن. ئاللاھنىڭ كىتابلىرى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يېزىققا ئايلانغان شەكلىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كىتابلىرى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ باشقا سۆزلەرگە قارىغاندا ئۇلۇغلۇقى، ئاللاھنىڭ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدىن ئۇلۇغلىقىغا ئوخشايدۇ.»

يەنە بىر ھەدىسى شەرىفتە ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، ئۇنىڭ سۆزىدىن ئۇلۇغ ھېچقانداق سۆز يوق، بەندىلىرىمۇ ئاللاھقا ئۇنىڭ سۆزىدىن تېخىمۇ يېقىملىق سۆز بىلەن جاۋاب بېرەلمەيدۇ.»

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن كىتابلىرىدا، ئىنساننىڭ رەببىنى توغرا تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەرگە كۆپ ئورۇن ئاجراتقان. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر، بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبە – ساۋاقلىرى، دۇنيا ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم دەستۇرلار ۋە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ماھىيىتى قاتارلىق تېمىلار، ئىلاھىي كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلاھىي كىتابلاردا تەكىتلىگىنىدەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بەرگەن.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، تەۋرات مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، زەبۇر داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا، ئىنجىل ئىسا ئەلەيھىسسالامغا، قۇرئان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا 10، شىت ئەلەيھىسسالامغا 50، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا 30، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەت پەندى – نەسىھەت چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئاندىن خەۋەر تاپقان بارلىق ئىنسانلار، بۇ ئىلاھىي چاقىرىقنىڭ ئوبيېكتى بولۇش سۈپىتىدە ئاللاھ ئەۋەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ۋە ئەڭ ئاخىرقى كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈشكە مەجبۇر.

قۇرئان قىيامەتكىچە كېلىدىغان بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدىغان كۆرسەتمە ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەت ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاب بولغان قۇرئاننىڭ ھىدايەت ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆز تەجرىبىسى ۋە ئەقلىنىڭ يول كۆرسىتىشىگە قويۇپ بېرىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە شۇنداق نەرسىنى ئامانەت قويۇپ كېتىمەنكى، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىپ، كۆرسەتكەن يولىدىن ھەرگىزمۇ چىقىپ كەتمەڭلار، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۈممىتىگە ئامانەت قىلىپ كەتكەن ئەڭ چوڭ مىراسىنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن.

ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئەۋەتىلىش ھېكمەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

«ئىلاھىي كىتابلار ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقكە يېتەكلىگۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش، تەبىئەت بىلەن توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانلار ئۆزئارا بىرلىكتە ياشاشنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرى ۋە ئاساسلىرى بۇ قوللانمىلاردا بايان قىلىنىدۇ.

ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بۇ كىتابلار سايسىدە ئۆگىنىمىز. بۇ كىتابلار بولمىسا ئىدى، ئىنسانلار ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان پىرىنسىپلاردىن مەھرۇم قالغان بولاتتى. يارىتىلىشتىكى ھېكمەتلەردىن، مەسئۇلىيەتلىرىدىن، ۋەزىپىلىرىدىن ۋە ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىن قۇرۇق قالغان بولاتتى.

ئىلاھىي كىتابلار ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋەھىي ۋە ۋەز - نەسىھەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارى بىلەن بىلەلمەيدىغان ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزى ھەققىدىكى ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى، ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئاقىۋەتنى ۋە نەپسىدىن قانداق غالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ كىتابلار بېرىلمىگەن بولسا ئىدى، ئادەم ئوغلى كەچمىشىنى ۋە كېلەچىكىنى بىلەلمىگەن، ئىمتىھاندىن ئىبارەت بولغان بۇ دۇنيا ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەرگە دۇچار بولغان بولاتتى.

ئىلاھىي كىتابلار ئىنسانلار ئىچىدىن تاللانغان بىر پەيغەمبەر ۋاستىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ۋە ئىلاھىي بۇيرۇقلارمۇ تۇنجى بولۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان. بۇ ئىلاھىي كىتابلاردىكى ھۆكۈملەرنىڭ ھاياتىمىزدا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئىلاھىي كىتابلار پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا مۇراجىئەت قىلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىدىن خەۋەر تاپىدۇ. كىشى ۋە كىشىلەر توپىدىن شەكىللەنگەن جەمئىيەت ھاياتى ئىلاھىي كىتابلار بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.               



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر